خىتاينىڭ نېفىت ساھەسىدىكى چىرىكلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا مۇنازىرە قوزغىدى

0:00 / 0:00

خىتايدا بۇ يىل ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئاخىرى باشلانغان نېفىت ساھەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، نېفىت ساھەسىدە چىرىكلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتى كېڭەيگەنلىكى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندى.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا بۇ يىل 8-ئاينىڭ ئاخىرقى ھەپتىسىدىن باشلاپ قولغا ئېلىنغان ياكى تەكشۈرۈلۈۋاتقان ئەمەلدارلاردىن خىتاي دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو نېفىت باش شىركىتىنىڭ ئىلگىرىكى دىرېكتورى جياڭ جېمىن، جۇڭگو نېفىت باش ئىدارىسى، جۇڭگو دېڭىز نېفىت شىركىتى، داچىڭ نېفىتلىكى، غالىبىيەت نېفىتلىكى، تارىم نېفىتلىكى قاتارلىقلاردىن ۋاڭ يۇڭچۈن، لى خۇالىن، زەي شىنچۈەن، ۋاڭ چاڭداۋ، سۈن دېلوڭ، ۋاڭ گولياڭ، ۋۇ مېي، ۋاڭ ۋېنساڭ، ۋاڭ داۋفۇ، جۇ جىپىڭ، يۈ يىپو، جۇ مىڭچۈن قاتارلىق ئون نەچچە كىشىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنىپ، ئۇلارنىڭ «ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش سەۋەبىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتقان» لىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلدى.

ئەمما چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ تور بېكەتلىرى ۋە خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ قېتىم خىتاي نېفىت ساھەسىدە باشلانغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە تەكشۈرۈلۈش نامىدا «تۇتقۇن قىلىنغان» يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، ھازىرغىچە خىزمەتتىن توختىتىلىپ رەسمىي تەكشۈرۈلۈۋاتقان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار 200 دىن ئاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھەرقايسى چوڭ نېفىتلىكلەردىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئارىسىدا «چىرىكلىك قىلمىشى سەۋەبىدىن تەكشۈرۈلۈش ئوبيېكتى» بولۇشتىن ساقلىنىش ۋەھىمىسى ئەۋج ئالغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىدە يەنە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ نېفىت ساھەسىدىكى چىرىكلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنغانلارنىڭ خىتاي سىياسىي بيۇروسىدىكى 9 ھەيئەتنىڭ بىرى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق باشلىقى جۇ يۇڭكاڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ يېقىنلىرى ئىكەنلىكى ۋە جۇ يۇڭكاڭنىڭمۇ نۆۋەتتە تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، «جۇ يۇڭكاڭنىڭ تەسىرى زور بولغان خىتاي نېفىت ساھەسىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىك قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جۇ يۇڭكاڭ ئەمەل تۇتقان مەزگىلىدىكى چىرىكلىك، پارىخورلۇق قىلمىشلىرىنىڭ پاكىتلىرى ئاشكارىلىنىشى مۇمكىنمۇ؟» دېگەندەك مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى جۇ يۇڭكاڭنىڭ «تەكشۈرۈش ئوبيېكتى ئەمەس» لىكىنى تەكىتلەپ، ئۇنىڭ «تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ياردەمدە بولۇۋاتقانلىقى»نى تەكىتلىدى.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 9-سېنتەبىر كۈنىدىكى«خىتاي نېفىت ساھەسىدىن يەنە يۇقىرى دەرىجىلىك 5 ئەمەلدار ئېلىپ كېتىلدى» دېگەن خەۋەر ئانالىزىدا،«يېقىندىن بۇيان خىتاي نېفىت ساھەسىدىن تۇتقۇن قىلىنغان 10 نەچچە ئەمەلدار، ئىلگىرى جۇ يۇڭكاڭ خىتاي نېفىت ساھەسىنى باشقۇرغان چاغدا ئۆستۈرگەن ئەمەلدارلار ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. ئەگەر بۇ ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىك قىلمىشلىرى ھەققىدىكى پاكىتلار ئاشكارىلانسا، ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى رەھبىرى بولغان جۇ يۇڭكاڭ ئۈچۈن ئەجەللىك زەربە بولۇشى مۇمكىن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جۇ يۇڭكاڭغا قانداق تەدبىر قوللىنىشى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس» دېگەن بايانلار بېرىلدى.

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان«ئىقتىساد گېزىتى» نىڭ 9-سېنتەبىردىكى سانىدا «شى جىڭپىڭ ھۆكۈمىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان چىرىكلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتى چىرىكلىككە زەربە بېرىش ئەمەس» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە «شى جىڭپىڭنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان چىرىكلىككە زەربە بېرىشنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى خىتاي ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا ئەۋج ئالغان چىرىكلىك قىلمىشىنى يوقىتىش ئەمەس، بەلكى «يامان كىشىلەرنى جازالاش» ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ، خىتاي كومپارتىيىسىگە قارىتا ئىشەنچىنى يوقاتقان پۇقرالارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بولۇۋاتىدۇ» دېگەنلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ماقالىدە يەنە، ئىلگىرىكى خىتاي باشلىقلىرىنىڭ «چىرىكلىككە زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى»نىڭ مەقسىتى تىلغا ئېلىنىپ،«جياڭ زېمىننىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا بېيجىڭ شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن شىتۇڭنى چىرىكلىك قىلمىشى بىلەن ئەيىبلەپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشى، خۇ جىنتاۋنىڭ 2006-يىلى شاڭخەي شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن لياڭيۈنى تۇتقۇن قىلىشى چىرىكلىككە زەربە بېرىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن بولغىنىدەك، شى جىڭپىڭنىڭمۇ نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان چىرىكلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بىر تۈركۈم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى تۇتقۇن قىلىپ جازالىشى، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن بولماقتا. نۆۋەتتە ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ جازالانغان بىر تۈركۈم ئەمەلدارلار پەقەت بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە ئاۋامنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغانلار» دېيىلدى.

نۆۋەتتە، خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردا خىتاي نېفىت ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «چىرىكلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتى» ھەققىدىكى خەۋەر ئانالىزلىرى جۇ يۇڭكاڭنىڭ چىرىكلىك مەسىلىسى بىلەن شى جىڭپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسىتى قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتى. بۇلارنىڭ بەزىلىرىدە بۇ قېتىمقى «چىرىكلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتى»دە خىتاينىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى جۇ يۇڭكاڭنىڭمۇ چىرىك قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن جازالىنىش ئېھتىمالى بار-يوقلۇقى مۇلاھىزە قىلىنغان بولسا، يەنە بەزىلىرىدە بۇ قېتىمقى چىرىكلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتى ئەمەلىيەتتە شى جىڭپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان تەدبىرى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.