شەندۇڭدىن كەلگەن بالا ئوغرىلاش گۇرۇھىنىڭ ئوتۇنكوزا شەھىرىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم

0:00 / 0:00


شەندۇڭدىن كەلگەن بالا ئوغرىلىرىدىن ئاگاھ بولۇش ھەققىدىكى بىر ئۇچۇر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا تارقالماقتا. يەنە بەزى ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوتۇنكوزا (ۋۇجياچۇ) 3 - باشلانغۇچ مەكتەپ بالا ئوغرىلىرى گۇرۇھىدىن ئاگاھ بولۇش ھەققىدە ئائىلە باشلىقلىرىغا مەخسۇس خەت ئەۋەتكەن.

خەتتە، سىياسىي - قانۇن تارماقلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن، بۇ ئىككى كۈن ئىچىدە شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن مەخسۇس بالا ئوغرىلاش گۇرۇھىنىڭ ئوتۇنكوزا شەھىرىگە كەلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ جىنايەت گۇرۇھىنىڭ بالىلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلىپ 7 ياش ئەتراپىدىكى بالىلارنى نىشان قىلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن ۋە بارلىق ئاتا - ئانىلارنى ئالاھىدە ئاگاھ بولۇشقا، بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرغان. ئوخشاش مەزمۇندىكى ئاگاھلاندۇرۇش يەنە قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە شەھەر ئاممىسىنىڭ يانفونلىرىغىمۇ كەلگەن بولۇپ، ئۇچۇر مەنبەسى ۋە بۇ مۇناسىۋەتلىك دېلو ياكى جىنايەت گۇماندارلىرى ھەققىدە باشقا ھېچقانداق تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىلمىگەن بۇ ئاگاھلاندۇرۇش جەمئىيەتتە بەلگىلىك ساراسىمە پەيدا قىلغان.

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدە تارقالغان ئۇچۇرلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئوتۇنكوزا )ۋۇجياچۇ (3 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئاتا - ئانىلارغا يازغان خېتىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن:

«ھۆرمەتلىك ئاتا - ئانىلار:

بۇ ئىككى كۈن ئىچىدە شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن بالا ئوغرىلاش گۇرۇھىنىڭ شەھىرىمىزگە كەلگەنلىكى سىياسىي قانۇن تارماقلىرى تەرىپىدىن ئۇقتۇرۇلدى، بۇ بالا ئوغرىلىرىنىڭ مەقسىتى بالىلارنى ئوغرىلاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىغا ئىگە بولۇش ئىكەن.

بالا ئوغرىلىرىنىڭ نىشانى بولسا يېشى 7 ياش ئەتراپىدىكى بالىلار بولۇپ، بارلىق ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشىنى سورايمىز ھەمدە تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى سەمىگە سېلىشنى تاپىلايمىز :

1.بالىلارنى مەكتەپتىن ۋاقتىدا ئېلىپ كېتىش، ئۆزلىرى ئېلىپ كېتىشكە مەسئۇل بولۇش.

مەكتەپكە ۋاقتىدا بېرىش، ۋاقتىدا يېنىش، بالىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ، ئەكىلىشكە ئاتا - ئانىلار ئۆزلىرى مەسئۇل بولۇش.

2.بالىلارغا مەكتەپكە كېلىپ - كېتىش جەريانىدا تونۇمايدىغان كىشىلەر بىلەن پاراڭلاشماسلىق ھەمدە ئۇلار بەرگەن نەرسىلەرنى يىمەسلىك، ساۋاقداشلىرىنىڭ خەتەرگە يولۇققانلىقىنى كۆرگەن ھامان ساقچىغا مەلۈم قىلىشنى تاپىلاش.

3.ئاتا - ئانىلارمۇ بالىلار ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بالىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشى، بولۇپمۇ ئارام كۈنلىرىدە، چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدا ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىش - ھەرىكەتلىرىدىن خەۋەردار بولۇشى كېرەك. كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرگە يولۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.»

ئوتۇنكوزا شەھەر ئاممىسىدىن ليۇ فامىلىلىك بىر خىتاي سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ ئۆزىنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشنى قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى، بۇنى كۆرگەندىن كېيىن ئېنىقلانغۇچە قىزىنى مەكتەپكە بەرمىگەنلىكىنى ئېيتتى ۋە بۇ خىل باش - ئاخىرى يوق ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرىنىڭ ئۆزىدە ۋە باشقا ئاتا - ئانىلاردا ساراسىمە پەيدا قىلغانلىقىنى، باشقا بالىلارنى مەكتەپكە ئاتا - ئانىلارنىڭ ئۆزلىرى توشۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى.

بالا ئوغرىلىرىدىن ئاگاھ بولۇش ئۇچۇرلىرى ئوخشىمىغان شەكىللەردە تارىلىۋاتقان بولۇپ، ئاگاھلاندۇرۇشقا قوشۇپ يەنە «5 - باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان 2 - سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئۇيغۇر قىزنى، ئوغرىلار مەكتەپكە كېتىۋاتقان يېرىدىن تاغارغا سولاپ، ئاپتوموبىلغا بېسىپ بىر ئۆيگە سولاپ قويغان، بۇلار يەنە سىرتقا ئادەم ئىزلىگىلى چىقىپ كەتكەندە، ئۇ قىز ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن تاغارنى يىرتىپ قېچىپ چىققان» دېگەن مەزمۇنلارمۇ تارالغان، بۇ خىل ئۇچۇرلار دەرھاللا ئاڭلىغان كىشىدە ئەندىشە پەيدا قىلغان بولسىمۇ، بۇ ئۇچۇرنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە بۇ دېلوغا چېتىشلىك ئىسىم، ئورۇن، دېلونىڭ نەتىجىسى قاتارلىق مۇھىم ئۇچۇرلار بېرىلمىگەنلىكى، ئەينى پەيتتە كىشىلەردە گۇمان قوزغىماقتا ئىكەن. ئوتۇنكوزا شەھىرىدىكى بىر ئۇيغۇر كىشى بۇ ئۇچۇرنىڭ ئۆزىدە گۇمان قوزغىغان تەرەپلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

ئوتۇنكوزا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ بىر نۆۋەتچى ساقچىسى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ خىل ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇچۇرنىڭ مەنبەسىنى ئۆزىمۇ ئېنىق بىلمەيدىغانلىقىنى دېدى.

ئۇ، ئۇچۇردا ئېيتىلغان بالا ئوغرىلىرى گۇرۇھىنىڭ شەندۇڭدىن كەلگەنلىكىنى بىلسىمۇ، زادى قانداق دېلولارنى سادىر قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ قانچە كىشى، نەدە ئىكەنلىكىدەك تەپسىلاتلار ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوقلۇقىنى ۋە بۇ ھەقتە ھېچقانداق دېلو تاپشۇرۇپ ئالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ھازىر دائىرىلەر پەقەت بۇ جىنايەت گۇرۇھىنىڭ ئوتۇنكوزا شەھىرىگە كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، جىددىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا ئىكەن. شۇڭا بۇ ئېنىقلانغىچە بولسىمۇ، ئاتا - ئانىلارنىڭ چوقۇم بالىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئىمكان بار كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى، ئەمما ئۇ قانداق كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە ھېچنېمە دېمەيلا تېلېفوننى قويدى.

بالىلارنى ئوغرىلاش، جەمئىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى ئېغىر، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئېلىپ كېلىدىغان ئازابى ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ قەبىھ بىر تۈرلۈك جىنايەت. ئەمما خىتايدا بۇ تۈردىكى جىنايەتچىلەرگە بېرىلىدىغان جازانىڭ يېنىك بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى جەمئىيەتتە ئورتاق ئىنكاس قوزغاۋاتقان مەسىلە. بالا ئوغرىلىرىنىڭ خىتاي جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە جىنايىتىگە چۇشلۇق جازا كۆرمەسلىكىمۇ خىتايدىكى ئادەم بېدىكچىلىكىگە ئۈنۈملۈك زەربە بېرىشكە توسالغۇ يارىتىۋاتقان بىر تەرەپ دەپ قارالماقتا.

سۇمۇرغ تېلىۋېزىيىسىنىڭ تورىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، خىتاي بالىلارنىڭ يۈتۈپ كېتىشى ئەڭ كۆپ كۆرىلىدىغان دۆلەت بولۇپ، يىلىغا خىتايدا 70مىڭ بالا يۈتۈپ كېتىدىكەن. ھالبۇكى،يۈتكەن بالىلارنىڭ تېپىلىش نىسبىتى بولسا 1 %كىمۇ يەتمەيدۇ. خىتايدا ئوغرىلاپ كېتىلگەن بالىلارنىڭ ئوخشىمىغان پاجىئەلىك قىسمەتلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم. بەزىلىرى سېتىۋېتىلىدۇ، بەزىلىرىنى ھەر خىل جىنايەت گۇرۇھلىرى خورلاپ تۈرلۈك جىنايەتلەرگە ۋاسىتە قىلىدۇ، ئوغرىلانغان بالىلارنىڭ يۈزلىنىشى مۇمكىن بولغان تېخىمۇ قورقۇنچلۇق پاجىئە بولسا، ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئۆلۈك ياكى تىرىك پېتى ئېلىۋېلىنىدىغانلىقىدۇر. ئۇيغۇر ئېلى بولسا يېقىنقى يىللاردا بالىلارنىڭ يۈتۈپ كېتىش ھادىسىسى ئەڭ ئېغىر يۈز بېرىۋاتقان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە شۇنداقلا يۈتكەنلەرنىڭ 98% ىنى ئۇيغۇر بالىلار ئىگىلەيدىغانلىقى مەلۇم.