چوڭچىڭ پارتكومنىڭ سابىق سېكرېتارى بو شىلەينىڭ ئايالى پەيشەنبە كۈنى خېفېيدا سوتلاندى

بو شىلەينىڭ ئاغدۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان ۋەقەلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئايالى گۇ كەيلەينىڭ قاتىللىق قىلمىشىغا چېتىلىپ قېلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. گۇ كەيلەي پەيشەنبە كۈنى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى خېفېيدىكى بىر سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن سوتلاندى.

0:00 / 0:00

گۇ كەيلەي ئەنگلىيىلىك سودىگەر نېئىل خەيۋۇدنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان، ئۇنىڭ مەسىلىسى ۋە يولدىشى بو شىلەينىڭ تەقدىرى خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت يېقىندىن دىققەت قىلىدىغان قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. پەيشەنبە كۈنى خېفېي ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىگە چىقىرىلىپ، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلەنگەن گۇ كەيلەي، سوتتا ئۆزىنىڭ نېئىل خەيۋۇدنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىنكار قىلمىغان. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەپتىش مەھكىمىسى گۇ كەيلەينى سۇيىقەستنى پىلانلىغان ئاساسلىق جىنايەتچى، نېئىل خەيۋۇدنى ئۆلتۈرۈشكە ياردەملەشكەن جاۋ شاۋجۈن بولسا، جىنايەتكە قۇتراتقۇلۇق قىلغۇچى، دەپ ئەيىبلىگەن.

تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسىدە يەنە، گۇ كەيلەي ۋە ئۇنىڭ ئوغلى بو گۇاگۇا بىلەن ئەنگلىيىلىك سودىگەر نېئىل خەيۋۇد ئارىسىدا ئىقتىسادى مەنپەئەت توقۇنۇش يۈز بېرىپ، گۇ كەيلەينىڭ نېئىل خەيۋۇدنى ئوغلىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت، دەپ قارىغانلىقى ۋە ئۆلتۈرۈشكە بەل باغلىغانلىقى، چوڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ خادىمى جاۋ شاۋجۈننىڭ ياردىمىدە نېئىل خەيۋۇدنى چوڭچىڭدىكى بىر مېھمانخانىدا زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

سوت ئارىلىقىدا مۇئاۋىن سوت باشلىقى تاڭ يېگەن مۇخبىرلارغا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، گۇ كەيلەينىڭ ئەيىبلەشكە نارازىلىق بىلدۈرمىگەنلىكىنى، سوت ھۆكۈمى كېيىنرەك ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي جىنايى ئىشلار قانۇنىدا جاۋابكار قەستەن ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانسا، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. لېكىن مۇتەخەسسىسلەر، گۇ كەيلەيگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇلۇشى، جاۋ شاۋجۈننىڭ بولسا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئامېرىكا بروۋېن ئۇنىۋېرسىتېتى ۋاتسون خەلقئارا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ زىيارەتچى ئىلمىي خادىمى شۈ ۋېنلى ئەپەندى سوتنىڭ ئادىل ئېلىپ بېرىلىشىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تەرەپلەر قانداق جازا بېرىش مەسىلىسىدە ئالدىنالا كېلىشىۋالغان، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: مېنىڭچە ئۇلارنىڭ سوتتىكى ئىپادىسىدىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ يەڭ ئىچىدە سودىلاشقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن، ئۇلارنىڭ پارىخورلۇق، خىيانەتچىلىك مەسىلىسىنى تىلغا ئالماسلىق دېگەندەك. چۈنكى جۇڭگو كومپارتىيىسى بىلىدۇ، ئەگەر ئۇلارنىڭ پارىخورلۇق، خىيانەتچىلىكى پاش قىلىنسا، بۇ تېخىمۇ زور غۇلغۇلا قوزغاپ، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئادەملىرى باشقا كىشىلەرنىڭ پارىخورلۇق ۋە خىيانەتچىلىكىنى ئاشكارىلىشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋالدا جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ ئىناۋىتى تامامەن تۆكۈلىدۇ. شۇڭا ئۇلار بۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئۇلار بىر قاتىللىق قىلمىشىغا بالىسىنى قوغداش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان، دېگەن تۈسنى بېرىپ، كىشىلەرنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاشقا ئۇرۇنغان. بۇ ناھايىتى رەزىللىك، دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ئاخبارات تورلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا چوڭچىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لىجۈننىڭ قول ئاستىدىكى رازۋېدچىكلار، گۇ كەيلەينىڭ 2011‏-يىلى 11-ئايدا چوڭچىڭدىكى بىر مېھمانخانىدا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قالغان نېئىل خەيۋۇدنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى بايقاپ، ئەھۋالنى ۋاڭ لىجۈنگە مەلۇم قىلغان. ئۇ، ئەھۋالنى دەرھال بو شىلەيگە بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ گۇ كەيلەي بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈشنى بولمىسا بۇ ئۇنىڭ سىياسىي بيۇرو دائىمىي كومىتېتىغا كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن بو شىلەي ۋاڭ لېجۈننى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى قولغا ئالغان. بو شىلەينىڭ ھەرىكىتى ۋاڭلىجۈننىڭ بۇ يىل 5‏-فېۋرال كۈنى چېڭدۇدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا قېچىپ كىرىۋېلىپ، بۇ ئىشنى دۇنياغا ئاشكارىلىۋېتىشىگە تۈرتكە بولغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ۋەقە پەيدا قىلغان غۇلغۇلا خىتاي جەمئىيىتى ۋە كومپارتىيە رەھبەرلىك قاتلىمى بىلەن چەكلىنىپ قالمىغان. ئۇ دۇنيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى ئەڭ قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.

ئامېرىكا بەروۋېن ئۇنىۋېرسىتېتى ۋاتسون خەلقئارا تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىكى شۈ ۋېنلى ئەپەندى، بۇنىڭ زور قىزىقىش قوزغىشىدىكى سەۋەبلەرنى تەھلىل قىلىپ، بۇ ئۇنىڭدىكى بەزى دراماتىكىلىق جەريانلار بىلەن مۇناسىۋەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بۇنداق ئىشلار كومپارتىيە تارىخىدا بۇرۇن يۈز بېرىپ باقمىغان ئەمەس. بۇرۇن بۇ تۈرلۈك ئىشلار يوشۇرۇپ قېلىناتتى. بىراق بۇ قېتىم يوشۇرۇپ قالالمىدى. 4 كىشىلىك گۇرۇھنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى ۋە سوت قىلىنىشى كومپارتىيىنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغان. دۇنيا جامائەت پىكرىنىڭ بۇ قېتىم بۇ ۋەقەگە دىققەت قىلىشى بو-ۋاڭ ۋەقەسىدىكى دراماتىكىلىق جەريان. بۇ كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ قىزىقىشىنى قوزغىدى. مېنىڭچە ئۇنىڭ بۇنچىلىك زور تەسىر قوزغىشىدىكى سەۋەب ئاساسلىقى ئۇنىڭ سىياسىي تەرىپى. چۈنكى بۇ كوممۇنىستىك تۈزۈلمىنىڭ ساختىلىقى ۋە شەكىلۋازلىقىنى ئاشكارىلاپ قويدى.

بو شىلەي ۋەقەسى بۇ يىل 10‏-ئايدا كومپارتىيە 18-قۇرۇلتىيى چاقىرىلىپ، مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسى تەرتىپكە سېلىنىدىغان، شى جىنپىڭ پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغان نازۇك بىر مەزگىلدە يۈز بەرگەن ئىدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بو شىلەينىڭ ئاغدۇرۇلۇشى پارتىيىنىڭ مەركىزى رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ھوقۇق كۈرىشىنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى يېڭى سىياسىي بيۇرونىڭ قۇرۇلمىسىنى قانداق تەڭشەش مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپ كەسكىنلەشكەن.

ئامېرىكا بروۋېن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى شۈ ۋېنلى ئەپەندى، بو شىلەينىڭ يىقىلىشى پارتىيە ئىچىدىكى ماۋ زېدوڭچىلارغا ئېغىر بەلگە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ: مېنىڭچە بو شىلەينىڭ يىقىلىشىدا ئەڭ چوڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلار يەنىلا ئاتالمىش ماۋچىلار گۇرۇھى. بۇ يەردىكى زەربىگە ئۇچرىغانلارنى قانداقتۇر قاتتىق قوللار گۇرۇھى ياكى يۇمشاق قوللار گۇرۇھى، دەپ تەرىپلىمەسلىك كېرەك. بىراق راست گەپنى قىلغاندا ماۋچىلار گۇرۇھىنىڭ ھېچقانداق چوڭ ئىستىقبالى يوق. ماۋنىڭ دۆلەتكە زىيان سېلىپ، خەلققە ئېلىپ كەلگەن ئاپىتىنى مۇتلەق كۆپ قىسىم جۇڭگولۇقلار ئۇنتۇپ قالمايدۇ. بەلكى بىر ئاز ئاز ساندىكى كىشىلەر ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى ئاتالمىش گۈللىنىشنى داۋراڭ سېلىپ، چۇقان كۆتۈرۈپ كەلگەن. ماۋنىڭ دەۋرىدە نەچچە مىليون ئادەم ئاچلىقتىن ئۆلگەن تۇرسا، ئۇ دەۋرنى قانداقمۇ گۈللىنىش دەۋرى دېيىشكە بولىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

گۇ كەيلەي سوت قىلىنغان شۇ كۈنى دائىرىلەر سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەتراپىدىكى ئامانلىق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن. بىراق خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، سوت ئېچىلىۋاتقاندا 20 دەك كىشى سوت مەھكىمىسىنىڭ سىرتىغا توپلىنىپ، بو شىلەينى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان. بۇ جەرياندا نامايىشچىلار بىلەن ئەتراپنى قوغداۋاتقان ساقچىلار ئارىسىدا سۈركىلىش يۈز بېرىپ، ساقچىلار ئىككى كىشىنى تۇتۇپ كەتكەن.