مەھبۇس ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنىڭ 5-قېتىملىق جازا مۇددىتى ئاخىرلىشىدىغانغا 11 ئاي 7 كۈن قالدى.
سىياسىي مەھبۇس ئابدۇۋەلى ئابدۇكېرىم 1991-يىلى قولغا ئېلىنىپ 12 يىللىق كېسىلگەن. 2002-يىلى جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە قايتىدىن سوت ئېچىلىپ جازا مۇددىتى تۆت قېتىم ئۇزارتىلغان. ئاخىرقى قېتىمقى ھۆكۈمدە جازا مۇددىتى 2014-يىلى 6 -ئاينىڭ 30- كۈنى ئاخىرلىشىدۇ دەپ بېكىتىلگەن. ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتى 24 يىلدىن بۇيان ۋاقىتنى تەتۈر ساناپ ئۇنىڭ ئامان-ئېسەن يورۇقلۇققا چىقىشىنى كۈتمەكتە. ئابدۇۋەلى ئابدۇكېرىمنىڭ ئىنىسى ئابدۇراخمان ئابدۇۋەلىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ ئاكىسىنىڭ جازا مۇددىتى توشىدىغانغا بۈگۈن 11 ئاي 7 كۈن قالدى، مەزكۇر ئائىلىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ ئەندىشىسى ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋال ئۈستىدە. مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى ئائىلىسى بىلەن 58 كۈننىڭ ئالدىدا كۆرۈشتۈرۈلگەندە ئۆرە تۇرالماس ھالەتتە بولۇپ چاقلىق ھارۋىدا ئاچىقىلغان.
مۇخبىر: ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنىڭ ئەھۋالىدا قانداق بىر ئۆزگىرىشلەر بار، يېقىندىن بۇيان؟
ئابدۇراخمان : ئەللىك بەش كۈن ئالدىدا كۆرۈشۈپ كەلدۇق. يەنە مۇشۇ ھېيتتىن كېيىن كۆرۈشكىلى بارماقچى.
مۇخبىر: قانچىلىك ۋاقىتتا بىر كۆرۈشۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر؟
ئابدۇراخمان: ھازىر ئىككى ئايدا بىر.
مۇخبىر: ئۇ ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە نېمىلەرنى دېدى؟
ئابدۇراخمان: ھېچنېمە دېمىدى، ئەمما كۆردۇق : چاقلىق ھارۋا بىلەن ئاچىقتى. ھارۋىدىن تۇرغاندىمۇ، ھارۋىغا ئولتۇرغاندىمۇ ئىككى ئادەم يۆلەپ تۇرغۇزدى؛ بەكلا ئاجىزلاپ كېتىپتۇ. 58 ياشلىق بىر ئادەم 80 ياشلىق قىياپەتتە كۆرۈندى. ئارىلىقتا 9 ئاي دوختۇرخانىدا تۇرغان، ئەمدى كامىرىغا ئاچىقىپتۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەھۋالى قانداق بولىدۇ، بىلمەيمىز، ئەس-خىيالىمىز شۇنىڭدا.
مۇخبىر: دوختۇرخانىغا نېمە ئاغرىق بىلەن ئېچىقىلىپتۇ؟
ئابدۇراخمان: ئاچلىق ئېلان قىلىپ تاماق يېمىگەندىن كېيىن ئاچىقىپتۇ.
مۇخبىر: ئۇنداقتا ئوكۇل ئۇرۇپ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغان گەپمۇ؟
ئابدۇراخمان: شۇنداق.
مۇخبىر: كۆرگەن ئەھۋالىڭلاردا سىلەرنى ئەڭ چوڭ ئەندىشىگە سالغان ئالامەت نېمە؟
ئابدۇراخمان: بارماق سۆڭەكلىرىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ. بارماق بوغۇم سۆڭەكلىرى چوقچىيىپ يوغىناپ كېتىۋاتىدۇ. ئۆتكەنلەردە رىماتىزىممۇ بولغان. شۇ رىماتىزىمنىڭ كۈچىيىشىدىن بولغان ئەھۋالمۇ ياكى باشقا كېسەللىكمۇ بىلەلمەيۋاتىمىز. 24 يىلدىن بېرى ۋاقىتنى تەتۈر ساناپ ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. بۈگۈن ئاكامنىڭ قويۇپ بېرىلىدىغىنىغا 11 ئاي 7 كۈن قالدى. ئامان-ئېسەن كۆرۈشكىلى نېسىپ بولسا بولاتتى.
بىز مەھبۇس ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالنىڭ خەتەرلىك دەرىجىسى ھەققىدە ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە ياشاۋاتقان دوختۇر مەمەتئىمىن ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.
مۇخبىر: سىزچە، بارماق بوغۇملىرىدىكى ئۆزگىرىش قانداق بىر كېسەللىكنىڭ ئالامىتى؟
مەمەتئىمىن: ئادەتتە رېماتىزم ئېغىرلاشقاندا، بارماق سۆڭەكلىرىدە شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىش، غەيرىيلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا، قان تەركىبىدىكى بۇزۇلۇشلاردىنمۇ بۇ ئالامەت كۆرۈلىدۇ. رىماتىزىمنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى نەملىك ۋە سوغۇقلۇق بولغاچقا، بۇ ئۇزۇن مەزگىل تۈرمىدە ياتقان، بولۇپمۇ خىتايدەك شارائىتى ناچار تۈرمىلەردە ياتقان مەھبۇسلاردا ئاسان شەكىللىنىدۇ ۋە تېز كۈچىيىدۇ. شۇڭا كېرەم ئابدۇۋەلىدىكىسى رىماتىزىمدىن بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى.
مۇخبىر: ئارىلىقتا 9 ئاي ئاچلىق ئېلان قىلغان ئىكەن، بۇنىڭمۇ تەسىر كۆرسەتكەن بولۇش ئېھتىماللىقى بارمۇ؟
مەمەتئىمىن: ئۇزۇن مەزگىل ئاچلىق ئېلان قىلىش ئادەتتە ئاشقازان جاراھەتلىنىش ۋە ئۈچەي تېشىلىش كېسەللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ رېماتىزم بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى يوق، بىراق بەدەندىكى قۇۋۋەت ئاجىزلىقى، ھەرقانداق بىر كېسەلنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
مۇخبىر: سىزچە، شۇ بارماق بوغۇملىرىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىشى ھاياتىي بىر خەتەر تۇغدۇرۇش ئېھتىماللىقى بارمۇ؟
مەمەتئىمىن: بار دېيىشكە بولىدۇ. بولۇپمۇ ئۆرە تۇرالماس دەرىجىدىكى جىسماني ئاجىزلىشىپ كېتىشىنى نەزەردىن تۇتقاندا. ھازىر شۇڭا ئالدى بىلەن كۆپ ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇۋۋەت تالقىنى بېرىش ئەڭ مۇھىم؛ ئۇنىڭدىن كېيىن رىماتىزىمنىڭ ھەممىگە مەلۇم دورا-دەرمەكلىرىنى بېرىش پايدىلىق ۋە جىددىي زۆرۈر دەپ قارايمەن.
يۇقىرىدا نۆۋەتتە ئۈرۈمچى 1-تۈرمىدە ئۇزارتىلغان جازا مۇددىتىنى 5-قېتىم ئۆتەۋاتقان سىياسىي مەھبۇس ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.