ئادۋوكاتلار 1-قېتىملىق سوتتىن كېيىن ئىلھام ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنى ئاشكارىلىدى

0:00 / 0:00

ئۈرۈمچى سوت دائىرىلىرى ئىلھام توختىنىڭ كېيىنكى سوتىنىڭ 23-سېنتەبىر ئېچىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئادۋوكاتلار جۈمە كۈنى ئەتىگەن ئىلھام ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكىنىدە، ئۇنىڭ پۇتىغا يەنىلا كىشەن سېلىپ قويۇلغان.

ئادۋوكاتلار بۇ قىلمىشنى ئەيىبلەپ، «خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا مەھبۇسلارغا سوت ھۆكۈم قىلىنىشتىن ئىلگىرى بۇنداق جازا يوق، بۇ ئۇيغۇر رايونىدا قانۇنىي بەلگىلىمىلەرنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىنىڭ يەنە بىر مىسالى» دېدى. ئادۋوكاتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىلھام ئەپەندى ئۇلارغا ئۆزىنىڭ 9 ئاي ئىچىدىكى تۈرمە ھاياتىدىن ئالغان تەسىراتىنى بايان قىلىپ، رايوننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە قانۇننى ئىجرا قىلىشىدا مەسىلە ئېغىرلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىلھام ئەپەندى يەنە ئۆزى ئۈستىدىن ئېچىلغان سوتنىڭ رايوننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن ۋەزىيىتىدە يېڭى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتلىرى ئىلھام ئەپەندىنىڭ 1-قېتىملىق سوتىدىن كېيىنكى ئەھۋالىنى شۇنداقلا ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە قانۇن ۋەزىيىتى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئاڭلاتتى.

ئادۋوكات لى فاڭپىڭ ۋە ليۇ شاۋيۈەن ئەپەندىلەرنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى سوت دائىرىلىرى ئۇلارغا ئىلھام توختىنىڭ كېيىنكى سوتىنىڭ 23-سېنتەبىر ئېچىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

ئادۋوكاتلار جۈمە كۈنى ئەتىگەن ئىلھام ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكىنىدە ئۇنىڭ پۇتىغا يەنىلا كىشەن سېلىپ قويۇلغانلىقىنى كۆرگەن. لى فاڭپىڭ ئەپەندى تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىزاھاتىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇ قىلمىشقا بولغان ئەيىبلىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتچى نازارەتچىدىن بۇ ئەھۋالنى ئىزاھلاشنى سورىغىنىمىزدا ئۇ، بىزگە ئالدىنقى قېتىمقىغا ئوخشىمايدىغان جاۋاب بېرىپ، ئىلھام توختى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگۈچى دەپ قارالغاچقا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ بىۋاسىتە بۇيرۇقى بىلەن ئۇنىڭ پۇتىغا كىشەن سېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. بىز جۇڭگونىڭ باشقا جايلىرىدىكى تۈرمىلەردە بۇ ئەھۋالنى كۆرمىگەن ئىدۇق. باشقا جايلاردا مەھبۇسلارغا سوتتىن جازا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىنلا پەقەت ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن بەزى جىنايەتچىلەرنىڭ پۇتىغا بۇ خىل كىشەن سېلىنىدۇ. قارىغاندا بۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۆز ئالدىغا چىقارغان بەلگىلىمىسى بولسا كېرەك. بۇ، جۇڭگونىڭ قانۇنىي بەلگىلىمىلىرىگە قارمۇ-قارشى بىر قىلمىش. بۇ ئۇيغۇر رايونىدا قانۇنىي بەلگىلىمىلەرنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىنىڭ يەنە بىر مىسالى.»


ئادۋوكات ليۇ شاۋيۈەن تۋىتىر تورىغا يوللىغان ئۇچۇرىدا، جۈمە كۈنى ئىلھام توختى بىلەن كۆرۈشكىنىدە ئىلھام ئەپەندىنىڭ كەيپىياتىنىڭ خاتىرجەم ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ 2 سائەتتىن ئارتۇق سۆھبەت جەريانىدا، ئۆزىنىڭ ھەرقانداق نەتىجىگە يۈزلىنىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئادۋوكاتلار ئارقىلىق ئائىلىسىدىكىلەرگە تەسەللى بېرىپ،«ئۇلارغا دەپ قويۇڭ، ئۇلار قەيسەر بولسۇن!»دېگەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئادۋوكاتلىرى پەيشەنبە كۈنى سوتتىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا ئىلھام ئەپەندىنىڭ دائىرىلەر تەرىپىدىن ئۆزىگە ئارتىلغان ئاتالمىش«دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتىدىكى 8 خىل ئەيىبلەشنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلىپ، ئۆز پىكرىنى بايان قىلىپ ماقالە ئېلان قىلىش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتاينىڭ شىنجاڭ تېلىۋىزىيىسى 18-سېنتەبىر پەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە، ئىلھام ئەپەندى ئۈستىدىن ئېچىلغان 2 كۈنلۈك سوت ھەققىدە قىسقا خەۋەر بەردى. دائىرىلەر «سوتنىڭ ئىلھام توختىنىڭ ئۆزىنىڭ تەلىپى بويىچە خەنزۇ تىلىدا ئېچىلغانلىقىنى ۋە سوتتا ئىلھام توختىنىڭ ئۆزى تاللىغان ئىككى نەپەر ئادۋوكاتنىڭ ئاقلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى، سوتقا ئىلھام توختىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى، مۇخبىرلار ۋە بىر قىسىم ئامما قاتناشتۇرۇلغانلىقى» نى خەۋەر قىلدى.

ئادۋوكات ليۇ شاۋيۈەن ئەپەندى 18-سېنتەبىر كەچتە تۋىتېر تورىغا يازغان ئۇچۇرىدا شىنجاڭ تېلىۋىزىيىسى بەرگەن بۇ خەۋەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ،«شىنجاڭ تېلىۋېزىيەسىنىڭ خەۋىرىدە نېمە ئۈچۈن ئىلھام توختىنىڭ سوتتا ئۆزىگە ئارتىلغان 8 خىل ئەيىبلەشنىڭ ھەممىنى ئىنكار قىلغانلىقى ۋە ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتلارنىڭ سوتتا ئىلھام ئەپەندىنى ئاقلىغان مەزمۇنلار بېرىلمىدى؟» دېگەن سوئاللارنى قويغان.

جۈمە كۈنى ئادۋوكات ليۇ شاۋيۇەن يەنە، ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بەرگەن ئىسپاتلاردا ئىلھام ئەپەندىنىڭ 7 نەپەر ئوقۇغۇچىسىنىڭمۇ، ئۆزلىرىگە ئارتىلغان «دۆلەتنى پارچىلاش گۇرۇھىغا قاتناشقان»دېگەن جىنايەتنى بوينىغا ئالمىغانلىقىنى ئوقۇغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ليۇ شاۋيۈەن بۈگۈن ئەتىگەن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسپاتى ھەققىدە توختىلىپ «ئەيىبلەش ماتېرىياللىرىدىكى بەزى ھالقىلاردا مەسىلە بار. بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسپاتىدا مەسىلە بارلىقى ئېنىق. سوت بۇ ئەھۋاللارنى يوشۇرۇۋاتىدۇ. ئەمما ئىلھام ئەپەندى بۇ ئەھۋالنى چۈشىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، ئوقۇغۇچىلار ئۇچراۋاتقان بېسىمنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلدۈردى» دېدى.

لى فاڭپىڭ ئەپەندى ئۈرۈمچى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە ئېچىلغان سوتنىڭ گۇۋاھچىلارنىڭ سوتقا چىقىشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى قانۇنىي بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرىمۇ سوتقا چاقىرتىلماپتۇ. قانۇنىي تەرتىپلەر بويىچە بولغاندا، جىنايەت گۇرۇھى دەپ ئەيىبلەنگۈچىلەرنىڭ سوتى ئەسلىدە بىللە ئېچىلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما ئۇلار ئىلھام ئەپەندىنىڭ سوتى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوتىنى ئايرىۋەتتى. ھەتتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوتقا كېلىپ ئىسپات بېرىشىگىمۇ يول قويمىدى.»

لى فاڭپىڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلھام توختى بىلەن بىللە قولغا ئېلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ پۇتىغا ئىشكەل سېلىنغان بولسا، يەنە بەزىلىرى يالغۇز كامىرىغا سولانغان بولۇپ، بىرقىسىم ئوقۇغۇچىلار بۇ خىل قىيناشلار ئاستىدا ئۆز ۋىجدانىغا خىلاپ ھالدا، ئىلھام ئەپەندى ئۈستىدىن يالغان ئىسپات بېرىشكە مەجبۇر بولغان. لى فاڭپىڭ ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ھەققىدە دېگەن سۆزىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىلھام ئەپەندى سۆزىدە، بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يالغان ئىسپات بېرىشكە مەجبۇر بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىيىن- قىستاق ئىچىدە ئىقرار قىلدۇرۇلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭ سوتى بىلەن ئوقۇغۇچىلار سوتى بىرگە ئېچىلغاندىلا ئاندىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوتتا ئۆزلىرى بەرگەن ئىسپاتلار ھەققىدە ئادۋوكاتلارغا يۈز تۇرانە جاۋاب بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما سوت دائىرىلىرىنىڭ نېمە مەقسەتتە ئوقۇغۇچىلارنى سوتتا ئىسپات بېرىشكە كەلتۈرمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى مەنمۇ بىلمىدىم.»

ئادۋوكات لى فاڭپىڭنىڭ ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىغا بىلدۈرۈشىچە، 2 سائەتلىك سۆھبەت جەريانىدا، ئىلھام ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ 9 ئايلىق تۈرمە ھاياتى ۋە بۇ قېتىم ئۆزى ئۈستىدىن ئېچىلغان سوت ھەققىدىكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ رايونىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە قانۇننى ئىجرا قىلىشىدا مەسىلە ئېغىرلىقىنى ۋە بۇ ئەھۋالدا ياخشىلىنىش بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئادۋوكات لى فاڭپىڭ مۇنداق دېدى: «ئىلھام ئەپەندى ئۆزى ئۈستىدىن ئېچىلغان سوتنىڭ جامائەت ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىشىنى، كىشىلەرنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىگە، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان دىققىتىنى قوزغىشىنى ۋە بۇ سوتنىڭ شىنجاڭنىڭ قانۇنى ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىلھام ئەپەندى يەنە 9 ئايلىق تۈرمە ھاياتىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئەھمىيىتى زورلۇقىنى بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ جەرياندا تۈرمىدىكى مەھبۇسلارنىڭ قانداق مۇئامىلىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق تونۇپ يەتكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى بەزى ھۆكۈملىرىنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ياخشىلاش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.»