22-ئاۋغۇست كۈنى جىنەن شەھىرىدە بو شىلەينىڭ جىنايەتلىرى ئۈستىدىن ئەيىبلەش ئېلىپ بېرىلغان 1-قېتىملىق سوت ئېچىلدى. سوت شۇ يەر ۋاقتى پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 8دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە باشلىنىپ،چۈشتىن كېيىن سائەت 5 لەر ئەتراپىدا ئاياغلاشتى.
پەيشەنبە كۈنىدىكى سوتقا بو شىلەينىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن 5 كىشى، 19 نەپەر خىتاي مۇخبىرى، 84 نەپەر جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرى بولۇپ جەمئىي 110 كىشى قاتناشقان. چەتئەل ئاگېنتلىقلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى سوت مەيدانىغا كىرگۈزۈلمىگەن، ئۇلار سوتقا يېقىن جايدىكى مەخسۇس مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، سوتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى تېلېۋىزور ئارقىلىق ئۇلار تۇرغان مېھمانخانىدا ئۇلاپ كۆرسىتىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى سوتتا بو شىلەينىڭ 3 خىل جىنايىتى ئوقۇپ ئۆتۈلگەن. ئەيىبلىگۈچى بو شىلەي ۋە ئۇنىڭ ئايالى گۇ كەيلەينىڭ بىرلىكتە ياكى بو شىلەي ئۆزى يالغۇز پارا ئالغانلىقىنى، ئۇنىڭ خىيانەت قىلىش جىنايىتى ۋە ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش جىنايىتى قاتارلىق ئۈچ خىل جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، پەيشەنبە كۈنى ئېچىلغان 1-قېتىملىق سوتتا، جىنايەت گۇماندارى بو شىلەي سوتتا ئوقۇپ ئۆتۈلگەن پارىخورلۇق جىنايىتى ھەققىدىكى ئەيىبنامە ۋە گۇۋاھلىق ئىسپاتلىرىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ، ئۆزىگە ئارتىلغان 21 مىليون 790 مىڭ581 سوم پارا ئېلىنغان پۇل ھەققىدىكى ئەيىبلەشنى ئىنكار قىلغان.
سوت ھەققىدىكى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، بو شىلەي سوتتا ئايالى گۇ كەيلەينىڭ سوتقا يوللىغان گۇۋاھلىق خېتىنى «ئۆتۈپ كەتكەن بىمەنىلىك ۋە كۈلكىلىك ئىش» دەپ ئەيىبلىگەن. ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بو شىلەي سوتتا گۇ كەيلەينىڭ خېتىدە تىلغا ئېلىنغان بو شىلەي ۋە گۇ كەيلەيلا ئاچالايدىغان مەخپىي نومۇرلۇق ساندۇقتىن گۇكەيلەينىڭ 3 قېتىم پۇل ئالغانلىقى ھەققىدىكى گۇۋاھلىق خېتىنى ئىنكار قىلغان.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بو شىلەي ئوغلى بو گۇاگۇا ئوغلى ئەنگلىيەدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە يەنى 2002-يىلدىن 2003-يىللار ئارىلىقىدا ئايالى گۇ كەيلەينىڭ شېنياڭدىكى ئۆيىدىكى مەخپىي ساندۇقتىن 50 مىڭ دوللار، 2004-يىلدىن 2005-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا مەخپىي نومۇرلۇق پۇل ساندۇقىدىن 80 مىڭ دوللار ۋە 50 مىڭ سوم خەلق پۇلى ئالغان ۋەقەنى يوققا چىقىرىپ:«مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، گۇ كەيلەينىڭ بۇ گۇۋاھلىقى تولىمۇ بىمەنىلىك ۋە كۈلكىلىك بوپتۇ. چۈنكى گۇ كەيلەي بېيجىڭدا ئىسپات بەرگىنىدە ھېچقاچان مېنىڭ 50 سوم خەلق پۇلى ۋە 80 مىڭ دوللار پۇلنى ئېلىپ ئۇنى گۇكەيلەينىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن مەخپىي نومۇرلۇق بىخەتەرلىك ساندۇقىغا سېلىپ قويغانلىقىمنى تىلغا ئالمىغان ئىدى. مەنمۇ ھېچقاچان ئۇنىڭغا بۇنداق پۇل بارلىقىنى دېمىگەن تۇرسام. ئۇ نېمىگە ئاساسەن مېنى مەخپىي نومۇرلۇق بىخەتەرلىك ساندۇقىغا 50 مىڭ سوم خەلق پۇلى، 80 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى سېلىپ قويدى دەپ گۇۋاھلىق بېرىدۇ؟» دېگەن.
بو شىلەي داليەنلىك سودىگەر شۈ مىڭدىن پارا ئالغان 20 مىليون 681مىڭ 141 سوم خەلق پۇلىنى «ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس» دەپ ئىنكار قىلغان. بو شۈن تورىنىڭ خەۋىرىدە بو شىلەينىڭ داليەن شىدې سودا گۇرۇھى باشلىقى شۈ مىڭدىن پارا ئېلىنغان پۇلنى ئىنكار قىلغان بايانى بېرىلگەن بولۇپ، جىنەن ۋاقتى سائەت 17دىن 30 ئۆتكەندە بو شىلەي مۇنداق دېگەن:«بۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. شۈ مىڭنىڭ ئوغلۇم بو گۇا گۇانىڭ ئوقۇشىغا ياردەم قىلغانلىقى ھەققىدە مەيلى شۈ مىڭ بولسۇن، ئايالىم گۇ كەيلەي بولسۇن، ياكى ئوغلۇم بو گۇا گۇا ھېچقاچان ماڭا ئېغىز ئاچمىدى. فىرانسىيەدىكى ئۆيدىن مېنىڭ خەۋىرىم يوق. بۇ ھەقتىكى ئەيىبلەشلەرنىڭ ھەممىسى ساختا، مەن 20 مىليوندىن ئارتۇق پۇل ھەققىدىكى ئەيىبلەشنى باشتىن-ئاخىرغىچە ئۈستۈمگە ئالمىدىم.»
داليەنلىك سودىگەر شۈ مىڭ ئۆزىنىڭ بو شىلەي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگىنىدە، ئۆزىنىڭ بو شىلەي بىلەن دوست ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما بو شىلەي بۇنى ئىنكار قىلىپ، «شۈ مىڭ مېنىڭ دوستۇم ئەمەس. مەن 90-يىللارنىڭ ئاخىرىدا شۈ مىڭ بىلەن تونۇشتۇم. ئۇندىن كېيىن شۈ مىڭ بىلەن گۇ كەيلەينىڭ مۇناسىۋىتى قويۇق بولدى. مېنىڭ شۈ مىڭغا ياردەم قىلىشىم پەقەتلا ھۆكۈمەت ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىش رەسمىيىتىگە ئۇيغۇن ھالدا ئېلىپ بېرىلدى» دېگەن.
بوشۈن تورىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، چۈشتىن كېيىنكى سوتتا بو شىلەي يەنە داليەن خەلقئارا سودا گۇرۇھىنىڭ دىرېكتورى تاڭ شياۋلىندىن 1 مىليون 110 مىڭ سوم خەلق پۇلى پارا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە تاڭ شىياۋلىن بەرگەن ئۈن ئالغۇلۇق گۇۋاھلىقىنى ئىنكار قىلغان. بو شىلەي بۇ ھەقتە توختىلىپ،«تاڭ شياۋلىن ھاۋالە قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەت رەسمىيىتى بويىچە بېجىرىلگەن ئىدى. تاڭ شياۋلىن گۇۋاھلىق سۆزىدە مەسىلىنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىنى يوشۇرۇپتۇ. ئەينى چاغدا ئۇ دۆلەت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىكىلەرگە بۇ ھەقتە جاۋاب بەرگىنىدە كاللىسى قۇپقۇرۇق بولغىنى ئۈچۈن، بۇ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرالمىغان» دېگەن.
بو شۈن تورىنىڭ بو شىلەي ئۈستىدىن ئېچىلغان سوت ھەققىدە بېرىلگەن خەۋىرىدە يەنە، بو شىلەينىڭ 22-ئاۋغۇست بېيجىڭ ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 15تىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە ئۆزىنى ئاقلاپ دېگەن سۆزى نەقىل ئېلىنغان. بو شىلەي ئۆزى ئۈستىدىن بېرىلگەن گۇۋاھلىقلار ۋە پارا ئالغانلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى ئىنكار قىلىپ، «1-دىن ئەيىبلىگۈچىنىڭ ئەيىبنامىسىدىكى گۇۋاھلىق ئىسپاتلىرى ھەممىسى بۇ دېلو بىلەن مۇناسىۋىتى ئانچە قويۇق بولمىغان ئەيىبلەشلەر، بۇلار مېنىڭ جىنايىتىم بارلىقىنى ئىسپاتلىيالمايدۇ. 2-دىن تاڭ شياۋلىن ئەسلىدىنلا چىرىگەن پارىخور، ئىقتىسادىي ئالدامچى، ئەمەلىيەتتە ئۇ ھازىر غالجىر ئىتقا ئوخشاش ئادەم چىشلەۋاتىدۇ. مەن بۇ ئۈنئالغۇ ئىسپاتىدىن روھى سېتىلغان بىر ئادەمنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى كۆردۈم دېگەن.»
22-ئاۋغۇست جىنەن ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 5 تە سوتچى سوتنىڭ 23-ئاۋغۇست ئەتىگەن سائەت 8:30 دا باشلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، پەيشەنبە كۈنىدىكى 1-قېتىملىق سوتنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بو شىلەي ۋەقەسى خىتاي كومپارتىيىسى يۇقىرى قاتلىمىدىكى ئىچكى زىددىيەت ۋە كۈرەشلەر بىلەن چېتىشلىق بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىپ كەتكەن بۇ ۋەقەنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشتا قاتتىق سىناققا دۇچ كەلمەكتە. بۇ سەۋەبتىن بو شىلەي داۋاسىنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.