خىتاي ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، گۇەنتاناموغا سولانغان ئۇيغۇرلارنى ئۆتكۈزۈۋېلىشقا ئىزچىل تىرىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمىدى. ئامېرىكا بۇرناكۈن گۇەنتانامودا تۇرمىسىدە قېلىپ قالغان ئاخىرىقى 3 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئوتتۇرا ياۋروپادىكى سلوۋاكىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاي پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنى تېررورلۇق مەسىلىسىدە ئىككى خىل ئۆلچەم قوللىنىش بىلەن ئەيىبلىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ گۇەنتانامودىكى 3 نەپەر ئاخىرىقى تۈركۈم ئۇيغۇرنى سلوۋاكىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ كىشىلەرنىڭ «تېررورچى» ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىككە تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
يۈسۈپ ئابباس، سەيدۇللا خالىق، ھاجى ئەكبەر ئابدۇغوپۇر قاتارلىق ئۈچەيلەن ئالدىنقى كۈنى پېشىن نامىزى ۋاقتىدا سلوۋاكىيە پايتەختى براتىسلاۋغا يېتىپ كەلگەن. ئوباما مەمۇرىيىتى سلوۋاكىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك كۆرسىتىپ، ئاخىرىقى تۈركۈمدىكى بۇ 3 نەپەر ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان. ئۇلارنىڭ سلوۋاكىيەگە ئورۇنلاشقانلىقى گۇانتانامو تۇتقۇنلار لاگىرىنى تاقاش يولىدىكى «مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى» دەپ كۆرسەتكەن.
ئاقساراينىڭ سابىق قانۇن مەسلىھەتچىسى گرېگ كرېيگ، ئىشنىڭ بېشىدىلا، بىزنىڭ گۇەنتانامونى تاقاش قارارىمىز دۇچ كېلىدىغان سىناق ئۇيغۇرلارنى قانداق قىلىش بىلەن ئۆلچىنىدىغانلىقىنى بىلەتتۇق. ھازىر، ئاخىرىقى تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ گۇانتانامودىن ئايرىلىشى زور بۇرۇلۇش. ئەڭ مۇھىمى ئۇلار بۇ يەرگە مەنسۇپ ئەمەس، دېگەن.
بىراق، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باياناتچىسى چىن گاڭ پەيشەنبە كۈنى بۇ ئۈچەيلەننى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ئەزاسى، ئۇلار ھەقىقىي تېررورچىلار، ئۇلار جۇڭگونىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت بولۇپلا قالماي، ئۇلارنى قوبۇل قىلغان دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگىمۇ تەھدىت، دەپ كۆرسىتىپ، جۇڭگو ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ تېررورچىلارغا پاناھلىق بەرمەسلىكىنى، ئۇلارنى تېزراق جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، دەپ تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا ھازىرغا قەدەر خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ بۇ سۆزلىرىگە ئىنكاس بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئۇلارنىڭ تېررورلۇق بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى رەت قىلدى. ئۇ، خىتاينىڭ خەلقئارا تېررورلۇق ئۆلچەملىرىگە زىت ھالدا ئۆز ئالدىغا تېررورلۇق ئۆلچىمى تۇرغۇزۇپ، مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغان ياكى سىياسىي، دىنىي مەسىلىلەردە ئەركىن پىكىر قىلغان ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا باغلاپ باستۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈردى.
گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىدىن خەۋەردار ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2013-يىلى يازدا كارايىپ دېڭىزىدىكى كوستارىكا بۇ 3 ئۇيغۇرغا پاناھلىق بىرىشكە ماقۇل بولغان. پرېزىدېنت ئوباما 9-ئايدا ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى كېلىشىمدىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى خەۋەردار قىلىپ، ئۇلارنى كوستارىكاغا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان خىتاي كوستارىكاغا بېسىپ ئىشلىتىپ، ئۇلارغا پاناھلىق بېرىشتىن ۋاز كېچىشكە قىستىغان. نەتىجىدە، كوستارىكا ئۇلارنى قوبۇل قىلىش نىيىتىدىن يانغان.
خىتاي بۇنىڭدىن ئىلگىرى گۇەنتانامودىكى باشقا ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلغان ئالبانىيە، شۋېتسىيە، بېرمۇدا، سالۋادور، پالاۋ قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارغا ئوخشاشلا بېسىم ئىشلەتكەن ۋە تەھدىت سالغان ئىدى. بىراق ئىلشات ھەسەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۇەنتانامودىكى ئاخىرىقى تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ-ئامان باشقا دۆلەتكە يېتىپ بېرىشى، خىتاينىڭ ئۇلارنى قايتۇرۇۋېلىش ئۇرۇنۇشىنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
سلوۋاكىيە گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىشتىن بىر قانچە كۈن ئاۋۋال، پرېزىدېنت ئوباما 2014-يىللىق ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق قانۇنىغا ئىمزا قويغان. مەزكۇر قانۇن لايىھىسىدە گۇەنتانامودىكى تۇتقۇنلارنى ئامېرىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇش چەكلەنگەن، بىراق ئۇلارنى باشقا دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار بەزى چەكلىمىلەر قىسقارتىلغان.
ئۇ 26-دېكابىر 2014-يىللىق مۇداپىئە قانۇنىغا ئىمزا قويۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، گۇەنتانامودىكى تۇتقۇنلارنى يۆتكەشكە چەكلىمە قويۇپ، پرېزىدېنتنىڭ ھوقۇقىنى تارايتىش ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ خاھىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، گۇەنتانامو تۇتقۇنلار لاگىرى ئامېرىكا خەلقىغە داۋاملىق يۈك بولۇۋاتىدۇ. مەن بۇ قانۇن لايىھىسىدە مەمۇرىيەتنىڭ گۇەنتانامو تۇتقۇنلىرىنى چەتئەلگە يۆتكەشكە تېخىمۇ جانلىق ئىمكان ساقلىغانلىقىدىن ئىلھاملاندىم. دۆلەت مەجلىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ لاگىرنى تاقاش ئۈچۈن زۆرۈر قوشۇمچە تەدبىرلەرنى ئېلىشقا ھەرىكەت قىلىمەن، دېگەن ئىدى.
ئۇ بۇ سۆزلەرنى قىلىپ 4 كۈندىن كېيىن، يۈسۈپ ئابباس، سەيدۇللا خالىق، ھاجى ئەكبەر ئابدۇغوپۇرنىڭ سلوۋاكىيەگە يېتىپ بارغانلىقى ئېلان قىلىندى. ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق بىرىنچى، ناملىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانى 3 ئۇيغۇرنىڭ سلوۋاكىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، بۇ گۇەنتانامودىكى تۇتقۇنلارنى تارقىتىۋېتىش يولىدا بېسىلغان توغرا قەدەم، دېگەن. مەزكۇر ئورگان يەنە، ئوباما مەمۇرىيىتىنىڭ تۇتقۇنلارنى باھالاش خىزمىتىنى تېزلىتىپ، بۇ خىزمەتنى 2014-يىلى پۈتۈنلەي تاماملاپ بولمىسا، «پرېزىدېنت ئوباما 2-قەرەل پرېزىدېنتلىق دەۋرى ئاخىرىلىشىشتىن بۇرۇن، ئۆزىنىڭ گۇانتانامو لاگىرىنى تاقاش ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.
لېكىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، ئامېرىكا گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى 10 نەچچە يىل قاماققا سولىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا تونۇتۇش، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە جەلپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىجابىي رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى 2009-يىلى ئامېرىكا جەمئىيىتىدە كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىغان. شۇ يىلى پېزىدېنت ئوباما گۇانتانامودىكى 2 ئۇيغۇرنى ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلار بىر قەدەر توپلىشىپ ياشايدىغان شىمالىي ۋىرجىنىيە رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلاشقان. بىراق ئۇنىڭ ئويى ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتاسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر، بەزى دېموكراتلارنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. دۆلەت مەجلىسى دەرھال قانۇن چىقىرىپ، ئوباما مەمۇرىيىتىنىڭ گۇەنتانامودىكى ھەر قانداق بىر تۇتقۇننى ئامېرىكا زېمىنىغا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى چەكلىگەن ئىدى.