گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار: ئەگەر ھۆر ۋە ئەركىن بولالىساق، ھەممەيلەن قايتىپ كېتەتتۇق

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2013.04.18
Gollandiye-Uyghur-birligi-ezaliri.jpg گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى ئەزالىرى مۇھاكىمە يىغىنىدىن خاتىرە سۈرەتتە. 2013-يىلى ئاپرېل.
RFA/Pidaiy

گوللاندىيىدە يۈز بەرگەن ئىككى تەرجىماننىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە ئۇيۇشتۇرۇش، ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە ئۇچۇر توپلاش گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان شەخسلەر ۋە توپلۇملارنىڭ بۈگۈنكى قىزىق نۇقتىلىرىغا ئايلاندى.

بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى تورىدا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر خەۋەرگە ئالاقىدار بىر يوللانمىنىڭ زىيارەت سانى 11 مىڭدىن ئېشىپ، 100 گە يېقىن ئىنكاس چۈشتى. نۆۋەتتە بۇ ئىككى تەرجىمان مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئەڭ كىچىك خەۋەرلەرمۇ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىدىن سىرتتا قالماي دېگۈدەك، داۋام قىلماقتا. مەزكۇر مەسىلە ئوتتۇرىغا چىقىپ بۈگۈنگە كەلگۈچە ئالدى بىلەن ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى بىر قېتىم يازما بايانات، يەنە بىر قېتىم ۋىيدىئولۇق ئىنكاس قايتۇرغان ئىدى. بۇ قېتىم گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىمۇ ئىپادە بىلدۈردى.

ئالدىنقى كۈنى گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى ئاكتىپ ئەزالىرى بىلەن جەم بولۇپ، 12‏-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان يېڭى خەۋەرلەر ۋە دوكلاتلارنى مۇزاكىرە قىلدى ۋە بۇ ھەقتە مەيدانىنى ئىپادىلىدى. مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ رەئىسى پەرھات قادىر بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، ئىككى تەرجىماننىڭ مەسىلىسى تاكى سوتنىڭ قارارى بىلەن جەزملەشكەنگە قەدەر سەبىر قىلىپ تۇرۇشنى ئويلاشقان بولسىمۇ، گوللاندىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ تەقەززاسى بىلەن بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىش قارارىغا كەلگەن.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىجرائىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى غەيرەتجان روزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نەچچە كۈندىن بىرى ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەر ۋە دوكلاتلاردا گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭمۇ تۆھپىلىرى باركەن. بۇ قېتىملىق ئېلان قىلىنغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىلەن گوللاندىيە كۆچمەنلەر ئورگىنى تەرىپىدىن ھازىرلانغان دوكلاتنىڭ 8‏-بېتىدە «ئەگەر بىز ھۆر ۋە ئەركىن بولالىساق، ھەممەيلەن قايتىپ كېتەتتۇق» دېگەن بىر تېما قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ كاتىپى ۋە ياۋروپا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل بىرلەشمىسىنىڭ كوردىناتورى غەيرەتجان روزىنىڭ زىيارەت قىلىنغانلىقى يېزىلغان ۋە «ئەگەر بىز ھۆر ۋە ئەركىن بولالىساق، ھەممەيلەن قايتىپ كېتەتتۇق» دېگەن بۇ سۆزنى گوللاندىيىدىكى ئىلتىجاچى ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرى دېگەن قاراش ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر مۇھاكىمە ئەھلىنى زىيارەت قىلدۇق.

گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى گوللاندىيىدە بىر قەدەر ئۇزۇن تارىخنى باشتىن كەچۈرگەن تەشكىلات بولۇپ، ئۇ قۇرۇلغاندىن بىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاستىدا تۈرلۈك نامايىش، مەدەنىيەت ۋە سىياسەتكە ئالاقىدار ساھەلەردە خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.