خىتاي چەرچەندىكى ئۇيغۇر ساقچى كادىرىنى «تېررورچى ۋە 3 خىل كۈچ بىلەن ھەمكارلاشتى» دەپ تۇتقۇن قىلغان

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2018.08.20
saqchi-ghalip-tursun-ikki-yuzlimichi.jpg چەرچەندە «تېررورچى ۋە 3 خىل كۈچ بىلەن ھەمكارلاشتى» دەپ تۇتقۇن قىلغان ئۇيغۇر ساقچى كادىرى غالىپ تۇرسۇن. (مۇناسىۋەتلىك تور بەتتىن سۈرەتكە ئېلىنغان)
chinatimes.com

كورلادا چىقىدىغان بايىنغولىن گېزىتى 18-ئاۋغۇست سانىدا، چەرچەن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ سابىق سىياسىي كومىسسارى غالىپ تۇرسۇننىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى. غالىپ تۇرسۇن ھەققىدە خىتاي دائىرىلىرى چىقارغان ئەيىبنامىدە، ئۇنىڭغا سىياسىي ئىنتىزام جەھەتتە ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى جەڭدە ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزگەن، ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان تېررورچىلار، 3 خىل كۈچلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇلارغا چاپان ياپقان دېگەندەك جىنايەتلەرنى ئارتىپ، ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. غالىپ تۇرسۇن خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ھەر ساھە بويىچە ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى باشلىغاندىن بۇيان، جامائەت خەۋپسىزلىك ساھەسىدە ئىككى يۈزلىمىچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغانلار ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىر ھېسابلىنىدۇ.

چەرچەن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ سابىق سىياسىي كومىسسارى غالىپ تۇرسۇننىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، بايىنغولىن ئوبلاستلىق ۋە چەرچەن ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى بولۇپ 3 دەرىجىلىك ئورگان چىقارغان ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، غالىپ تۇرسۇن ئۆتكۈزگەن ئېغىر سىياسىي خاتالىق ۋە ئىنتىزامسىزلىق قىلمىشلىرى ئۈچۈن، پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، بارلىق مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىپ، ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

بىراق، 3 دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ تەستىقى بىلەن رەسىمى قولغا ئېلىنغان غالىپ تۇرسۇننىڭ قاچان قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىگەن. ئەڭ دەسلەپ بۇنىڭغا دائىر ئۇچۇر توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ھۆكۈمەت تورىدا 1-ئاۋغۇست ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ خەۋەردە، 31-ئىيۇل كۈنى توقسۇ ناھىيەسى جامائەت خەۋپسىزلىك سېپىدىكى 500 نەپەر كادىر-ساقچىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن «غالىپ تۇرسۇن دېلوسىدىن ئىبرەت ئېلىش مەخسۇس يىغىنى» ئېچىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. يىغىندا غالىپ تۇرسۇننىڭ ئۇزۇن يىلدىن بۇيان ئالاھىدە خىزمەت شارائىتى ۋە ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆتكۈزگەن ئېغىر خاتالىقى پاش قىلىنىپ، غالىپ تۇرسۇنغا ئوخشاش ئىككى يۈزلىمىچىلەرنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك سېپىگە سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇلارنى تازىلاشتا كۈچلۈك سەگەكلىك بىلەن جەڭ قىلىش كېرەكلىكى، بولۇپمۇ ھازىرقىدەك جىددىي سىياسىي ۋەزىيەتتە ھەر بىر ساقچى-كادىرنىڭ ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، تەلتۆكۈس ساداقەتمەن بولۇشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان ھەر ساھەدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر كادىرلارنى «ئىككى يۈزلىمىچى» دېگەندەك ئەيىبلەشلەر توختىماي جازالاپ تازىلاۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىپ كەلمەكتە. غالىپ تۇرسۇن جامائەت خەۋپسىزلىك ساھەسىدە ھازىرغىچە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» قىلمىشى بىلەن جازالانغان تۇنجى ئۇيغۇر كادىر سانالمىسىمۇ، ئەمما جازالانغانلار ئىچىدىكى ئەمەل دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى رەھبىرىي كادىر ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.

2017-يىلى 2-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى ساتتار ساۋۇت، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق باش كاتىپى ئالىمجان مەمتىمىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇرازاق سايىم قاتارلىقلارنىڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ يەرلىك مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا تۈزۈپ تارقاتقان «تىل-ئەدەبىيات»، «تارىخ» ۋە «ئەخلاق» دەرسلىكلىرىدە «پانتۈركىزم»، «پانئىسلامىزم» ۋە «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» ئىدىيەلىرى تەرغىب قىلىنغان دېگەن ئەيىبلەشلەرگە باغلاپ قولغا ئېلىنغانلىقى ئىنكاس قىلىنغان ئىدى.

جامائەت خەۋپسىزلىك ساھەسىدە ئىككى يۈزلىمىچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغانلار ئىچىدىكى ھازىرغىچە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلگە ئىگە كادىر ھېسابلانغان غالىپ تۇرسۇنغا سىياسىي ئىنتىزام جەھەتتە: «ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ تېررورچىلار، 3 خىل كۈچلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىگە ھەمكارلاشقان، ئۇلارنىڭ قانۇن تورىدىن قۇتۇلۇپ يەنىمۇ ئېغىر جىنايەتلەرنى سادىر قىلىشى ئۈچۈن يان تاياق بولغان. ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارغا چاپان يېپىپ، مىللىي ئۆچمەنلىكنى تەرغىب قىلغان» دېگەندەك جىنايەتچىلەر ئارتىلغاندىن سىرت يەنە ئۇنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىش پارىخورلۇق قىلغانلىقى ھەققىدىمۇ نۇرغۇن دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ بارلىقى قەيت قىلىنغان. بىراق ئۇقتۇرۇشتا ئۇنىڭ كونكرېت جىنايىتى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ياكى دەلىل كۆرسىتىلمىگەن. غالىپ تۇرسۇننىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىمۇ بېرىلمىگەن.

بىز غالىپ تۇرسۇن ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلار ئېلىش ئۈچۈن بايىنغولىن ئوبلاستى ۋە چەرچەن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىغا كۆپ قېتىم تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، جاۋاب ئېلىش مۇمكىن بولمىدى.

مەزكۇر خەۋەر 18-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ تارقىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلاردا بەلگىلىك دىققەت ۋە غۇلغۇلا قوزغىماقتا. رادىيومىزغا ئۆزىنىڭ غالىپ تۇرسۇننى تونۇيدىغانلىقى ھەققىدىمۇ ئىنكاس قىلغۇچىلارمۇ بولدى. تۈركىيەدىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىر قىز ئوقۇغۇچىسى ئائىلىسىنىڭ غالىپ تۇرسۇن ئائىلىسى بىلەن يېقىن ئۆتىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنى كىچىكىدىن ياخشى تونۇيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قىزنىڭ ئېيتىشىچە، غالىپ تۇرسۇن 6-ئايلاردا چەرچەندە قولغا ئېلىنغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ يىل 56 ياشلارغا كىرگەن غالىپ تۇرسۇن، چەرچەنگە يەرلىك، ئۇ بىر ئۆمۈر چەرچەن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدە خىزمەت قىلغان ۋە سىياسىي كومىسسار بولۇش جەريانىدا ھېچقانداق پارىخورلۇق ياكى سىياسىي خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكى ھەققىدە ئىنكاس بولۇپ باقمىغان، ئۇ ئۆزى خۇشخۇي كىشى بولۇپ ئالدىغا كەلگەن ھاجەتمەنلەرگە دائىم سىلىق ياخشى مۇئامىلە قىلغاچقا ۋە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا ئادىل بولغاچقا، جامائەت ئالدىدىكى تەسىرى باشقا ساقچىلارغا قارىغاندا ئالاھىدە ياخشى بولۇپ كەلگەن ئىكەن.

بۇ قىز خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلغان كادىرلارنى قويماي جازالاۋاتقان نۆۋەتتىكىدەك كۈندە، گەرچە غالىپ تۇرسۇنغا ئىككى يۈزلىمىچى دەپ ئېغىر جىنايەتلەرنى ئارتىشىغا ھەيران قالمىغان بولسىمۇ، ئەمما غالىپ تۇرسۇننىڭ پارىخورلۇق جىنايىتى ئۆتكۈزۈشىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، غالىپ تۇرسۇن گەرچە يۇقىرى ھوقۇقلۇق كادىر بولسىمۇ ئۆزىمۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىمۇ باشقا ئوخشاش ھوقۇقلۇق كادىر ساقچىلارغا قارىغاندا ئاددىي-ساددا ياشاپ كەلگەن ئىكەن.

غالىپ تۇرسۇن ۋەزىپە ئۆتىگەن چەرچەن ناھىيەسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەڭ جەنۇبى قىسمىغا توغرا كېلىدىغان خىتاي بويىچىمۇ يەر كۆلىمى چوڭ ناھىيە ھېسابلىنىدۇ. خىتاينىڭ 2012-يىللىق نوپۇس ئىستاتېستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، چەرچەن ناھىيەسىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 100 مىڭغا يېقىن بولۇپ، ئۇنىڭ 72% تىن ئارتۇقىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدۇ. چەرچەن ناھىيەسى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان چەت ناھىيەلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت غالىپ تۇرسۇن مەسىلىسى ھەققىدە ئىنكاس بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «غالىپ تۇرسۇننىڭ، تېررورچىلارغا يانتاياق بولدى دېگەندەك ئەيىبلەشلەر بىلەن قولغا ئېلىنىشى، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ھەتتا يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى بىۋاسىتە ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان كادىرلىرىغىمۇ ئىشەنمەيدىغانلىقىنىڭ بىر دەلىلى ۋە بۇ مىسال ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنى خالاپ ياكى مەجبۇرىي ئىجرا قىلىۋاتقان بارلىق كادىرلارغا ئۆزلىرىنىڭمۇ ھامان بىر كۈنى جازالىنىدىغانلىقىغا بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.