غەرب دۆلەتلىرى ئەلچىلىرى خىتاينىڭ يېڭى قانۇنلىرىغا ئېتىراز بىلدۈردى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا، گېرمانىيە، كانادا، ياپونىيەنىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسى ھەمدە ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ۋەكىلى خەت يېزىپ، خىتاينىڭ يېڭى قانۇنلىرىغا بولغان گۇمان ۋە ئېتىرازلىرىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 1 - مارتتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا، گېرمانىيە، كانادا، ياپونىيە قاتارلىق تۆت دۆلەتنىڭ خىتايدىكى ئەلچىلىرى بىرلىشىپ ئورتاق بىر چاقىرىق ھازىرلاپ، خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» غا ھەمدە نۆۋەتتە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ يولغا قويماقچى بولۇۋاتقان «تور بىخەتەرلىكى قانۇنى لايىھەسى» ۋە «چېگرا سىرتىدىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش قانۇنى لايىھەسى» قاتارلىقلارغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

خىتاينىڭ بۇ قانۇنلىرىغا بولغان گۇمان ۋە ئېتىرازلىرى ئىپادىلەنگەن بۇ خەتلەر خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى گو شەنكۈنگە ئەۋەتىلگەن.

رويتېرسنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ھانس دېتمار شىۋايسگۇت ئەپەندىمۇ ياۋروپا بىرلىكى نامىدىن ئايرىم بىر چاقىرىق ھازىرلاپ، خىتاينىڭ يېڭى قانۇنلىرىغا بولغان ئەندىشىلىرى ۋە ئېتىرازلىرى بايان قىلىنغان بۇ مەكتۇپنى خىتاي رەھبەرلىرىگە يوللىغان. بىراق ئۇ، بۇ مەكتۇپتا تىلغا ئېلىنغان ئاساسىي مەزمۇنلارنى ئاشكارىلىمىغان.

ب ب س نىڭ 1 - مارتتىكى مۇناسىۋەتلىك خەۋىرىدە تەكىتلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يېڭى قانۇنلىرى، مەبلەغ سالغۇچىلار ئارىسىدا «ئېنىقسىزلىق كىلىماتى» يارىتىدىكەن.

ب ب س خەۋىرىدە بۇ ئىككى پارچە خەتنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويغان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ھەققىدە تۆت دۆلەت ئەلچىلىرى ۋە ياۋروپا بىرلىكى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي بىلەن ئالاقىلىشىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەندىشىسىنى چىرايلىق شەكىلدە ھەل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق، بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «ھەرقايسى تەرەپلەر» ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئورۇن تۇتىدىغان - تۇتمايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

ئەمما ئۇيغۇر سىياسىي زاتلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى، خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» قاتارلىق قانۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدا تەستىقتىن ئۆتۈشنىڭ ئالدى - كەينىدە، كۆزەتكۈچىلەر بۇ قانۇننىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا قانۇنىي دەسمايە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەشكەن ئىدى.

باش شتابى گېرمانىيەدىكى «خىتاي دېموكراتىك فېدىراتسىيونى» نىڭ رەئىسى فېي لياڭيۇڭ، خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نى ئۇيغۇرلارنىڭ تىل، دىن، مەدەنىيەت، ئۆرپ - ئادەتلىرىنى دەپسەندە قىلىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

فىرانسىيەلىك خىتايشۇناس مارى ھولىزمان خانىممۇ خىتاينىڭ خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئۇيغۇر، تىبەت خەلقلىرىنىڭ ھەقلىق كۈرەشلىرىنى قارىلاۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىنسانىي ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ب ب س خەۋىرىدە ئەسكەرتىلىشىچە، «تور بىخەتەرلىكى قانۇن لايىھىسى» ھەققىدە تۆت دۆلەت ۋە ياۋروپا بىرلىكى ئۆز خەتلىرىدە، خىتايدىكى كارخانىلىرىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ھەمدە تور سىستېما ئاچقۇچى بىلەن تەمىنلەش جەھەتتىكى ئەندىشىلىرىنى بىلدۈرۈشكەن.

مەلۇم بولۇشىچە مەزكۇر خەتتە، «چېگرا سىرتىدىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش قانۇنى» ھەققىدە بولسا، بۇ قانۇننىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىلىم ئالماشتۇرۇش ۋە سودا پائالىيەتلىرىگە دەخلى يەتكۈزۈشى مۇمكىنلىكى، ھەرقايسى ئەللەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان قوش تەرەپلىك مۇناسىۋەتلىرىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىللارغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەمما كونكرېتنى مەزمۇن يەنىلا ئاشكارىلانمىغان.

ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى سۆزىدە، «تۆت دۆلەت ۋە ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىتاي قانۇنلىرىغا قارىتا ئېتىرازدا بولۇشىنى نەزەرگە ئالغاندا، خىتاينىڭ بۇ قانۇنلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا زىت تەرەپلىرىنىڭ بولۇشى كۆزدە تۇتۇلغان» لىقىنى تەكىتلىدى.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ 1 - مارت بۇ خۇسۇستا ئېلان قىلغان خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، گېرمانىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا باياناتچىسى نىكولاس بادېر مۇخبىرلارغا بۇ مەكتۇپلار ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرمەيدىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئىزچىل دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

مەزكۇر خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» خىتايغا مەبلەغ سالغۇچىلارنى بىئارام قىلىپلا قالماي، خىتايدىكى ئۆكتىچى كۈچلەرنى «تېررور قالپىقى» بىلەن يەنىمۇ قاتتىق جازالاشقا سەۋەب بولىدىكەن. خىتاي يولغا قويغان ۋە قويماقچى بولغان بۇ قانۇنلار خىتايدا خەلقئارا قانۇنلارغا بىنائەن كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىگە قارىتا سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىكەن.