ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇلغان

0:00 / 0:00

ئىستانبۇلدىكى جۇمھۇرىيەت تەپتىش مەھكىمىسى تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئۈستىدىن سۇنۇلغان بىر پارچە ئەرز-شىكايەت تاپشۇرۇۋالغان. مەزكۇر شىكايەتنامىدە ئەركىن ئەكرەم تۈركىيەدىكى «ئۇيغۇر سانائەتچىلەر ۋە تىجارەتچىلەر جەمئىيىتى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ باشلىقى سابىر بوغداغا «ھاقارەت قىلىش» ۋە ئۇنى «تېررورچىلارغا نىشان قىلىپ كۆرسىتىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئىستانبۇلدىكى تەپتىش مەھكىمىسى بۇ ئەرزنى قوبۇل قىلغان ۋە سابىر بوغدانىڭ ئەرز-شىكايىتىگە ئاساسەن ئەركىن ئەكرەم ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئەرز-شىكايەتتە تۈركىيەدىكى 7-8 دەك كىشىنىڭ ئىسمى بار ئىكەن. نۆۋەتتە سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەركىن ئەكرەمگە مۇناسىۋەتلىك مەزكۇر دېلونى كېلەر يىلى 3‏-ئايدا كۆرۈپ چىقىشنى قارار قىلغانلىقى مەلۇم. ئەركىن ئەكرەم ئۆتكەن ھەپتە ئەنقەرەدىكى بىر يەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سابىر بوغدا شىكايەتنامىسىدە ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئىلگىرى تۈركىيەدىكى «ئىستىقلال» تور تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا قىلغان سۆزلىرىنى ئۆزىنىڭ «كىشىلىك شەخسىيىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە قىلىنغان ھۇجۇم» دەپ قارىغان.

ئەكرەم ئەكرەم سەيشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ سابىر بوغدانىڭ شەخسىيىتى ياكى كىشىلىك بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار ھېچقانداق بىر يامان گەپ-سۆزدە بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇ «ئىستىقلال» تېلېۋىزىيەسىدە سابىر بوغدا ھەققىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئۇنىڭ شەخسىيىتىگە ئالاقىدار بىر سۆزگە قانۇنى چۈشەنچە بەرگەن، ئەمما ئۇنىڭ شەخسىيىتىگە تېگىدىغان ھېچقانداق سۆز قىلمىغان.

ئەركىن ئەكرەم مۇنداق دېدى: «ئىستانبۇلدىكى ‹ئىستىقلال تور تېلېۋىزىيەسى› بىر قېتىم مەندىن: سابىر بوغدانى ھەممە ئادەم ‹خائىن› دەۋاتىدۇ، سىلەر بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر، دەپ سورىغان ئىدى. مەن، نەزەرىيە جەھەتتىن بىر ئادەمنى مەلۇم بىر شەخس قوپۇپ ‹خائىن› دېسىلا خائىن بولۇپ كەتمەيدۇ. بۇنىڭغا دۆلەت ياكى ھۆكۈمەت قارار بېرىشى لازىم دەپ چۈشەندۈرگەن ئىدىم. سابىر بوغدا، مېنى ئاشۇ نەزەرىيە ئارقىلىق خائىن دېدى، دەپ، مەن دېگەن گەپتىن ئۆزىنىڭ چۈشىنىۋالغان خاتا چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. شۇ قېتىملىق تېلېۋىزىيە سۆھبىتىدە ‹خائىنلارنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولىدۇ؟› دېگەن سوئالغا، 2‏-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى فىرانسىيەنى مىسالغا ئالدىم. گېرمانلار بىلەن ھەمكارلاشقانلارنى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاسىدىغاننى ئېسىپ، ئۆلتۈرگەننى ئۆلتۈرگەن، دېدىم. ئۇ، مېنى ئەسەبىي تېررورچىلارغا نىشان قىلىپ كۆرسەتتى، دەپ ئەرز قىپتۇ، لېكىن مەن بۇنى رەت قىلدىم.»

ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئادۋوكاتلارنىڭ مەسىلىنى ئۆز ئارا مۇرەسسەلەشتۈرۈپ ھەل قىلىش تەكلىپىنى رەت قىلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ھېچقانداق خاتالىق سادىر قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەركىن ئەكرەم يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئاڭغىچە ھېلىقى مۇرەسسەلەشتۈرگۈچى ئادۋوكاتلار كېلىپ، مېنىڭ مەھكىمىگە بارماي تۇرۇپ ‹مەن خاتالىشىپتىمەن› دەپ ئوچۇق-ئاشكارا ئېلان قىلىشىمنى تەلەپ قىلدى. ئەپۇ سورايدىكەنمەن. مەن نېمىشقا ئەپۇ سورايمەن، مەن نېمە خاتالىق قىلدىم، مەن بىر تەتقىقاتچى تۇرسام، ئۇنچىلىك نەرسىنى دېيەلمىسەم. بۇ قانداق بىر دېموكراتىيە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىمىدىم، ئۇنىمىغاندىن كېيىن مەھكىمىگە بېرىپتۇ. 3‏-ئاينىڭ 15‏-كۈنى سوت ئېچىلىدۇ.»

«ئىستىقلال» تېلېۋىزىيەسىدىكى مەزكۇر سۆھبەت بۇنىڭدىن تەخمىنەن 2 يىل ئاۋۋال ئېلىپ بېرىلغان. بىز مەزكۇر سۆھبەت پروگراممىنى توردىن ئىزدىگەن بولساقمۇ، لېكىن تېپېلمىدى. سابىر بوغدانىڭ ئىككى يىلدەك سۈكۈت قىلىپ، نېمە ئۈچۈن ئەمدى ئەركىن ئەكرەمنى سوتقا ئەرز قىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

بىز بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن سەيشەنبە كۈنى سابىر بوغداغا تېلېفون قىلدۇق. ئۇ تۇنجى قېتىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەركىن ئەكرەمنى سوتقا بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

سابىر بوغدا مۇنداق دېدى: «قاراڭ، توغرا، ئەركىنبەي قىممەتلىك بىر ئوقۇتقۇچى، قىممەتلىك بىر ئاكادېمىك. لېكىن ئۆتكەن يىلى ئۆزىنىڭ بىر پروگراممىسىدا مەن توغرىلىق قالايمىقان سۆزلەرنى قىلدى. مەن بۇنىڭغا ھەيران قالدىم ۋە بۇنى ئادۋوكاتقا بەردىم. ئادۋوكات داۋا ئېچىپتۇ. يۈزلەرچە قېتىم ھاقارەت قىلىندىم. بايقىغان بولسىڭىز ھازىرغىچە بۇنداق بىر ئەرز-شىكايەتتە بولۇپ باقمىغان ئىدىم.»

«ئۇيغۇر سانائەتچىلەر ۋە تىجارەتچىلەر جەمئىيىتى» نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋىتى، ئۇنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ پات-پات خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يىغىنلىرىغا ئىشتىراك قىلىشى، سابىق خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ 2010‏-يىلى تۈركىيەنى زىيارەت قىلغاندا سابىر بوغدانى قوبۇل قىلىشى شۇنىڭدەك مەزكۇر جەمئىيەت مەسئۇللىرىنىڭ تۈركىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئۆتكۈزگەن ھەر خىل پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىشى مۇھاجىرەتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن.

بۇ خىل تەنقىدلەر خىتاي ھۆكۈمىتى 2 مىليوندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرىغا قاماپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى مەدەنىيىتى، تىلى ۋە ئەنئەنىلىرىدىن ۋاز كېچىشكە قىستاۋاتقانلىقىغا دائىر ئىشەنچلىك مەلۇماتلار كەڭ تارقالغان مەزگىلدە تېخىمۇ كۈچەيگەن ئىدى.

بىز ئۇنىڭدىن بۇ ئىشنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇنداق كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىشىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ھازىرقى باستۇرۇشى بىلەن ئالاقىدار دەپ قارايدىغان-قارىمايدىغانلىقىنى سورىدۇق. لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ تۇتقان يولىنى ئاقلاپ، ئۆزىنىڭ ھەممىگە ئوچۇق-ئاشكارا بىر يول تۇتۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «سىياسىي مەيدان سۈپىتىدە مەن مەخپىي ياكى يوشۇرۇن ئىش قىلمىدىم. مەن ئوچۇق-ئاشكارا مەيداندا دۆلەت باشلىقلىرى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەسئۇل خادىملىرى بىلەن خىتايغا بارغان بولسام ،مېنىڭ دېمەك مەخپىي، يوشۇرۇنغۇدەك بىر ئىشىم يوق. شۇڭا مەن ھېچنېمىنى يوشۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايمەن. ئەگەر ئوتتۇرىدا بىر قىيىنچىلىق بولسا، ئۇنىڭغا مەن سەۋەب بولمىدىم.»

لېكىن دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئەرزنىڭ تۈركىيە-خىتاي ئەدلىيە مۇناسىۋىتى تېز يېقىنلىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە سۇنۇلۇشى ئۇنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا ئىكەن. ئۇ تۈركىيە تەپتىش ئورگىنىنىڭ «دەلىلسىز» ۋە «مەنتىقسىز» بىر ئەرزنى قوبۇل قىلىپ، رەسمىي دېلو تۇرغۇزۇشىنىڭ ئۇنى ھەيران قالدۇرغانلىقىنى بىلدۈردى

ئەركىن ئەكرەم مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭكىدەك بىر دېلونى باشتىلا بۇ ئەرز ئاقمايدۇ دەپ توختىتىۋېتىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى مەن باشقا نەرسە دەۋاتىمەن، ئۇ بۇنىڭدىن باشقا نەرسىنى چىقىرىۋاتىدۇ. بۇنى چىقىرىپ تەپتىشقىچە ئاپىرىشى ۋە مەھكىمىنىڭ قوبۇل قىلىشى، يەنى مەنتىقسىز ۋە دەلىلسىز بىر نەرسىلەرنى مۇشۇ يەرگىچە ئېلىپ كېلەلىگەندىن كېيىن بۇ يەردە بىر ئىش بار دېگەن گەپ. خىتاي بىلەن تۈركىيە ئەدلىيە سىستېمىلىرى بىر بىرىگە ماسلىشىش ۋە ئىجرائات جەھەتلەردە بىر قانچە كېلىشىملەرنى ئىمزالاپ بولدى. دۆلەتلەرنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بۇنچىلىك بولۇپ كەتمەيدىغۇ، بەك يېقىن دۆلەت بولمىغان تەقدىردە. دېمەككى، ئىككى دۆلەت ئەدلىيە سىستېمىسىدا بىر ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشقا تىرىشىۋاتىدۇ.»

بۇ يىل 11‏-ئايدا تۈركىيەنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى گۈل خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي ئەدلىيە مىنىستىرى فۇ جىڭخۇا بىلەن بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان. گۈل بېيجىڭدا ئاناتولىيە ئاگېنتلىقىغا سۆز قىلىپ، خىتاي ئەدلىيە مىنىستىرى بىلەن «مەسىلىلىرىمىزنى سۆزلەشتۇق. ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئەدلىيەگە ئالاقىدار ئىشلاردىكى ھەمكارلىقىنى، بۇ جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە ھەمكارلىقىمىزنى ئالغا سۈرۈش ھەققىدە ئوچۇق سۆزلەشتۇق» دېگەن ئىدى. بۇنىڭ ئالدىدا خىتاي ئەدلىيە مىنىستىرى فۇ جىڭخۇا تۈركىيەنى زىيارەت قىلغان. فۇ جىڭخۇا بۇ زىيارىتىدە يەنە تۈركىيە جۇمھۇرىيەت باش تەپتىشى بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.