مەتبۇئاتلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان ئەقىدىسىنى ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي ئەقىدىلەر دېگەن پەتىۋالىرى بىلەن بىلەن يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلىپ كەلمەكتە.
گەرچە، ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆيىدە مۇقەددەس كىتابى قۇرئاننىڭ بولۇشى نورمال ئەھۋال بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆيىدە قۇرئان ۋە قىرائەت لېنتىلىرىنى ساقلىغان ئۇيغۇرلارنى قاتتىق جازالاپ كەلدى.
كورلا شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق مەلۇم ئۇيغۇر ياش ئەنە شۇنداق سەۋەب بىلەن 2001-يىلىلا 2 يىللىق قاماققا ئېلىنغان. بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئۇيغۇر ياش، زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان سانسىز ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تۆۋەندە ئۇنىڭ ئاقسۇ يېڭى ئاۋات ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىدىكى كەچۈرمىشلىرى توغرىسىدىكى سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ داۋامىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.