15-ئاپرېل كۈنى، ئۈرۈمچى پولات زاۋۇتىدا ئولتۇرۇشلۇق ئېلى قۇددۇس، بىر يېرىم يىل بۇرۇن ئۆيىنى چېقىۋەتكەن خىتاي شىركىتىگە بېرىپ، چېقىلغاندىن بۇيان ھەل بولماي كېلىۋاتقان تۆلەم مەسىلىسىنى سۆزلەشكەن. ئۇ قېينىنىسى بىلەن بىرلىكتە شىركەت ئىشخانىسىدا شىركەت مەسئۇلى بىلەن سۆزلىشىپ تۇرغان ئەسنادا، قوللىرىغا كالتەك، چوماق ئالغان بىر گۇرۇپپا خىتاي ئىشخانىغا بېسىپ كىرىپ، ئۇ ئىككىسىنى ئۇرۇپ باش-كۆزلىرىنى يېرىۋەتكەن. نەق مەيدانغا ھېچبىر ساقچى خادىمى يېتىپ كەلمىگەن. ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان ئېلى قۇددۇسنىڭ دوستلىرى بۇ ئىككى يارىدارنى ئۈستى-بېشى قان ھالەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئالدىغا ئاپىرىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.
16-ئاپرېلدىن بۇيان توردا تارقالغان بىر ئۇچۇردا بايان قىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى پولات زاۋۇتى (باگاڭ)دا، بىر توپ خىتاينىڭ ئېلى قۇددۇس ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياشنى ئۇرۇپ ئېغىر يارىلاندۇرۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن؛ ئۇچۇردا بايان قىلىنىشىچە، ئېلى قۇددۇسنىڭ مومىسى رابىيە توختىغا تەئەللۇق بولغان ئۆي بىر خىتاي شىركىتى تەرىپىدىن ھېچقانداق رەسمىيەتسىز مەجبۇرىي چېقىۋېتىلگەن. شىركەت بۇ ئائىلىگە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق تۆلەم بەرمىگەن، ھەتتا چۈشەندۈرۈشمۇ بەرمىگەن.
ئۇ، ئەھۋالنى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا كۆپ قېتىملاپ مەلۇم قىلغان بولسىمۇ، مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ئادەم چىقمىغان. ئاخىرى ئۇ، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىۋاسىتە شىركەتكە بارغىنىدا، بىر گۇرۇپپا خىتاينىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئېغىر يارىلانغان. بىز توردا تارقالغان بۇ مەلۇماتلارغا ئاساسەن ئەھۋال ئىگىلىدۇق. ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئېلى قۇددۇس خىتايلاردىن تاياق يەپ ئېغىر يارىلانغاندىن كېيىن دوستلىرى ئۇنى ئۈستى-بېشى قان ھالەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارغان. دائىرىلەر ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئەھۋالنى سورىغاندىن كېيىن، ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدىلەرنى بېرىپ، ئۇلارنى يولغا سالغان.
بىز ۋەقەنىڭ باش قىسمىنى تەپسىلىي ئۇقۇش مەقسىتىدە پولات زاۋۇتىدىكى بىر ساقچى خادىمىغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچى خادىمى دەسلەپتە ئۆزىنىڭ ساقچى خادىمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسا، ئارقىدىن رەت قىلىپ، ۋەقە ھەققىدە گەپ قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.
بىز پولات زاۋۇتىدا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەردىن ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق، ئېلى قۇددۇسنىڭ نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 2-دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتۇق. دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە داۋالىنىۋاتقان ئېلى قۇددۇس ۋەقەنىڭ باش-ئاخىرى ھەققىدە تۆۋەندىكىچە مەلۇمات بەردى: مەلۇم بولۇشىچە، ئېلى قۇددۇس شۇ كۈنى قېيىن ئىنىسى بىلەن بىرلىكتە مەزكۇر شىركەتكە بارغىنىدا، شىركەتنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى بىلەن ئۇچراشقان. مۇئاۋىن دىرېكتور، باش دىرېكتورغا تېلېفون قىلغاندىن كېيىن، ئېلى قۇددۇسقا ئىشخانىدا بىر مەھەل كۈتۈپ تۇرۇشنى ئېيتقان. مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن، ئىشخانىغا 20-30 ياش ئارىسىدا 10 غا يېقىن خىتاي بېسىپ كىرىپ ئېلى قۇددۇسقا «ئىش چىقىرىۋاتقان سەنمۇ؟» دېگىنىچە ھۇجۇم قىلغان. خىتايلار ئېلى قۇددۇسنىڭ بېشىغا تەشتەك بىلەن ئۇرۇپ يېرىۋەتكەن ۋە باشقا ئەزالىرىنىمۇ ئۇرۇپ ئېغىر يارىلاندۇرغان. خىتايلار ئۇنىڭ قېيىن ئىنىسىنى كالتەك بىلەن ئۇرۇپ، ئۇنىڭ بۇرۇن كىملىكىنى ئېزىۋەتكەن. نۆۋەتتە ئۇلار ھەر ئىككىسى، ئۈرۈمچىدىكى 2-دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە داۋالانماقتا.
ئېلى قۇددۇسنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۈرۈمچى پولات زاۋۇت تەۋەلىكىگە ماكانلاشقان تۇشىڭ ناملىق بىر خىتاي شىركىتى ئېلى قۇددۇسنىڭ مومىسىغا تەۋە بولغان 60 كۋادرات مېتىرلىق ئۆينى، 2011-يىلى 10-ئايدا بىر كۈنى كېچە سائەت 11 دە، ئۆي ئىگىلىرىنى ھېچقانداق خەۋەرلەندۈرمەستىنلا رەسمىيەتسىز ھالدا چېقىۋەتكەن. بۇ ئۆينىڭ 33 يىللىق ساھىبى بولغان رابىيە توختى 2008-يىلى ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولغاچقا، ئېلى قۇددۇس تۆلەم تەلەپ قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئەھۋال مەلۇم قىلغان. ئېلى قۇددۇس پولات زاۋۇت ئاھالىلەر كومىتېتىغا كۆپ قېتىم ئەھۋال مەلۇم قىلىپ نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قىزىق لىنىيىسىگىمۇ 4 قېتىم تېلېفون قىلىپ ئەھۋال مەلۇم قىلغان؛ ئەمما ئوخشاشلا نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن. يېقىندا ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرغان بىر ھۆكۈمەت خادىمى، ئېلى قۇددۇسنىڭ تەلىپىنىڭ ھەقلىقلىقىنى، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر شىركەتكە گېپى ئۆتمەيۋاتقانلىقىنى ئىقرار قىلغان. 8 يىلدىن بېرى خىتاي شەھىرى گۇاڭجۇدا تىجارەت قىلىۋاتقان ئېلى قۇددۇس، يۇقىرىقى جاۋابتىن كېيىن ئۆتكەن ھەپتە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىپ، شىركەت بىلەن بىۋاسىتە سۆزلىشىپ باقماقچى بولغان. ئۇنىڭ مەسىلىنى يۈز تۇرانە چىرايلىقچە سۆزلىشىپ ھەل قىلىش ئارزۇسى يۇقىرىقىدەك ئېغىر زەخمە ۋە يارىلىنىشقا سەۋەب بولغان.
ۋەقەنىڭ باش-ئاخىرىدىن مەلۇمكى، خىتاي شىركىتى سىياسىي ۋە قانۇنىي جەھەتتىن ئىگىسىز ۋە يار-يۆلەكسىز بۇ ئۇيغۇر ئائىلىنىڭ 33 يىللىق مۈلكىنىڭ ھەققىنى بەرگۈسى كەلمىگەن. ئۇنىڭ ھوقۇقسىزلىقى ۋە چارىسىزلىقىدىن پايدىلىنىپ، 60 كۋادرات مېتىرلىق زېمىننى يۇتۇۋالماقچى بولغان. شۇڭا شىركەت باشلىقى، جەمئىيەتتىكى قارا گۇرۇھ ياكى ئۆزىنىڭ چاپارمەنلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئېلى قۇددۇسنى ۋەھىمە ئارقىلىق جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنغان. دائىرىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن يەنى ئەھۋال بۇ باسقۇچقا كەلگەندە، ۋەقەنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى ۋە مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىدىغانلىقى، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانماقتا.