ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىككىنچى دوختۇرخانا ئۇيغۇر يارىدار ئېلى قۇددۇسنى داۋالاشنى رەت قىلدى
2013.04.18

15-ئاپرېل كۈنى ئۈرۈمچى پولات زاۋۇتىدا بىر خىتاي شىركىتىنىڭ شايكىلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان ئېلى قۇددۇس، ئالدىنقى كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىككىنچى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان ئىدى.
دوختۇرخانا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە تەكشۈرۈلگەن ئېلى قۇددۇس، كارىۋات يېتىشمەسلىك باھانىسى بىلەن ياتاققا ئېلىنمىغان. ئۇ ئىككى كۈندىن بېرى دوختۇرخانا كارىدورىدا ھاجەتخانىنىڭ يېنىغا قويۇلغان بىر كارىۋاتتا داۋالىنىشنى كۈتۈپ ياتماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈن دوختۇرلار ئۇنىڭ بېشىدىكى زەخىمىنىڭ ئېغىر ئەمەسلىكىنى يەنى مېڭىگە قان چۈشمىگەنلىكىنى ئېيتىپ شەھەرلىك 4-دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىشنى بۇيرۇغان. تېخىچە بېشى قېيىپ، مېڭىسى ئاغرىپ ئازابلىنىۋاتقان ئېلى قۇددۇسنىڭ دوستلىرى، 2-دوختۇرخانا مەسئۇللىرىنىڭمۇ مەزكۇر خىتاي شىركىتى تەرىپىدىن ئۈندەككە كەلتۈرۈلگەنلىكى ئېھتىمالىنى، شۇڭا ئېلى قۇددۇسنى داۋالاشنى رەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
ئېلى قۇددۇس يارىلىنىپ، دوستلىرى ۋە قېرىنداشلىرى تەرىپىدىن ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئالدىغا ئاپىرىلغاندا، دائىرىلەر ۋەقەگە جىددىي قاراپ دەرھال مۇزاكىرە يىغىنى ئاچقان. ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېچىلغان بۇ يىغىنغا، ئېلى قۇددۇسنىڭ ئىككى قېرىندىشىمۇ قاتناشتۇرۇلغان. ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يىغىن مەيدانىدىن ئالاقىدار ئورگانلارغا تېلېفون قىلىپ، ئېلى قۇددۇسنى يارىلاندۇرغانلارنى تۇتۇش ۋە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىشنى، ئېلى قۇددۇسنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىش ۋە دوختۇر چىقىملىرىنى كۆتۈرۈشنى ۋە چېقىلغان ئۆيىنىڭ تۆلەم پۇلىنىمۇ كېچىكتۈرمەي بېرىشىنى بۇيرۇغان. بۇيرۇققا ئاساسەن تۇدۇڭخابا ئاھالىلەر كومىتېتى ئىككى نەپەر خادىم ۋە ساقچى ئەۋەتىپ ئېلى قۇددۇسنى شەھەرلىك ئىككىنچى دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرغان. ئەمما ئىككىنچى كۈندىن بېرى، ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىغان. دەسلەپكى كۈنى ياتاقتا كارىۋات يېتىشمىگەنلىكىنى باھانە قىلىپ كۆرسەتكەن دوختۇرلار، بۈگۈنگە كەلگەندە، يارىلىنىشقا ئېنىق دىئاگنوز قويماستىن، 4-دوختۇرخانىغا يۆتكىلىشكە بۇيرۇغان. ئېلى قۇددۇسنىڭ دوستلىرى 4-دوختۇرخانىغا بېرىپ ئالاقىلىشىپ ئۇنى مەزكۇر دوختۇرخانىغا يۆتكىمەكچى بولغاندا، ئاھالىلەر كومىتېتى ئۇنىڭ 4-دوختۇرخانىغا يۆتكىلىشىگە يول قويمىغان.
ئېلى قۇددۇس بىلەن بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ بۇندىن 8 يىل بۇرۇن قۇرۇلغان «تەۋسىيە خەلقئارالىق ئېكسپورت-ئىمپورت شىركىتى» نىڭ ساھىبى ھەم خەلقئارالىق ترىك ساقال ئالغۇچ شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەكىلى. ئۇ گۇاڭجۇدىكى تىجارەت ئىشلىرىنىڭ ئالدىراشچىلىقى سەۋەبىدىن، ئۈرۈمچىدىكى مومىسىنىڭ ئۆيى چېقىلغاندىن كېيىن، ئالاقىدار ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا بېرىپ يۈز تۇرانە سۆزلىشىش ئىمكانى بولمىغان. ئۇ پەقەت ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن تېلېفون ۋە خەت ئارقىلىقلا كۆرۈشۈپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان ۋە تۆلەم تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ ئەرز خېتىنى كۆزدىن كەچۈرگەن بىر ئۇيغۇر كادىر، ئۇنىڭ ئەرزىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى، ئەمما ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ مەزكۇر شىركەتكە گەپ ئۆتكۈزەلمىگەنلىكىنى ئېيتقان. شۇڭا ئېلى قۇددۇس، مەسىلىنى يۈز تۇرانە سۆزلىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلگەندە، بۇ زىيانكەشلىككە يولۇققان. ئېلى قۇددۇسنىڭ جەمئىيەتتىن ئاڭلىشىچە،«تۇشىڭ» دەپ ئاتالغان مەزكۇر شىركەتنىڭ ساھىبى، بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ قانۇنسىز پۇل يىغىش قاتارلىق بىرقانچە تۈرلۈك جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنىپ، ئارقىدىن كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن ئىكەن.
ئەھۋالنى يېقىندىن بىلىدىغان، نۆۋەتتە پولات زاۋۇتىدا ياشاۋاتقان، ئەمما ئىسمىنى ۋە ئاۋازىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر كىشى بۈگۈن بۇ ھەقتە رادىئومىزغا پىكرىنى بايان قىلىپ، مەزكۇر شىركەت ساھىبىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتتە چوڭ بىر ئارقا تىرىكى بارلىقىدىن خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر شىركەتنىڭ ساھىبى، 2-دوختۇرخانا مەسئۇللىرى ياكى دوختۇرلىرىنى پۇل ۋە كۈچىگە تايىنىپ ئۈندەككە كەلتۈرۈۋالغان بولۇشى، بۇ سەۋەبتىن، ئېلى قۇددۇسنى داۋالاشنى رەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن.