«شىنجاڭ گېزىتى» كادىرلار بۆلۈمى: «تۇتۇلغان 4 خادىمىمىزنىڭ 3 نەپىرى پارتىيە ئەزاسى ئىدى»

«شىنجاڭ گېزىتى» ئۇيغۇر بۆلۈمىدىكى 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ جىنايىتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ خادىملىرى.

ئاشكارىلىنىشىچە، «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىدىن 4 نەپەر مۇدىر ۋە باش مۇھەررىرنىڭ ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» جىنايىتى خىتاي قانۇن ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە قارارى بىلەن بېكىتىلگەن ئىكەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى ليۇ جيەنروڭ، 4 نەپەر ئۇيغۇر خادىمىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش دېلوسىنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرى بىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بىز ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىم بۇ دېلو ھەققىدە تېلېفون زىيارىتى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىز تەكرار «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئالاقىدار بۆلۈملىرىگە تېلېفون قىلدۇق. گېزىتخانىنىڭ كادىرلار بۆلۈمىدە ئىشلەيدىغان بىر خادىم تۇتقۇن ئىلھام ۋەلى، مىركامىل ئابلىمىت، مەمتىمىن ئوبۇل ۋە جۈرئەت ھاجىلاردىن 3 نەپىرىنىڭ كومپارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تۆت نەپەر خادىمنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومېتىدىن بۇ گېزىتخانىغا كەلگەن بىر خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن كېيىن باشلانغان. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى خىزمەت باشلاپ 3 ھەپتىدىن كېيىن باش مۇھەررىر ئىلھام ۋەلى، ئۇنىڭدىن بىر ھەپتە كېيىن قالغان 3 خادىم تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن.

مەزكۇر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا ئاكتىپ ھەمكارلاشقان بىر خادىمنىڭ بايان قىلىشىچە، گۇرۇپپا گەرچە گېزىتخانىدا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ۋە قازاق بۆلۈمىدىن تۇتۇلغانلار بولمىغان.

بۇ 4 خادىم بىلەن بىر مەھەل بىر ئىدارە ۋە بىر ئىشخانىدا خىزمەت ئىشلىگەن، نۆۋەتتە ۋاشىنگتوندا ياشاۋاتقان سابىق مۇخبىر جۈرئەت نىزامىدىننىڭ بايان قىلىشىچە، مەزكۇر تۆت نەپەر خادىم ئۇيغۇر ئاخبارات ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەردىن ئىكەن. جۈرئەت نىزامىدىن خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلغىنى 4 يىلدىن ئاشقانلىقى، شۇڭا ئۇلارنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچى» سانىلىشىغا نېمىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، ئەمما يېقىنقى سىياسىي دولقۇنلاردا خىتاي كۈتكەندىكىدەك بىر ئاكتىپچانلىقىنى كۆرسەتمەي قالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ تۇتقۇن قىلىنغان 4 نەپەر سابىق خىزمەتدىشىنىڭ مىجەزى كەسكىن، مەمۇرى باشقۇرۇش تەجرىبىسىگە ئىگە خادىملار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرلىكتە ئۇلاردىن بەزىلىرىنىڭ ھاياتىدا تۇنجى قېتىم ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىشى ئەمەسلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، مۇدىر مىركامىل ئابلىمىت ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە نامايىشقا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن مەكتەپتىن ھەيدەلگەن ۋە بىر قاتار جاپالىق جەريانلاردىن كېيىن ئىقتىدارلىق تەرجىمان ۋە ئاخباراتچى بولۇپ يېتىشىپ چىققان ئىكەن.