خىتاي ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنىڭ ئورنىغا باشقا سىستېما ئورناتماسلىققا چاقىرىلدى
2013.11.18

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى براد ئادامس، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن ئىچكى-تاشقى تەنقىدلەرگە ئاخىرى ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش تۈزۈمىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بىراق بۇ مۇھىم قەدەم، ھۆكۈمەت ئۇنىڭ ئورنىغا كىشىلەرنى سوتلىماي تۇتۇپ تۇرىدىغان باشقا خىل سىستېمىنى دەسسەتمىگەندە ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش تۈزۈمى جىنايى جازاغا توشمايدىغان يېنىك جىنايى قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا قارىتىلغان دېيىلسىمۇ، بىراق ساقچىلار مەزكۇر تۈزۈمنى ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش، ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلغۇچىلار، ئەرزدارلار، ئۇچۇر ئاشكارىلىغۇچىلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، يەر ئاستى خرىستىئان مۇرىتلىرى ياكى چەكلەنگەن دىنىي مەزھەپلەر ۋە باشقا جامائەت تەرتىپىگە تەھدىت سالغۇچىلارنى سولاش ئۈچۈن قوللىنىپ كەلگەن.
بەزى پائالىيەتچىلەر مەزكۇر تۈزۈمنىڭ بىكار قىلىنىشىنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشقا قاراپ ئاتقان ئىجابىي قەدىمى، دەپ قارىغان بولسىمۇ، بىراق يەنە بەزى پائالىيەتچىلەر بۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشقا قاراپ ئېتىلغان ئىجابىي قەدەم ئىكەنلىكى گۇمانلىق، دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئۆكتىچى زات، «جۇڭگو لاۋگەي فوندى جەمئىيىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى ۋۇ خوڭدا ئەپەندى بۇ قاراشتىكى زاتلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش تۈزۈمىنى ۋەزىيەتنىڭ بېسىمى ۋە تەقەززاسىدا بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولدى.
ۋۇ خوڭدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو نۆۋەتتىكى بۇ ۋەزىيەتتە، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خۇسۇسەن دۆلەت ئىچىدىكى ئاممىنىڭ بارغانسېرى كۈچلۈك ئەركىنلىك، دېموكراتىيە تەلەپ قىلىش چاقىرىقىغا دۇچ كەلدى. 1980-ۋە 90-يىللاردا نۇرغۇن كىشىلەر خۇسۇسەن، جۇڭگو سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى، خەلق قۇرۇلتىيى ئەزالىرىنىڭ ئۆزى ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش تۈزۈمىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنى بىكار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. نېمە ئۈچۈن قانۇنسىز؟ چۈنكى سېنىڭ ئاساسىي قانۇنۇڭدا كىشىنىڭ ھاياتىغا چېقىلغىلى بولمايدۇ، دېيىلگەن. بىراق ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش بەلگىلىمىسى كىشىلەرنى 2-3 يىل قاماپ قويالايدۇ. بۇ ئاساسى قانۇنغا خىلاپقۇ! شۇڭا 80-90-يىللاردا نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى بىكار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن ئەينى چاغدا مەركىزى سىياسىي قانۇن كومىتېتى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورگانلار بۇنىڭغا قارشى چىققان. شۇڭا، بۇ ھەرگىز جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ ئاقىللىقى، دېموكېراتىيلىقى، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان قارارى ئەمەس. ئۇ ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرالمىدى. چۈنكى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى، خەلقنىڭ ئەركىنلىك، دېموكراتىك تەلىپى ئۇنى ئارقىغا چېكىنىشكە مەجبۇر قىلدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ئەدلىيە مىنىستىرلىقى جەمئىيەتتىكى قىلمىشلارنى تۈزەشكە مۇناسىۋەتلىك بىر قانۇننى ھازىرلاپ، خىتاي دۆلەت كابىنېتىنىڭ كۆرۈپ چىقىشىغا سۇنغان بولسىمۇ، بىراق بۇ قانۇن مەزمۇنى تېخى جەمئىيەتكە تېخى ئاشكارا ئېلان قىلىنمىغان. شۇڭا ئۇنىڭدا ساقچىلارنىڭ كىشىلەرنى قاماش ھوقۇقى بار-يوقلۇقى، ئەگەر بولسا، سوتلىماي قاماش ياكى ئادۋوكات تەكلىپ قىلىش قاتارلىق قانۇنىي تەرتىپلەرگە رىئايە قىلىنىدىغان-قىلىنمايدىغانلىقى مەجھۇل. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان تۇتقۇنلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
خىتاي دۆلەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بەزىلەر بىر قىسىم ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش لاگېرلىرىنى زەھەرلىك چېكىملىك تاشلاش مەركەزلىرىگە ئۆزگەرتىشنى تەكلىپ قىلغان. بۇ تەكلىپ ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش سىستېمىسىنى ئۈزۈل-كېسىل بىكار قىلىشنى كۈتۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
ۋۇ خوڭدا ئەپەندى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بەزى تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىدىغانلىقى، يەنە بەزىلىرىنى سوتلاش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ: ئەمەلىيەتتە، بۇ مەسىلىدە ئۇنىڭ ئىچكى قىسىمدا ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش لاگېرىدىكىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىلىق ئاللىبۇرۇن ھازىرلاپ قويغان بىر لايىھىسى بار. ئىگىلەشكە قارىغاندا، ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش مۇددىتى توشقان مۇتلەق كۆپ قىسىم مەھكۇملار قويۇپ بېرىلىدۇ. تەربىيىلەش مۇددىتى توشمىغان، لېكىن چوڭ مەسىلىسى يوق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى قويۇپ بېرىلىش ئېھتىماللىقى بار.
بىراق، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر سوتلىنىپ، قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن. جۇڭگو كومپارتىيىسىگە نىسبەتەن بىر قانچە مىڭ ئادەمنى سوتلاش، قاماققا ھۆكۈم قىلىش ھېچنەرسە ئەمەس. ئۇ ھەر يىلى نەچچە ئون مىڭ، نەچچە يۈز مىڭ ئادەمنى تۇتىدۇ. كومپارتىيە باشقا بىر خىل تۈزۈمنى قۇرۇش ئارقىلىق بۇ كىشىلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا ئېھتىياجلىق ئەمەس. چۈنكى ئۇنىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرى داۋاملىق مەۋجۇت. ئۇ سىزنى سوتلاش زۆرۈر، دەپ قارىسا دەرھال سوتلاپ، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىغا يوللايدۇ، دېدى.
ۋۇ خوڭدا ئەپەندى 1980-ۋە 90-يىللاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ۋە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىنى مەخپىي تەكشۈرۈپ، مەزكۇر لاگېرلاردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دىققىتىگە سۇنغان خىتاي دېموكراتىك زاتلىرىنىڭ بىرى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى 1994-يىلى قورغاس چېگراسىدا قولغا ئېلىپ، 18 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ۋە ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.
ۋۇ خوڭدا ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش تۈزۈمى بىلەن ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش سىستېمىسى پەرقلىق ئىككى خىل تۈزۈم. ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش تۈزۈمى پۈتكۈل ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش سىستېمىسىنىڭ كىچىككىنە بىر پارچىسى، خالاس.
ۋۇ خوڭدا مۇنداق دېدى: ئالدى بىلەن ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش بىلەن ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش تۈزۈمىنىڭ پەرقىنى ئايرىۋېلىش كېرەك. ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، سوت ھۆكۈم ئېلان قىلغان، 3 يىل، 10 يىل، 20 يىللىق قاماققا بۇيرۇلغان كىشىلەرنى جازالاش سىستېمىسى. ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇلغان كىشىلەر جىنايەتچىلەرنىڭ كىيىمىنى كىيىدۇ. ئۆزىنىڭ كىيىمىنى كىيىشكە بولمايدۇ. چېچى چۈشۈرۈۋېتىلىدۇ. تۈزۈمى قاتتىق. لېكىن ئەمگەك بىلەن تەربىيىلىنىدىغان كىشىلەرگە بۇنداق شەرت قويۇلمايدۇ. ئۇلا ئۆزىنىڭ كىيىمىنى كىيىپ، ئۆزىنىڭ يوتقىنىدا ياتىدۇ. بەزى جايلاردىكى ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش لاگېرلىرىدا تۇتقۇنلارغا بىر ئايدا بىر قانچە سوم پۇل بېرىلىدۇ. بىراق سىز تاماق پۇلىنى ئۆزىڭىز تۆلەيسىز. ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى بىر خىل مەمۇرى جازالاش تەدبىرى.