خىتاي يوشۇرغانسېرى بو شىلەي ۋەقەسى شۇنچە كۆپ ئاشكارىلىنىۋاتىدۇ

خىتاي ھۆكۈمىتى بو شىلەي، ۋاڭ لىجۈن ۋەقەلىرىنىڭ تەپسىلاتىنى خەلقتىن يوشۇرغانسېرى، چەتئەل ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئۇنى توختىماي ئاشكارىلاۋاتىدۇ.

0:00 / 0:00

خىتاي ئۆزىنىڭ ئىچكى قىسمىدا سىياسىي توقۇنۇش پەيدا قىلغان سابىق چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى بو شىلەي بىلەن ئۇنىڭ خوتۇنى گۇ كەيلەي ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتىنى دۇنيادىن يوشۇرغانسېرى، چەتئەل ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئۇنى توختىماي ئاشكارىلاشقا، ھەتتا ئۇنى خۇددى چاتما سېنارىيىگە ئوخشىتىپ يېزىشقا باشلىدى.

ئەنگلىيىدە چىقىدىغان «خەلقئارا سودا-سانائەت دەۋرى» ژۇرنىلى يەكشەنبە كۈنى، گۇ كەيلەي بىلەن بو شىلەي، خىتاينىڭ سىياسىي سەھنىسىنى قەست قىلىش، نابۇت قىلىش، مەخپىي ھەرىكەت قوللىنىشتەك سىرلىق چۆچەكلىرى ئوراپ تۇرغان قارام ئەر-خوتۇن، سەرلەۋھىلىك بىر تەپسىلىي دوكلات ئېلان قىلدى. بۇ ماقالىدە، خىتاي دائىرىلىرى ئۆزى ئېلان قىلغان «ئەنگلىيىلىك سودىگەر نېيل خېيۋۇتنىڭ بۇلتۇر 11‏-ئايدا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈش دېلوسىغا چېتىلغان بو شىلەينىڭ خوتۇنى گۇ كەيلەي قولغا ئېلىندى» دېگەن ئۇچۇرنى دەلىل قىلىپ كۆرسەتتى.

بۇ ماقالىدە يەنە، بو شىلەينىڭ ھېكايىسى كىشىلەرگە، بۇنىڭدىن ئون يىل بۇرۇن خىتاينىڭ «نۇر گېزىتى» ئېلان قىلغان «ئامېرىكا سوتلىرىدا ئۇتۇپ چىقىش» دېگەن ئۇچېرىكقا ئاساسەن ئىشلەنگەن، بوخەي دېڭىزى بۇيىدىكى بىر شەھەرنىڭ مۇۋەققەت شەھەر باشلىقىنىڭ ئادۋوكات ئايالى توغرىسىدىكى 20 قىسىملىق چاتما فىلىمنى ئەسلىتىدۇ، دەپ بايان قىلىندى.

«رويترس ئاگېنتلىقى» دۈشەنبە كۈنى، سابىق چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ ساقچى باشلىقى ۋاڭ لىجۈن 2‏-ئاينىڭ 6‏-كۈنى ئامېرىكىنىڭ كونسۇلخانىغا پاناھلىق تىلەش ئۈچۈن بارغاندىن كېيىن، تەختتىن غولاپ چۈشكەن بو شىلەي ۋەقەسىنىڭ سىرىنى ئاچىدىغان يەنە بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئىككى كىشى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن يىل 11‏-ئاينىڭ 15‏-كۈنى بو شىلەي ئىدارە قىلىۋاتقان چۇڭچىڭ شەھىرىدە ئۆلتۈرۈلگەن ئەنگلىيىلىك سودىگەر نېيل خېيۋۇت، ۋەقەدىن سەل بۇرۇن گۇ كەيلەينىڭ چەتئەللەرگە يۆتكىگەن مەبلەغ ۋە مۈلكىنى ئاشكارىلايمەن دەپ تەھدىت سالغان ئىكەن.

«رويترس ئاگېنتلىقى» بۇ خەۋىرىدە يەنە، خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى» ئۆتكەن چارشەنبە كۈنىدىكى سانىدا بايان قىلغان «خىتايدا چىرىكلەشكەن قىسمەن كىشىلەر مەخپىي ھالدا چەتئەللەردىن كىملىك ياكى پاسپورت ئېلىپ بولغان»، «خىيانەتچىلەر كۆپىنچە ھالدا ۋاسىتىلىك يەنى خوتۇن-بالىلىرى، ھەتتا باشقا سودىگەرلەر ئارقىلىق جىنايەت سادىر قىلغان» دېگەن سۆزلەرنى، شۇنداقلا «نيۇ-يورك تايمىس گېزىتى»نىڭ جۈمە كۈنىدىكى سانىدا بايان قىلىنغان «ۋاڭ لىجۈن ئەيىبلەشنامىسىدە گۇ كەيلەينى، يۈز مىليونلىغان ئامېرىكا دوللىرىلىق مۈلكىنى چەتئەللەرگە يۆتكىدى دەپ پاش قىلغان» دېگەن سۆزنى نەقىل كەلتۈرگەن.

«ئىرېلاندىيە گېزىتى» دۈشەنبە كۈنى، خۇددى بو شىلەي توغرىسىدىكى بىر چاتما فىلىمنى رېكلام قىلىۋاتقاندەك بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، ئالدىمىزدىكى بىر ھەپتىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ قالغان بو شىلەي بىلەن ئۇنىڭ خوتۇنىنىڭ خىيانەتچىلىك-چېرىكلىكى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلار ئېلان قىلىنىدۇ؛ ئەنگلىيىلىك سودىگەر نېيل خېيۋۇت دېلوسى، قانداق قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتى دېگەندەك، گۇ كەيلەيگە چېتىلىدىغانلىقى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ يەكۈن خاراكتېرلىك تەسۋىرلەر ئېلان قىلىنىدۇ دەپ بايان قىلدى.

كلارمونت مېكېننا ئىنستىتۇتىنىڭ ئامېرىكا-ئاسىيا مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى پېي مىڭشىن دۈشەنبە كۈنى «ۋول سترىت گېزىتى» دە بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە ئۈچ سوئال قويدى. بۇ ئۈچ سوئال: خىتاي رەھبەرلىرى ھازىر بو شىلەينى ئەسلىدىلا ناباب ئادەم ئىدى دەۋاتىدۇ، ئۇنداق بولسا، سىلەر نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ناباب ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى چەكلىمەي، بەلكى ئۇنىڭغا شۇقەدەر چوڭ ئىمتىياز بەردىڭلار؟ ئۇ يۈرىكىنى قاپتەك قىلىپ، ھەتتا مۇشۇ دەۋردە يەنە ماۋ زېدۇڭنىڭ روھىنى چاقىرسا، مەركىزى كومىتېتىنىڭ 6 دائىمىي ئەزاسى چۇڭچىڭغا بېرىپ ئۇنى قوللىمىغانمىدىڭلار؟ خىتايدىكى ھوقۇق ئالمىشىش نېمە ئۈچۈن بۇ قېتىممۇ يەنىلا ھىيلە-نەيرەڭ بىلەن، نامەلۇم شەكىلدە ۋە يوشۇرۇن ھالدا ئېلىپ بېرىلىدۇ؟ ھازىرقىدەك ئىنتېرنېت دەۋرىدىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن تېخىچە ئەقىل-ھوشىنى تاپماي، يەنىلا خۇددى ماۋ زېدۇڭ ئۆزىنىڭ ئىزباسارى لىن بياۋغا قوللانغاندەك شۇقەدەر قالاق، قوپال، ئۈنۈمسىز تەدبىر قوللىنىدۇ؟ دېگەندىن ئىبارەت.