ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى فالۇنگۇڭ ۋە ئۇيغۇر، تىبەت مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى كۆچۈرۈش مەسىلىسى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئادەم ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىكى ھەققىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى 23‏-ئىيۇن كۈنى دۆلەت مەجلىسى ئافرىقا، يەر شارى سالامەتلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا ئىجتىمائىي مەسىلىلەر شۆبە كومىتېتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنىدا گۇۋاھلىق بەرگەن كانادا كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى، خىتايدا ئىچكى ئورگان ئەتكەسچىلىكى ھەققىدىكى 817 بەتلىك يېقىندا ئېلان قىلىنغان دوكلاتنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ بىرى دەيۋىد ماتاس، خىتايدا ئادەم ئىچكى ئەزاسىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈشنىڭ كەڭ كۆلەملىك داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دەيۋىد ماتاس ئۆزلىرىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاخىرقى چىقارغان خۇلاسە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۆلەت بىلەن بىرلىشىپ، بىگۇناھ پۇقرالارنى كەڭ كۆلەمدە ئۆلتۈرۈش بىلەن مەشغۇل بولۇپ كەلگەن. مەنىۋى تاكامۇللۇقنى تەشەببۇس قىلىدىغان فالۇنگۇڭچىلار بۇنىڭ ئاساسلىق نىشانى بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە بەزى ئائىلە خرىستىئان چېركاۋ ئەزالىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزاسى ئېلىۋېلىنغان.»

خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدىكى دوختۇرخانىلاردا ھەر يىلى 10 مىڭ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن. ئەمما دەيۋىد ماتاس گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان سان بىلەن ئەمەلىي سان ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «پاكىتلار بىزنى تېخىمۇ كۆپ فالۇنگۇڭچى ئىچكى ئەزاسى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلۈۋاتىدۇ، دېگەن خۇلاسىگە ئېلىپ باردى» دەيدۇ.

دەيۋىس ماتاس: «بىز كۆزدىن كەچۈرگەن پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ، كۆچۈرۈلگەن ئىچكى ئەزا كۆلىمى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ساندىن زور دەرىجىدە ئارتۇق. كۆچۈرۈلگەن ئىچكى ئەزا بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇمات ئوتتۇرىسىدىكى زور پەرق بىزنىڭ بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغان پەرەزلىرىمىزدىن ھالقىپ كېتىدۇ.
ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ چوڭلۇقى بىزنى پەقەت ئىچكى ئەزاسى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەن فالۇنگۇڭچىلار بىزنىڭ بۇرۇنقى پەرىزىمىزدىن كۆپ، دېگەن خۇلاسىغا ئېلىپ باردى» دەپ كۆرسەتتى.

دەيۋىد ماتاس بىلەن دەيۋىد كلىگور 2006‏-يىلى ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، 2000‏-يىلدىن 2005-يىلغا قەدەر 41 مىڭ مەھبۇسنىڭ ئىچكى ئەزاسى مەجبۇرىي ئېلىنغانلىقىنى، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى فالۇنگۇڭچىلار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ژۇرنالىست ئېتان گۇتمان 2009‏-يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، بۇنىڭ 65 مىڭغا يېتىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما گۇتمان، كلىگور ۋە ماتاسلارنىڭ 22‏-ئىيۇن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، خىتايدا ھەر يىلى 100 مىڭدىن ئارتۇق ئىچكى ئورگان كۆچۈرۈلىدىغانلىقى، ئىچكى ئورگانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ كېلىش مەنبەئى فالۇنگۇڭچىلار ۋە ئۇيغۇر، تىبەت ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئېتان گۇتمان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 23‏-ئىيۇندىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا، فالۇنگۇڭ ۋە باشقا ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي ئېلىپ كۆچۈرۈش ئەھۋالى چۆچىتەرلىك دەرىجىگە يېتىپ بارغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ كۆلىمى «قىرغىنچىلىق» دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى، دېدى.

گۇتمان مۇنداق دەيدۇ: «1999‏- يىلى دۆلەت بىخەتەرلىك كۈچلىرى فالۇنگۇڭنى يوقىتىش ھەرىكىتى باشلىدى. 2001‏-يىلغا قەدەر بىر مىليوندىن ئارتۇق فالۇنگۇڭ مۇرىتى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىغا قامىلىپ، ئىچكى ئەزاسى ئېلىنىش ۋە سىناق قىلىنىش ئوبىكتىغا ئايلاندى. ھەربىي ۋە ئادەتتىكى دوختۇرخانىلار ئىچكى ئەزاسىنى ئېلىپ كۆچۈرۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

ئېتان گۇتمان يەنە، «2006‏-يىلنىڭ باشلىرىدا كلىگور-ماتاس دوكلاتى ئېلان قىلىندى. بېيجىڭ مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى ئىشلەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، نامدا چەتئەللىكنىڭ خىتايغا بېرىپ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيەسى قىلىشىنى چەكلىگەن بولدى ھەمدە مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزا ئىئانە قىلىش جەدۋىلىنى تارقاتتى. بىراق بۇ ساختىپەزلىك 2012‏-يىلى بو شىلەي ۋەقەسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن پاش بولۇپ، ۋاڭ لىجۈننىڭ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىنى باشقۇرغانلىقى، بۇ يەردە مىڭلىغان كىشىنىڭ ئىچكى ئەزاسى ئېلىنغانلىقى مەلۇم بولدى» دەپ كۆرسەتتى.

گۇتمان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەيدۇ: «زامانىۋى پەدەز بىلەن ئورالغان بۇ ئىنسان قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەرۋاھى بىزگە تونۇشلۇق.»

يىغىندا «دۇنيا فالۇنگۇڭچىلارنى جازالاشنى تەكشۈرۈش تەشكىلاتى» ناملىق ئورگاننىڭ مەسئۇلى، دوختۇر چارلىس لى گۇۋاھلىق بېرىپ، نۇرغۇن دەلىللەر خىتاينىڭ مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى تىرىك تۇرغۇزۇپ ئالغانلىقىغا دائىر بۇرۇنقى پىكىرلەرنىڭ توغرىلىقىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ، دېدى. ئۇ، بۇنىڭغا سابىق خىتاي مۇئاۋىن سەھىيە مىنىستىرى خۇاڭ جيېفۇنىڭ 2005‏-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا قىلغان بىر ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيەسىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى.

چارلىس لى شۇ قېتىمقى ئوپىراتسىيە ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇنىڭغا تىپىك مىسالى خۇاڭ جيېفۇنىڭ 2005‏-يىلى 9‏-ئايدا شىنجاڭدا قىلغان ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيەسى. خۇاڭ جيېفۇ كېيىن مۇئاۋىن سەھىيە مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇردى. شۇ ئوپېراتسىيەدە جىگەر ئىئانە قىلغۇچى 1‏- كىشىنىڭ جىگىرى كېسەلگە تازا مۇۋاپىق كەلمىگەچكە، خۇاڭ جيېفۇ ئۇنى ئىشلەتمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھال چۇڭچىڭ، گۇاڭجۇ ۋە شىنجاڭدىكى 3 يەرگە تېلېفون قىلىپ، ھەر ئېھتىمال ئۈچۈن 3 جىگەر تەييار قىلىشنى تاپىلىدى.»

چارلىس لى، ئۇنىڭ زاكاز قىلىشى بىلەن 3 دانە تەييار جىگەرنىڭ 29‏-سېنتەبىر سائەت 6:30 دا ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. چارلىس لى ئوپىراتسىيەنىڭ شۇ كۈنى سائەت 7:00 دە باشلىنىپ، 30‏-سېنتەبىر ئەتىگەن سائەت 10:00 دا ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «خۇاڭ جيېفۇ ئوپىراتسىيەنى غەلىبىلىك بولدى، دەپ ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن قېلىپ قالغان 2 جىگەرگە ھېچقانداق ئېھتىياج قالمىدى» دەيدۇ.

بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا ئاۋام پالاتا ئەزاسى دانا روراباكېر رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ يىغىندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشتا توختاپ قالمايۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئوغرىلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دانا روراباكېر: «خىتاي كومپارتىيەسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ رەزىل كۈچ. ئۇنىڭ ھۆكۈمەت قوللىشىدىكى سىستېمىلىق ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش سودىسى ئىنتايىن زور جىنايەت. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆز خەلقىنىڭ تۈپ ھەق-ھوقۇقلىرىنى تارتىۋېلىپلا قالماي، ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئوغرىلىماقتا. كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار، ژۇرنالىستلار ۋە تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ تىنىمسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، خىتاينىڭ نەچچە يىللاردىن بېرى نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقى مانا ئەمدى دۇنياغا ئاشكارىلاندى. يېقىندا ئاۋام پالاتاسى بۇ توغرىلىق قارار ماقۇللىدى. بۈگۈن بەزى تەتقىقاتچىلار بىز بىلەن بۇ سورۇنغا خىتايدا نېمە ئىشلار بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان دوكلات بۇ جەھەتتىكى زور خىزمەت» دەپ كۆرسەتتى.

بۇ قېتىمقى يىغىننى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستورفىر سىمىت ئۇيۇشتۇردى. ئۇ. ئۇ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا، خىتايدا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەسىلىسىدە ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

كرىستوفىر سىمىت: «ئۆتكەن 20 يىلدا خىتايدا نۇرغۇن نەرسىلەر ئۆزگەرتىدى. گۇۋاھچىلارنىڭ بۈگۈنكى گۇۋاھلىقى شۇنى كۆرسەتتى،خىتايدا ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەسىلىسىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولغاندەك قىلمايدۇ. بولۇپمۇ فالۇنگۇڭچىلارنى باستۇرۇش ئەڭ قەبىھ ھەم رەھىمسىزلەرچە ئېلىپ بېرىلدى. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، 17 يىلدىن بېرى ئىزچىل داۋاملىشىپ كېتىۋاتقان فالۇنگۇڭنى باستۇرۇش ھەرىكىتى خىتاي يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ شەرمەندە قىلمىشلارنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ» دېدى.