ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاي ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىشقا چاقىرىلدى

0:00 / 0:00

يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى چاقىرىپ، مەخسۇس خىتاينىڭ ئەمگەك بىلەن لاگېرلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى. يىغىندا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلارغا كىشىلەرنى مەمۇرى بۇيرۇق بىلەن 4 يىلغا قەدەر ئەمگەك لاگېرلىرىغا قاماش ھوقۇقى بېرىلگەن بۇ تۈزۈم خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە خىلاپ بولۇپلا قالماي، خىتاي ئاساسى قانۇنىنىڭ ئۆزىگىمۇ خىلاپ بولۇپ، دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى كېرەك.

ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيەت سوراپ كېلىۋاتقان 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، جەمئىيەتتىكى لۈكچەكلىك قىلمىشلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى يەنە سىياسىي، دىنىي ئۆكتىچىلەرنى، ئەرزدارلارنى، ھەرخىل قانۇنسىزلىقلارغا نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنى باستۇرىدىغان قورالى بولۇپ كەلگەن. بىراق يېقىندىن بۇيان بۇ تۈزۈمنى بىكار قىلىش چاقىرىقى كۈچىيىشكە باشلىغان ئىدى.

مەركىزى سىياسىي قانۇن كومىتېتى سېكرېتارى مىڭ جيەنجۇ بۇ يىل 1‏- ئايدا خىتاي ئاخباراتىغا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.

خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ يىل 3‏- ئايدىكى مەملىكەتلىك يىغىنى مەزگىلىدە يەنە بۇ مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ مەزكۇر تۈزۈمنى بىكار قىلىش توغرىلىق باش قاتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر تۈزۈمنى ئۈزۈل-كېسىل بىكار قىلامدۇ ياكى ئىسلاھ قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر خىل تۈزۈمنى دەسسىمەمدۇ؟ دېگەن مەسىلە يەنىلا مەجھۇل.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلار كومىتېتى 9‏-ماي چاقىرغان مەزكۇر مەسىلە ھەققىدىكى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق مۇستەقىل تەتقىقاتچى لى شاۋروڭ سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرىنى تاقىسىمۇ، بىراق كىشىلەرنى باشقا ناملار داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى دىققەتنى بۇراشقا ماھىر. مەسىلەن: مەن لاگېردىكىلەرنى يۆتكىۋېتىش مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشنى تەكىتلەيمەن. ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرىدىكى تۇتقۇنلارنى«قانۇنسىز قىلمىشلارنى تۈزىتىش مەركىزى» دېگەن نامدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا يۆتكەپ ئاپىرىش مۇمكىنچىلىكى بار. قارىسىڭىز، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرى مەۋجۇت ئەمەس، بىراق ئۇلارنىڭ نامى ئۆزگىرىپ، قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش يەنە داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. بۇ ئەھۋالغا دىققەت قىلىش لازىم. مەسىلەن: ئۆتكەن قېتىم جۇڭگو« دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى» نى ماقۇللاپ يولغا قويغان. مەزكۇر ھەرىكەت پىلانى ھەقىقىي ئىجرا قىلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو دوكلات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر پىلاننىڭ ئىجرا قىلىنغانلىقىنى يازدى. بۇ ھەرىكەت پىلانىغا قاتناشقان ئاممىۋى جەمئىيەتلەرنىڭ سانى ناھايىتى چەكلىك ئىدى، دەپ كۆرسەتتى.

نيۇ-يورك ئۇنىۋېرسىتېتى ئامېرىكا-ئاسىيا قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئېرا بېلكىن، خىتاي ج خ ئورگانلىرىنىڭ كىشىلەرنى مەمۇرى بۇيرۇققا تايىنىپ، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرىغا سولاش ھوقۇقى دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش سىستېمىسى مەمۇرى تۇتۇپ تۇرۇش چارىسى بولۇپ، ئەدلىيە ھوقۇق دائىرىسىدىكى مەسىلە ئەمەس. ساقچى ئىنتايىن مۈجمەل سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ، ئەدلىيىنىڭ قارارىسىز
بىر كىشىنى 4 يىلغا قەدەر ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرىغا سولاپ قويالايدۇ. خىتاي 1979‏- يىلدىن كېيىن، زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىپ، ئۇنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇن ياخشىلانغان بولسىمۇ، بىراق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرىغا ئوخشاش ۋەتەنداشلىرىنى قانۇن سىرتىدا جازالايدىغان مەمۇرى جازالاش تەدبىرلىرىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نورمال قانۇنلارنىڭ سىرتىدا بۇ خىل مۈجمەل ئۆلچەملەرنى تۈزۈپ يولغا قويۇشى، خىتاينىڭ جەمئىيەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش پىلانىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا ئىكەن.

ئۇ، خىتاي قانۇنچىلىق ساھەسىدە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىنى قانداق بىكار قىلىش ھەققىدە ئوخشىمىغان ئىككى خىل كۆز قاراش بارلىقىنى بىلدۈردى.

پروفېسسور بېلكىن: خىتايدا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى قانداق ئىسلاھ قىلىش توغرىلىق ئوخشىمىغان پىكىرلەر بار. مەن بايام ئۆزۈمنىڭ بايانىدا بۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتتۈم. خىتاي قانۇنچىلىق ساھەسىدىكىلەر مەسىلىنى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن چۈشەندۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى، خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى ليۇ رېنۋىن. ئۇ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرىنى بىكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھەرقانداق شەخسنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكىنى جازالاش جىنايى ئىشلار قانۇن دائىرىسى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. ھازىرقى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى خىتاي 2000‏- يىلى ماقۇللىغان جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 9-ماددىسىغا خىلاپ بولۇپلا قالماي، ئاساسى قانۇننىڭ 37-ماددىسىغىمۇ خىلاپ. ئۇ، مەيلى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى، خەلقئارا ئۆلچەم ۋە خىتاينىڭ قانۇن چىقىرىش نىزامىدىن قارىغاندىمۇ، كىشىلىك ئەركىنلىكنى جازالاشنى قانۇن بەلگىلىشى لازىم، بۇنى دۆلەت كابىنېتى بەلگىلىمەسلىكى كېرەك، دەپ قارايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.


مۇستەقىل تەتقىقاتچى ليۇ شاۋروڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىغا دىققەت قىلىشى، قانۇن چىقىرىپ، كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىشى، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدىكى مال-مۈلكىنى توڭلىتىشى كېرەك.

ئۇ: ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى جۇڭگوغا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك. ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىنى باشقا قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا ئۆزگەرتىۋېلىشىدىن ئاگاھ بولۇشى لازىم. مەجبۇرى ئەمگەك لاگېرلىرىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشىگە، زىيىنىنى تۆلىتىۋېلىشقا يول قويۇلۇش كېرەك. ئوباما ھۆكۈمىتى بۇ يىل خىتاي بىلەن ئۆتكۈزىدىغان كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ۋە قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى دىئالوگىدا بۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى «ماگنىتىسكىي قانۇنى» غا ئوخشاش قانۇن چىقىرىپ، كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلغان، جۈملىدىن ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىدىكى تەن جازاسى ۋە قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش ۋەقەلىرىگە ئارىلاشقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدىكى مال-مۈلكىنى توڭلىتىشى كېرەك. دۆلەت مەجلىسى يەنە جۇڭگوغا قانۇن ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشى زۆرۈر.

«ماگنىتىسكىي قانۇنى» ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى 2012‏- يىلى دېكابىردا چىقارغان رۇسىيە كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى بولۇپ، مەزكۇر قانۇندا كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلغان رۇسىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى، ئامېرىكىدىكى مال-مۈلكىنى توڭلىتىش تەلەپ قىلىنغان. مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن چېچىنىيە پرېزىدېنتى رانمىزان قادىروفنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى چەكلەنگەن ئىدى.

ئامېرىكىدىكى خىتاي ئۆكتىچى تەشكىلاتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، ئۇيغۇر ۋە تىبەت تەشكىلاتلىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش قانۇن چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن.