قانۇن فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىسى ئىدرىس ئابدۇلمىجىت 3 ئايدىن بېرى ئىستانبۇلدا نازارەت ئاستىدا

0:00 / 0:00

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 1992-يىلى باشلىغان تۈركىي مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى تۈركىيەگە ئەكېلىپ ئوقۇتۇش پىلانى دائىرىسىدە تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئىدرىس ئابدۇلمىجىت 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن بېرى ئىستانبۇل جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئىستانبۇل قۇمقاپىدىكى چەتئەللىكلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا ياتماقتا.

ئىستانبۇل شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ 4-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئىدرىس ئابدۇلمىجىتنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ساۋاقداشلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «ئىدرىس ئابدۇلمىجىتكە ئەركىنلىك»دېگەن نامدا پائالىيەت باشلىغان.

2011-يىلى تۈركىيەگە ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن ئىدرىس ئابدۇلمىجىت تۈركىيە بىلىم سەنئەت ۋەخپى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئىستانبۇل شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن كەسپىدە ئوقۇشقا باشلىغان. ئۇنى 4 يىلدىن بېرى تونۇيدىغان ئوقۇتقۇچىسى جىھان ئەپەندىنىڭ بىزگە بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇ، ئاتۇشتىن بولۇپ، مەكتەپتە ناھايىتى ياخشى ئوقۇغان ھەتتا ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇنى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىشنى ئويلىشىۋاتقان ئوقۇغۇچى ئىكەن.

ئۇنىڭ تۈركىيە ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ ئۇنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى قانداق؟ سوتنىڭ 3 ئاي داۋاملىشىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئىدرىس ئابدۇلمىجىتنىڭ تۈركىيە مۇساپىرلار جەمئىيىتىدىكى ئادۋوكاتى مۇستافا ئەپەندىگە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، بىراق ئۇ سوئالىمىزغا ھازىرچە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىدرىس ئابدۇلمىجىتنى بالدۇرراق قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان جىھان مۇئەللىم ۋە ئۇزۇن يىل شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنى ئىشلىگەن ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ئىستانبۇل شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى جىھان ئەپەندى ئىدرىسنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش جەريانى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
«ئىدرىس ئابدۇلمىجىت ئۇنىۋېرسىتېتىمىزنىڭ قانۇن كەسپى 4-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئىدى. 6-ئاينىڭ 26-كۈنى ئىقامىتىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە بارغاندا، ئۇ يەردە ئۇنى ساقچىلار تۇتقۇن قىلغان. ئۇ، ئالدى بىلەن ساقچى ئىدارىسىگە ئېلىپ بېرىلغان، كېيىن ئىستانبۇل قۇمقاپى رايونىدىكى ج خ ئىدارىسىنىڭ چەتئەللىكلەر شۆبىسىگە ئېلىپ بېرىلغان.» ھەمدە، ئىدرىس ئابدۇلمىجىت ھەققىدە تۈركىيە چېگراسىدىن قوغلاپ چىقىرىش قارارى بارلىقىنى، ئەمما، ھازىرچە بۇنىڭ توختىتىلغانلىقىنى بايان قىلىپ «ج خ ئىدارىسى ئىدرىس ئابدۇلمىجىتنى تۈركىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش قارارى بارلىقى ئىلگىرى سۈردى. ئەمما بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى. ئىدرىس 4 يىلدىن بېرى تۈركىيەدە ئەمما 3 ئايدىن بېرى نازارەتخانىدا ياتماقتا» دېدى.

جىھان ئەپەندى ئىدرىس ئابدۇلمىجىت ئوقۇۋاتقان مەكتەپنىڭ ئادۋوكات تۇتۇپ قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يول مېڭىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئادۋوكات ئارقىلىق قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز. ئادۋوكاتىمىز يۇقىرى سوتقا ئەرز سۇنۇپ ئىدرىس ئابدۇلمىجىتنى قوغلاپ چىقىرىشنىڭ ئالدىنى ئالدى. ۋاقىتلىق توختاتتى دەيلى. سوت داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئەمما نېمە سەۋەبتىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات بېرىلمەيۋاتىدۇ»

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىدرىس ئابدۇلمىجىتنىڭ ئوقۇتقۇچى جىھان ئەپەندى بۇ دېلونىڭ 3 ئايغا سوزۇلۇپ كېتىشىدىكى سەۋەب توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئىدرىس تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن تۈركىيەدە نۇرغۇن ۋەقەلەر بولدى. ئەدلىيە خىزمەتلىرى ياخشى ماڭمايۋاتىدۇ. ئىدرىسنىڭ مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرى بۇ دېلونى سۈرۈشتە قىلىۋاتىدۇ. بىز ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىۋاتىمىز.»

جىھان مۇئەللىم ئىدرىسنىڭ ناھايىتى ياخشى تىرىشچان بىر ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنۇلارنى دېدى:
«فاكۇلتېتىمىزدىكى پۈتۈن مۇئەللىملەر ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىدرىسنى تونۇيدۇ. تىرىشچان ئەلاچى ئوقۇغۇچى ئىدى. چەتئەللىك ۋە تۈركىيەلىك ئوقۇغۇچىلار بىلەن دوست بولۇپ ئۆتەتتى. ھەممە ئادەمگە سالام بېرىپ، ھال سوراپ تۇرىدىغان ئەلاچى ئوقۇغۇچى ئىدى. مۇئەللىملىرى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى قىلىپ ئېلىپ قېلىشنى ئويلاۋاتقان بالا ئىدى. ئەسلىدە مەكتەپتە ئوقۇشتىن باشقا ئىشلارنى ئويلىمايدىغان بىر ئوقۇغۇچى ئىدى. بىز ئىدرىسنىڭ بالدۇرراق ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

ئۇزۇن يىل تۈركىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولغان ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى ئىدرىسنىڭ ئىشىنىڭ 15-ئىيۇل ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ۋەقەسىگە توغرا كېلىپ قالغاچقا ئۇزۇن سۈرگەنلىكىنى، بۇنى سەۋر بىلەن ساقلاش كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى نورمالدا تۈركىيە قانۇنى بويىچە مۇنداق مەسىلىلەر بىر ئاي ئىچىدە بىر تەرەپ بولۇشى كېرەكلىكىنى، ئەمما ھازىر ئالاھىدە ۋەزىيەت ئېلان قىلىنغان بولغاچقا بۇ مۇددەتنىڭ ئۇزارتىلغانلىقىنى بايان قىلدى. ئەڭ ئاخىرىدا ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرى ھەققىدە توختالدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلەپ تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇشى 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدا باشلىغان بولۇپ، ھازىرغىچە جىنايەت سادىر قىلىپ كېسىلگەن ياكى تۈركىيە چېگراسىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ئوقۇغۇچى يوق ئىكەن.