خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ساقچى قۇربانجان ھەبىبۇللانىڭ خىزمەت ئىستېپاسىنى ئاخباراتتىن يوشۇرۇۋاتقانلىقى بايقالدى

0:00 / 0:00

مۇشۇ ئاينىڭ 18-كۈنى ئۇيغۇر ۋە خىتاي تىلىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۈرۈمچىدىكى دۆلەت ئامانلىق ساقچىسى قۇربانجان ھەبىبۇللانىڭ خىزمەت ئىستېپانامىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ئۇچۇر فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسى قاتارلىق تونۇلغان ئاخبارات ئورگانلىرى تەرىپىدىن خەۋەر قىلىندى، ئەمما خىتاي دۆلەت ئاخباراتى تا بۈگۈنگىچە بۇ ھەقتە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى. مۇخبىرىمىز بۇ ئۇچۇرنى دەلىللەش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ سىياسىي بۆلۈمى ۋە دۆلەت ئامانلىق ئەترىتىگە تېلېفون قىلىپ، ساقچى قۇربانجان ھەبىبۇللا ۋە ئۇنىڭ ئىستېپانامىسى ھەققىدە مەلۇمات سورىدى. ساقچىلار گەرچە قۇربانجان ھەبىبۇللانىڭ ئىستېپا بەرگەنلىك خەۋىرىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، قۇربانجان ھەبىبۇللا ئىسىملىك بىر دۆلەت ئامانلىق ساقچىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلدى. ساقچىلارنىڭ سورالغان سوئاللارغا قارىتا تۇتقان سەزگۈر ۋە جىددىي مۇئامىلىسى ۋە بەزىلىرىدىكى ھودۇقۇش كەيپىياتى ئىستېپا خەۋىرىنىڭ توغرىلىقى ھەققىدە ئېنىق بېشارەتلەرنى بەردى.

يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى دۆلەت ئامانلىق ئەترىتىدە قۇربانجان ھەبىبۇللا ئىسىملىك ساقچىنىڭ بارلىقى ياكى بولغانلىقى ئايدىڭلاشتى. ئەمما ئۇنىڭ ئىستېپا بەرگەنلىكى ئۇنىڭ خىزمەت ئورنى تەرىپىدىن تېخى ئىسپاتلانمىدى. ئۇيغۇر رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتىدە باشقا بىر شەخسنىڭ قۇربانجان ھەبىبۇللا نامىدا بۇنداق بىر ئىستېپانامىنى يېزىپ تارقىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى ۋە خەۋپ خەتىرى كۆزدە تۇتۇلسا، بۇ ئىستېپانامىنىڭ قۇربانجان ھەبىبۇللانىڭ ئۆزى تەرىپىدىن يېزىلغانلىقى رېئاللىققا ۋە مەنتىقىگە ئۇيغۇن بولۇشى پەرەز قىلىنماقتا.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.