ئامېرىكىلىق ژۇرنالىست مېخا راجاگوپالان ئۆتكەن يىلى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قىلغان بىۋاسىتە زىيارىتى ئاساسىدا «21-ئەسىردىكى ساقچى دۆلىتى مانا مۇشۇنداق بولىدۇ» ماۋزۇلۇق بىر پارچە چوڭ ھەجىملىك ماقالە ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىلىرى، «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» قاتارلىق بارلىق كونتروللۇق ئاپپاراتلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇ بۇ ماقالىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقانلارغا قارىتا بىر تونۇش ۋە كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلغان. مېخا راجاگوپالان بۈگۈن يەنى 9-ئىيۇل كۈنى، ئامېرىكىدىكى تونۇلغان تور ژۇرناللىرىدىن «بازفىد» تا مانا شۇنىڭدەك مۇھىم تەكشۈرۈش خاراكتېرلىك يەنە بىر پارچە مۇھىم ماقالە ئېلان قىلدى. «بىز ئۈچۈن ئىشپىيونلۇق قىل، بولمىسا ئائىلەڭ بىلەن ئىككىنچىلەپ سۆزلىشەلمەيسەن» ماۋزۇسىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالە قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە تىۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي تور بەتلەردە نۇرغۇن قېتىم ھەمبەھىرلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.
ئاپتور ماقالىسىنى شىۋېتسىيەدە ياشايدىغان ۋە ئىسمىنى قىسقارتىپ «ئو» دەپ تونۇشتۇرغان بىر ئۇيغۇرنىڭ قىسمىتى بىلەن مۇنداق باشلىغان: «خىتاي ئۈچۈن ئىشپىيونلۇق قىلىش ‹ئو› ئىشىنىدىغان بارلىق قىممەت قاراشلىرىغا خىلاپ ئىدى. ئۇ ئۆزى مىڭلىغان كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا شىۋېتسىيەنىڭ خالىي بىر شەھىرىدە ياشىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يۇرتىدىكى ساقچىنىڭ قولىدا ئۇنى ھەر نېمىگە مەجبۇرلايدىغان بىر نەرسە بارلىقى ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئايان ئىدى - ئۇ بولسىمۇ ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئەركىنلىكى ئىدى. ‹ئو›: ‹ماڭا نېمە ئامال، مەن ئۇلارغا مېنىڭ ئوغلۇم سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا. ئۇ مېنىڭ بارلىقىم. نېمە دېسەڭلار شۇنى قىلاي، دېدىم› دېدى.
‹ئو› ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولۇپ، ئۇلار خىتاينىڭ غەربىدىكى شىنجاڭنىڭ نوپۇسىنىڭ يېرىمى تەشكىل قىلىدىغان بىر ئاز سانلىق مىللەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردە خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيادىكى ئەڭ مۇكەممەل نازارەت دۆلىتى سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ يەردە ئىشلىتىلىۋاتقان تېخنىكىلار بولسا د ن ئا ئۇچۇرىنى يىغىش، كۆز قارىچۇقىنى سكان قىلىش، قول تېلېفوننى تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تېخنىكىلار ئاساسلىقى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نىشان قىلغان. يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر ئىككى يىلدىن بېرى مەخپىي ھالدا يولغا قويۇلۇپ كەلگەن ‹قايتا تەربىيە مەركەزلىرى› دە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بىر جىنايەت بىلەن رەسمىي ھالدا قارىلانمىغان. ئەمما سىز بىر ئۇيغۇر ئىكەنسىز، ئۇ ھالدا دۆلەتتىن قېچىپ چىقىپ كەتكەنلىكىڭىز، سىزنىڭ ئۇلارنىڭ نازارەت سىستېمىسىدىن قېچىپ قۇتۇلغانلىقىڭىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ».
مېخا خانىمنىڭ ئۆز ماقالىسىدە ئېيتىشىچە، ئۇ بۇ ماقالىسىنى يېزىش ئۈچۈن چەتئەللەردە ياشايدىغان ۋە خىتاينىڭ مۇشۇ خىلدىكى بېسىملىرىغا دۇچ كەلگەن 10 كىشىنى زىيارەت قىلغان. ئۇلار، دۆلەت كادىرى، سودىگەر ۋە ياكى يەل-يېمىش ساتقۇچى قاتارلىق ئوخشىمايدىغان ساھەلەردىن كەلگەن كىشىلەر بولۇپ، ماقالىدە ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىلىرىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ئاشكارىلانمىغان. مېخا خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ خىلدىكى بېسىم سىياسىتى 1990-يىللاردىن تارتىپلا مەۋجۇت بىر ئىش بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بېرى بۇ بېسىمنىڭ ئىنتايىن كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئاپتور ماقالىسىنى مۇنداق داۋام قىلغان :
«مەن زىيارەت قىلغان ھەر بىر كىشى دۆلەت بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرى خادىملىرىنىڭ ئۆزلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارغا ئەگەر ئۆزلىرى بىلەن ھەمكارلاشمىسا تۇغقانلىرىنى يېپىق تەربىيە لاگېرىغا ئەۋەتىۋېتىدىغانلىقى ياكى ئۇ يەردىن چىقارمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىكى مەقسىتى پەقەتلا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەش ئەمەس بەلكى ئۇلار ئارىسىغا ئۆز-ئارا ئىشەنمەسلىك، ئىتتىپاقسىزلىق ئۇرۇقى چېچىش ھەم ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى سۆزلەشتىن توسۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن».
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇش مۇدىرى ئۆمەر قانات ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ ھەرىكىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئارقىلىق چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىمۇ خۇددى ئۇيغۇر ئېلىدىكىدەك كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ماقالە ئاپتورى مېخا ئاۋسترالىيە لاتروب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جەيمىس لېيبولدنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، پروفېسسور جەيمىس لېيبولد ئەپەندى بۇ ھەقتە: «خىتاينىڭ ھازىر چېگرا ھالقىپ باشقىلارنىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن ھەم ئىقتىدارى ھەم ئارزۇسى بار. ئۇلار بۇ ئارقىلىق چەتئەللەردىكى خىتاي بولغانلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشنى ئارزۇ قىلسا، ئۇيغۇرلارغا قاراتقىنى ئۇلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈندۇر. ئىلگىرى خىتاي بۇنى يوشۇرۇن قىلغان، ئەمما ھازىر ئوچۇق-ئاشكارا قىلىۋاتىدۇ» دېگەن.
ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، «ئو» ۋە ئۇنىڭ ئوغلى 2014-يىلى چەتئەلگە چىقىپ، تۈركىيەدە ئورۇنلاشقان. «ئو» نىڭ 14 ياشلىق ئوغلى ناھايىتى تېزلا ئىستانبۇلدىكى يېڭى ھاياتىغا ئۆزلىشىپ، دەرسلەردە تىرىشىپ ئوقۇغان. ياپونچە ۋە ئىنگلىزچە ئۆگەنگەن. 2016-يىلى 1-ئايدا بۇ بالا يۇرتىدا قالغان ئاپىسى ۋە مومىسىنى كۆرۈش ئىستىكى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە بارماقچى بولغان. ئەينى چاغدا «ئو» مۇ بۇنىڭدا بىر خەتەر ھېس قىلمىغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭغا رۇخسەت قىلغان. بىراق بالا ئۇيغۇر ئېلىگە بارا-بارمايلا غايىب بولۇپ كەتكەن. «ئو» سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ ئاخىرى بالىسىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. گەرچە، ئىككى ئايدىن كېيىن بۇ بالا قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ تۈركىيەگە قايتىپ كېلەلمىگەن. «ئو» مۇ شۇ يىلى شىۋېتسىيەگە كېلىپ پاناھلىق تىلىگەن. ئارىدا ئۆتكەن ۋاقىت ئىچىدە «ئو» ئوغلى بىلەن ئالاقە قىلالمىغان. ئەمما ئوغلىنىڭ ئۈندىدارغا چىقارغان يوللانمىلىرىدىن، رەسىملىرىدىن ئۇنىڭ ساقلىقىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغان. بىراق، بۇ يىل 3-ئايغا كەلگەندە بالىسى يەنە تۇتقۇن قىلىنىپ، تەربىيەلەش لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەن. 3 كۈندىن كېيىن ئۈندىداردا بىر ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەيدىغان خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىكى خادىمى ئالاقە قىلىشقا باشلىغان ۋە ئاخىرى ئۇنىڭدىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلغان. «ئو» ئۇنىڭدىن ئوغلىنىڭ ئەھۋالىنى سورىغان. ئۇ خادىم بولسا «چەتئەلگە چىقىپ كىرگەن بالىلارنىڭ ھەممىسى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئەمما ئۇ خادىم يەنە ئەگەر «ئو» تەلەپ قىلغان ۋەزىپىنى ئورۇندىغان تەقدىردە، ئايدا بىرەر قېتىم ئوغلى بىلەن سۆزلىشىشگە رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئاپتور ماقالىسىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ:
«كېيىن، ‹ئو› ئۆزى تۈركىيەدە تونۇيدىغان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئۇچۇرى ئۈندىداردا ئۆزى بىلەن ئالاقە قىلىۋاتقان ئۇ بىخەتەرلىك خادىمىغا ئەۋەتىشنى قارار قىلغان، كۆڭلىدە بۇ ئىككىسى بەرىبىر سىياسەتكە ئارىلاشمايدىغان، خىتايپەرەس كىشىلەرغۇ دېگەنلەرنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزگەن. ئەمما ‹ئو› ‹ئەۋەت› دېگەن كۇنۇپكىنى باسار-باسمايلا ۋىجدان ئازابى بىلەن ئازابلىنىشقا باشلىغان. ئۇ ماڭا: ‹مەن ئۆزۈمنىڭ مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىمغا ئىشىنەلمەيۋاتىمەن، مەن خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلدىم› دېدى. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە زالىملىقى ‹ئو› غا بەش قولدەك ئايان. چۈنكى ئۇ يۇرتىدىكى مەزگىلىدە 20 نەچچە ياش مەزگىلىدە ساقچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ چاغلاردا ئۇمۇ بىر ئىدىيالىست، ئۈمىدۋار بىر ياش ئىدى. خۇددى خىتاينىڭ باشقا يېرىدىكىدەك، ئۇمۇ شىنجاڭلىقلار باي بولۇۋاتىدۇ، دېگەنگە ئىشەنگەن ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ كۆپ پاراغەت ۋە مۇقىملىق ئېلىپ كېلىشىنى ئارزۇ قىلغان. ھالبۇكى، ئۇ ساقچى بولۇپ بىر قانچە يىل ئىشلىگەندىن كېيىن بۇ ئۈمىدلىرىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان».
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، «ئو» ساقچى بولۇش جەريانىدا ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ خىتاي بولمىغانلىقى ئۈچۈنلا ھەر جەھەتتىن كەمسىتىلىشكە ئۇچرايدىغانلىقىنى، ھەتتا بەزى ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قارىلاش ئۈچۈن يالغان ئىسپاتلارنى ئويدۇرۇپ چىقىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. ئۇ مۇخبىرغا «مەن شۇڭا ئازابلاندىم. مەن قىلغىنىمنىڭ خاتالىقىنى بىلىمەن. خىتايدا قانۇن دېگەن نەرسىنىڭ يوقلىغىنى بىلىمەن» دېگەن.
ماقالە ئاپتورى مېخا خانىم ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنى قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۇلارنىڭ ۋەتىنىدىكى ئائىلىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئەركىنلىكىنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ قورقۇتۇشىغا زور دەرىجىدە ئاسانلىق يارىتىپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلغان.
ئۆمەر قانات ئەپەندى بولسا رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇرلار بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققان تەقدىردە بۇنىڭغا سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى ۋە دەرھال ئەھۋالنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا خەۋەر قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
بىز يۇقىرىدىكى «بىز ئۈچۈن ئىشپىيونلۇق قىل، بولمىسا ئائىلەڭ بىلەن ئىككىنچىلەپ سۆزلىشەلمەيسەن» ماۋزۇسىدىكى بۇ ماقالىدىكى مەزمۇنلارنىڭ داۋامىنى كېيىنكى پروگراممىمىزدا داۋاملىق دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
0:00 / 0:00