ئۈرۈمچى پولات زاۋۇتى مەسچىتنىڭ ئىمامى خىتايلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
2013.05.20
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئاۋغۇست پولات-تۆمۈر زاۋۇتى (باگاڭ) مەسچىتنىڭ ئىمامى ماخمۇتجان زۇنۇن، كوچىدىكى ئاققۇن خىتايلار تەرىپىدىن ئېغىر يارىلاندۇرۇلدى.
ۋەقە تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئىمام ماخمۇتجان زۇنۇن مەسچىتتىن يېنىپ ئايالى بىلەن بىللە پىيادىلەر يولىدا ئۆيىگە كېتىۋاتقاندا يۈز بەردى.
ئۇنىڭ ۋەقەدىن خەۋەردار، ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق بىر نەۋرە ئاكىسى سۇلتان ھاجىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىمام ماخمۇتجان زۇنۇن ئايالى بىلەن يولدا كېتىۋاتقاندا يول ياسايدىغان خىتايلار ماخمۇتجان زۇنۇننىڭ ئايالىغا «خاتا ماڭدىڭ!» دەپ ۋارقىراپ قوپاللىق قىلغان ۋە پېشانىسىدىن نوقۇغان، ئايالىنىڭ ئارقىسىدىن كېلىۋاتقان ئىمام ماخمۇتجان نېمە ئىش بولغىنىنى سۈرۈشتۈرۈپ بولغۇچە بىر توپ خىتاي «مۇشۇ! مۇشۇ شۇ!» دېگەنچە ماخمۇتجانغا ئېتىلىپ ئۇنىڭ باش قىسمىغا ئۇرۇپ ئېغىر يارىلاندۇرغان.
سۇلتان ھاجىمنىڭ بىلدۈرۈشۈشىچە، ئىمام ماخمۇتجان زۇنۇن ھازىر دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇشتا بولۇپ، تېخى ئەسلىگە كەلمىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىمام ماخمۇتجان بۇ يىل 33 ياش. ئۈرۈمچىدىكى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ يېتىشتۈرۈلگەن ۋە سىياسىي كېڭەشكە ئەزا قىلىنغان بولسىمۇ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئىماملارنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش نىشانىنىڭ قۇلى بولمىغانلىقتىن، پولات زاۋۇتىدىكى جامائەتنىڭ قوللىشى ۋە ھۆرمەت قىلىشىغا ئېرىشكەن قابىلىيەتلىك ياش ئىمام. ئۇ ئۆزى باشچىلىق قىلىپ ئىئانە توپلاش ئارقىلىق يېڭىدىن بىر چوڭ مەسچىت سالدۇرغان.
ئىگىلىشىمىزچە، بۈگۈن چۈشتە، پولات زاۋۇتىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى نامازدىن قايتىپ خىتاي ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ ۋەقەنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىمامنى ئۇرغان ئاققۇن خىتايلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى، جامائەتنىڭ بۇ ۋەقەنى چوڭايتىۋەتمەسلىكنى ئېيتىپ چىرايلىق ۋەدىلەر بىلەن ئۇلارنى تارقىتىۋەتتى.