چاسا ئامانلىق مۇدىرى 5 ئايدىن بېرى بىكارغا ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

0:00 / 0:00

قەشقەر چاسا ئامانلىق مۇدىرى ئۆتكەن ئايدا مۇخبىرىمىز بىلەن قىلغان سۆھبىتى داۋامىدا ئۆزىنىڭ 5 ئايدىن بېرى مائاش ئالالمىغانلىقى، ئەمما مائاش بېرىلمىسىمۇ پايلاقچىلىقنى يەنىلا داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئۇنى يېقىندىن تونۇيدىغان، نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان تىجارەتچى ئابدۇراخمان ھەسەن مەزكۇر ئامانلىق مۇدىرىنىڭ مائاشقا تايىنىپلا ئەمەس، بەلكى قەشقەردىكى تىجارەتچىلەر تەرىپىدىن ئېغىزىنى تۇۋاقلاش ئۈچۈن بېرىلگەن پارىغا تايىنىپ ھايات كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ ئەينى چاغدا ئۇنىڭغا 5 مىڭ يۈەن پارا بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئۆتكەن ئايدىكى سۆھبىتىمىز داۋامىدا قەشقەردە 120 مىڭ كىشىنىڭ «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان قەشقەر چاسا ئامانلىق مۇدىرى ئۆزىنىڭ ج خ ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىغا «قۇلاق»، يەنى پايلاقچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە ئۆزىنىڭ 5 ئايدىن بېرى مائاش ئالمىغانلىقىنى، لېكىن مائاش بېرىلمىسىمۇ، ئۆزىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان بۇ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

بۈگۈن بۇ چاسا ئامانلىق مۇدىرى بىلەن بۇرۇن بىر مەھەللىدە ئولتۇرغان ۋە نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان تىجارەتچى ئابدۇراخمان ھەسەن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، چاسا ئامانلىق مۇدىرى بۇرۇن تەمىنلىگەن قەشقەردە 120 مىڭ كىشىنىڭ «يېپىق تەربىيەلەش» تە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلىرىنىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە چاسا ئامانلىق مۇدىرىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قاقشاشلىرىنىڭ بىر ئادەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ج خ تارماقلىرىغا ئۇزۇن مەزگىل خىزمەت كۆرسەتكەن بۇ كىشى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ۋە ئىش پۈتتۈرۈشتە ئۆزى گەرچە ئامانلىق مۇدىرى بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئاھالىلەر كومىتېتى مۇدىرى ۋە سېكرىتارىدىنمۇ ئۈستۈن ئىمتىياز ۋە ھوقۇقلارغا ئىگە ئىكەن. ئۇنىڭ يېمەك-ئىچمەككە ئاساسەن پۇل تۆلىمەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان بۇ گۇۋاھچى قەشقەردىكى بىر قىسىم تىجارەتچىلەرنىڭ ئاۋارىچىلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يەنى بۇ كىشىنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاش ئۈچۈن زاكات نامى ئاستىدا پارا بېرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئابدۇراخمان ھەسەن يەنە نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا پايلاقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھايات يولىدىكى ناتوغرىلىق ۋە تەرتىپسىزلىك سەۋەبىدىن ئوخشاشلا تۇرمۇشتا بىسەرەمجانلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە بۇ تۈردىكى كىشىلەرنىڭ قاقشاش ئارقىلىق پۇل ئۈندۈرۈشنى ئۆزلىرىگە ئادەت قىلىۋالغانلىقىنى بايان قىلدى.

يۇقىرىدا قەشقەردە ئۇزۇندىن بېرى پايلاقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان چاسا ئامانلىق مۇدىرىنىڭ ھەر تەرەپتىن كىرىم قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، يەنىلا تۇرمۇشتا بىسەرەمجانلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.