ئايكۆل پەيشەنبەبازاردىكى سىياسىي تۇتقۇنلار (7)
ئاقسۇ ئايكۆلنىڭ پەيشەنبەبازار كەنتىدىكى سىياسىي مەھبۇسلار توغرىلىق رادىئومىزغا يوللانغان مەكتۇپتا، مەزكۇر كەنتنىڭ 1-گۇرۇپپىسىدىكى 8 دېھقاننىڭ توپلىشىپ ناماز ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن 7 يىللىقتىن كېسىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى دەلىللەندى. ئاھالىلەردىن بىرى بۇ 8 دېھقان ئۈستىدىن ئېچىلغان مەخپىي سوتقا قېتىلغانلىقىنى، سوتتا ئۇلارنىڭ توپلىشىپ ناماز ئوقۇشتىن باشقا قىلمىشىنىڭ تىلغا ئېلىنمىغانلىقىنى بايان قىلدى. مەكتۇپتا، پەيشەنبە بازاردا ھەر ئۈچ ئائىلىگە بىر مەھبۇس توغرا كېلىدىغانلىقى يېزىلغان. پەيشەنبەبازار كەنت ئامانلىق مۇدىرى مامۇت ئاۋۇت بۇ ساننىڭ كۆپتۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى ئېيتتى، ئەمما ئۇ ئۆزى مەسئۇل كەنتتە باشقا كەنتلەرگە نىسبەتەن سىياسىي مەھبۇسلار ئائىلىسىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى يوشۇرمىدى.
مەكتۇپتا دېيىلىشىچە، ئايكۆلنىڭ 17-كەنت 1-گۇرۇپپىسىدىن تۇردى مامۇت، تۇردى ئابلا، تۇرسۇن مامۇت، ئابلا ئاۋۇت، مەمەت ساتىراش، ئەخەت ئاۋۇت، ئابلىكىم تۇرسۇن ۋە ئىسمائىل ئاۋۇت قاتارلىق 8 دېھقان جۈمە نامىزىنى مەسچىت سىرتىدا توپلىشىپ ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان. 2014-يىلى سېنتەبىردە تۇتقۇن قىلىنغان بۇ 8 دېھقان 2015-يىلى 1-ئايدا ئۈستىدىن مەخپىي سوت ئېچىلىپ 7 يىللىقتىن كېسىلگەن. سوتقا ئۇلارنىڭ بىرقىسمىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى قېتىلغان. خەتتە دېيىلىشىچە، ئۇلارنىڭ جۈمە نامىزىنى مەسچىت سىرتىدا توپلىشىپ ئوقۇغانلىقى سوتتا دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئالامىتى ھەم پاكىتى قىلىپ كۆرسىتىلگەن. سوتقا قاتناشقان مەھبۇس ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن بىرىنىڭ دېيىشىچە، سوتتا ئۇلارنىڭ توپلىشىپ ناماز ئوقۇشىدىن باشقا ھېچقانداق بىر قىلمىشى تىلغا ئېلىنمىغان. مەكتۇپتا بۇ 8 نەپەر دېھقاندىن ئىككى نەپىرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى سەۋەبىدىن جازا مۇددىتىنى سىرتتا ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى يېزىلغان ئىدى، ئەمما ئېنىقلىشىمىزچە، ئۇلار قويۇۋېتىلگەندىن كېيىن يەنە تۇتۇلۇپ، قايتىدىن تۈرمىگە تاشلانغان. يەنە مەلۇم بولۇشىچە، بۇ 8 نەپەر دېھقاننىڭ ھېچقايسىنىڭ تەبلىغ قىلغۇدەك دىنىي مەلۇماتى ياكى جامائەتنى يېتەكلىگۈدەك دەرىجىدە ئاكتىپچانلىقى بولمىسىمۇ، خىتاي يەنىلا ئۇلارنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ قارىغان.
مەكتۇپتا يەنە، پەيشەنبەبازار كەنتىدە ھەر ئۈچ ئائىلىگە بىر نەپەردىن سىياسىي مەھبۇس توغرا كېلىدىغانلىقى يېزىلغان، كەنت ئامانلىق مۇدىرى مامۇت ئاۋۇتنىڭ بايان قىلىشىچە، سان ئۇ دەرىجىدە كۆپ ئەمەس، ئۇ مەسئۇل بولغان كەنتتە ھەر 20 ئائىلىگە بىر نەپەردىن سىياسىي مەھبۇس توغرا كېلىشى مۇمكىن. ئەمما كەنتنىڭ 1-گۇرۇپپىسىدىنلا، ئۇنىڭ ئۈستىگە توپلىشىپ ناماز ئوقۇشتىن ئىبارەت بىرلا قىلمىشتىن 8 كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقى، مامۇت ئاۋۇتنىڭ تەخمىنىنى رەت قىلماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايكۆلدە 2013-يىلى 8-ئاۋغۇست ۋەقەسى يەنى ئاممىنىڭ ساقچىلارنى قورشۇۋېلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن؛ شۇ ۋەقەدە ساقچىلار ئاممىغا قارىتىپ ئوق چىقىرىپ ئاز دېگەندە 3 كىشىنىڭ ئۆلۈمى ۋە 100 نەچچە كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە ۋەقەگە قېتىلغان ئاممىنىڭ كۆپ قىسمى پەيشەنبەبازار كەنتىدىن بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن ئاقسۇ ئايكۆلدە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن باشلانغان.