ئېتىۋېتىلگەن تۇرامەت تۇرسۇننىڭ نۇقتىلىق كەنتتىكى نۇقتىلىق ئائىلە ئەزاسى ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى

0:00 / 0:00

بۈگۈن مۇخبىرىمىز 2014-يىلى پوسكام ئىككىسۇدا ئېتىۋېتىلگەن تۇرامەت تۇرسۇننىڭ ئائىلە ۋە مەھەللە ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدى.

ۋەقە ھەققىدىكى تۈنۈگۈنكى ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا، تۇرامەت تۇرسۇننىڭ ئېتىلىپ كەتكەن كۈنى يول خېتى سوراپ ئاۋۋال سېكرېتارنىڭ يېنىغا بارغانلىقى، رەت قىلىنغاندىن كېيىن ساقچىخانىغا بارغانلىقى ۋە ساقچىخانىغا بارغاندا يېنىدا پىچاق بارلىقى بايان قىلىنغان.

بىز بۇ تەپسىلاتلارنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، تۇرسۇنغا ئوق چىقارغان ساقچى يېتەكچىسى ۋېي يۈەنخوڭدىن مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق. ۋېي يۈەنخوڭ مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىنى ئالغان بولسىمۇ، ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىككىسۇ قوراللىق بۆلۈم خادىمى تۇرامەت تۇرسۇن ئائىلىسىنىڭ دىنىي كەيپىياتى يۇقىرىلىقى سەۋەبلىك نۇقتىلىق ئائىلىلەر قاتارىدا ئىكەنلىكىنى، ئاكىسى نۇراخمەتنىڭ قانۇنسىز دىن ئوقۇتۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ 7 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

تاغارچى كەنتىنىڭ سېكرېتارى بۇ كەنتتە پەقەت نۆۋەتتە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنىڭ 14 كىشى ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

تاغارچىدىكى بىر پارتىيە ئەزاسى، ئۆزىنىڭ تام قوشنىسىنىڭ ئاتالمىش قانۇنسىز فىلىمنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئاۋۋال ئائىلىدىكى ئەر، كېيىن، ئەھۋالنى ئالدىن مەلۇم قىلمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئائىلىدىكى ئايالنىڭمۇ كېسىلىپ كەتكەنلىكىنى پاش قىلدى.

يۇقىرىدىكى مەلۇماتلارنىڭ كۆپىنچىسى كەنت كادىرلىرى تەرىپىدىن دەلىللەندى.

ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئاھالىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، تۇرامەت تۇرسۇن تەۋە بولغان تاغارچى كەنتى، پوسكام بويىچە مۇقىملىقنى ساقلاشتا نۇقتىلىق كەنت، تۇرامەت تۇرسۇننىڭ ئائىلىسى نۇقتىلىق ئائىلە؛ يېقىنقى 5 يىل ئىچىدە بۇ كەنتتىن 50 دىن ئارتۇق كىشى سىياسىي سەۋەب بىلەن تۇتۇلغان ۋە كېسىلگەن.

يەنە ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان گۇۋاھچىنىڭ بايان قىلىشىچە، تۇرامەت تۇرسۇننىڭ سابىق كەنت سېكرېتارى ۋە ساقچىلار بىلەن جېدىلىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، ئۇنىڭ ئاكىسى نۇرئەخمەت قاتارلىق بىر تۈركۈم تۇغقانلىرىنىڭ ناھەق ھالدا تۇتۇلۇشى ۋە كېسىلىشىدۇر.

ئاھالىلەردىن يەنە بىرى تۇرامەت تۇرسۇننىڭ تۇغقانلىرىدىن بىر ئائىلىنىڭ ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىشتە ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى، يەنى بۇ ئائىلىدىكى ئەر-ئايالنىڭ پەقەت قول تېلېفوندا بىر فىلىم كۆرگەنلىكى ئۈچۈنلا ئەر-ئايال كېسىلىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

يۇقىرىدا، پوسكامدا خىتاي ساقچى يېتەكچىسى ۋېي يۈەنخوڭ تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن تۇرامەت تۇرسۇننىڭ مەھەللە ۋە ئائىلە ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.