ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خەلقئارا مۇنبەرلەردە تەكىتلەشتە ئىزچىل ئاۋانگارت ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن ئامېرىكا سىياسىيونلىرى يېقىندا بۇ ھەقتىكى يەنە بىر چوڭ قەدەمنى باستى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى ئاسىيا كومىتېتىنىڭ رەئىسى تېد يوخو ۋە مەزكۇر كومىتېتنىڭ ھەيئەت ئەزاسى براد شېرمان قاتارلىق سەككىز نەپەر دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ھەمدە باشقا ئالاقىدار سىياسىيونلارنىڭ بىرلىكتە ئىمزا قويۇشى بىلەن «ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىش ۋە دۇنياۋى ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ ئورتاق ئىنكاسى» ماۋزۇلۇق قانۇن لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭدا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان يەنە بىر نۇقتا مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ھەققىدىكى تەكلىپنىڭ ئىنگلىزچە ماۋزۇسىنىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى «ئۇيغۇر» (UIGHUR) بولغانلىقتا ئىدى.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشتە بولسا بۇ ھەقتە ئاددىي قىلىپ «خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىدا ئاز دېگەندىمۇ بىر مىليون تۈركىي مۇسۇلمان خەلقى ئاتالمىش ‹قايتا تەربىيەلەش مەركىزى› لاگېرلىرىغا سولىنىۋاتىدۇ. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ پاراكەندە قىلىشى ۋە سۈكۈتكە گىرىپتار قىلىشىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ» دېيىلىدۇ.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ھەققىدىكى تەكلىپنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى توغرىسىدا سۆز بولغاندا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات بۇنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىكى بىر مۇھىم سەۋەبنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھېسداشلىقنىڭ كۈچەيگەنلىكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر تەكلىپكە ئاۋاز قوشقانلار ئارىسىدا دېموكراتچىلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر بار بولۇپ، بۇ ھال ئامېرىكا سىياسىتىنى بەلگىلەيدىغان بۇ ئىككى پارتىيە ئىچىدە ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىدىغان ۋە قوللايدىغانلار بارلىقىنىڭ دەلىلى ئىدى. بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆز قىلغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى لۇيىزا گرېۋ خانىم ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل قوللاشنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى براد شېرمان ۋە باشقا قوللىغۇچىلار ئىمزا قويغان بۇ قانۇن لايىھەسى ھەققىدىكى تەكلىپ ئەمەلىيەتتە ئىككى پارتىيەگە مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا ئوتتۇرىغا چىقتى. مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇرلارغا يېڭى ئۈمىد بېغىشلايدۇ. چۈنكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىككى پارتىيەدىن كېلىپ چىققان ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان زۇلۇمنى ئاياغلاشتۇرۇش ھەققىدە بىردەك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. شۇڭا بىز بۇ يۈزلىنىشنى زور خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالىمىز. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمغا خاتىمە بېرىش، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى كرىزىسىنى تۈگىتىش ھەققىدىكى ھەرقانداق تىرىشچانلىقىنى قىزغىن قوللايدۇ. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم، دەپ ھېسابلايدۇ. بۇ يېڭى قانۇن لايىھەسى ھەققىدىكى تەكلىپ ئامېرىكىدىكى شىركەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمغا چېتىلىپ قالماسلىقى، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ ياكى باشقا ھەرقانداق دۆلەتتىكى شىركەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇشقا شېرىك بولماسلىقىنى ئىستەيدۇ. ئۇنداق قىلمىغانلارنىڭ بولسا جازاغا ئۇچرايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. شۇڭا بىز ئۇنى ناھايىتى مۇھىم بولغان بىر تەكلىپ دەپ ھېساپلايمىز.»
مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ھەققىدىكى تەكلىپتە ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بىر نۇقتا ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ يۇغۇرى تېخنىكىلارنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىشى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تېخنىكىلارنى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشقا ئىشلىتىشىدۇر. بۇ ھەقتىكى باياناتتا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى براد شېرمان ئالاھىدە قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنى تۈركىي مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمغا قارىتا بىر كۆزىنى قىسىۋالىدۇ، دەپ ئويلاپ كەلگەن. بىز ئۇلارغا بۇنىڭ خام خىيال ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويماقچىمىز» دېيىلىدۇ. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا لۇيىزا گرېۋمۇ ئامېرىكىدىكى شىركەتلەرنىڭ بىلىپ-بىلمەي خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ قېلىشىنىڭ ھازىر بەكمۇ كۆپ مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«شەرقىي تۈركىستاندىكى تولىمۇ قاباھەتلىك بولغان دەپسەندىچىلىككە ۋە مىليونلىغان ئائىلىلەرنى جۇدالىققا گىرىپتار قىلىۋاتقان خانىۋەيرانچىلىققا قارىتا سۈكۈت قىلىۋېلىشنى ھەرقانچە قىلىپمۇ قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. شۇڭا مۇشۇنداق بىر قانۇن لايىھەسى ھەققىدىكى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھەمدە ئۇنى مۇنازىرە قىلىش، شۇنىڭدەك ئاخىرىدا ئۇنى دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇش بىزگە ئېنىق ھالدا شۇنى ئۇقتۇرماقتىكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئىشلاردىن ئۇنداق ئاسانلا قۇتۇلۇپ كېتەلمەيدۇ. يەنە بىر ياقتىن خىتاي بىلەن يۇقىرى تېخنىكا سودىسى قىلىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرى ھەمدە ئۇنىڭدىكى كاتتىباشلار خىتاي قۇرغان ‹يىغىۋېلىش لاگېرلىرى› نى قوللاشتىن پايدا ئېلىش بەدىلىگە ياكى زالىم ھۆكۈمەتنىڭ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە ياردەم بېرىش ھېساۋىغا ۋە ياكى مىليونلىغان كۆزلەرنى ياشلاش بەدىلىگە ئاخشاملىرى ياستۇقنى قىرلاپ قويۇپ خورەكنى دۆڭ تارتىدىغان ئەھۋالغا ئەمدى خاتىمە بېرىش كېرەك.»
ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى ئەڭ قاباھەتلىك زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇملۇق پاكىت بولۇۋاتقاندا مۇشۇنداق بىر قانۇن لايىھەسى ھەققىدىكى ئىككىنچى بىر تەكلىپنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەققىدە سۆز قىلغان ئۆمەر قانات بۇ خىلدىكى تەكلىپ لايىھەلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ئاخىرقى ھېسابتا رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىشىغىچە خېلى ئۇزاق ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭدەك ناۋادا بۇ قېتىمقى قانۇن لايىھەسى ھەققىدىكى تەكلىپ ئاخىرقى ھېسابتا رەسمىي قانۇن بولۇپ تەستىقلانسا بۇنىڭ ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن بىر زور غەلىبە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدا زور كۆلەمدە كېڭىيىۋاتقان «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلار مۇھىم سەۋەب بولغان بولۇپ، ئاۋام پالاتا ئەزاسى تېد يوخو بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا «بىز بۇنى مەڭگۈ قوبۇل قىلالمايمىز،» دېگەن ئىدى.
0:00 / 0:00