ئۆلۈم جازاسىغا قارشى قۇرۇلتاي «ئۆلۈم جازاسىدىن خالىي دۇنيا بەرپا قىلىش» شوئارى بىلەن ئاخىرلاشتى

0:00 / 0:00


نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودا 21 - ئىيۇن كۈنى باشلانغان 6 - نۆۋەتلىك خەلقئارا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش قۇرۇلتىيى 6 كۈن داۋام قىلىپ، 23 - ئىيۇن كۈنى «ئۆلۈم جازاسىدىن خالىي دۇنيا بەرپا قىلىش» شوئارى بىلەن ئاخىرلاشتى.

مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا قۇرۇلتاي خاتىمىسىدە «ئۆلۈم جازاسىدىن خالىي دۇنيا بەرپا قىلىش» شوئارى ئاستىدا بىر خىتابنامە ماقۇللىغان. خىتابنامىنىڭ تولۇق مەزمۇنلىرى تورغا تېخى چاپلانمىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن مەزكۇر قۇرۇلتىيىغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئىشتىراك قىلغان د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ مەزكۇر مۇراجىئەتنامىنىڭ مەزمۇنلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىمۇ مەزكۇر قۇرۇلتايغا قاتناشقان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى. تەشكىلات يىغىن ئاخىرىدا ئېلان قىلغان YouTubeدا باياناتىدا، ئۆزلىرىنىڭمۇ 1977 يىلىدىن باشلاپ ئۆلۈم جازىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇندىن ئېتىبارەن 86 دۆلەتنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى، ئۆلۈم جازىسى بارلىق دۆلەتلەردە پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغىچە ھەرىكەت قىلىشىنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ھەقتە توختالغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ نىگېرىيەدىكى تەتقىقاتچىسى ئولۇۋاتسىن پوپولا مۇنداق دېدى: «مەن ئۆلۈم جازىسىغا قارىشى. چۈنكى ئۇ، ۋەھشىي، قەبىھ ۋە ئىنسانىي قەدىر - قىممەتنى خۇنۈكلەشتۈرىدىغان بىر جازالاش ئۇسۇلى.»

ھالبۇكى، خىتاي ھالا بۈگۈنگىچە ئۆلۈم جازىسىنى ئىجرا قىلىشنى توختاتمايلا قالماي، ئۆلۈم جازاسىنى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ يۈرگۈزىدىغان دۆلەتلىك ئورنىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ يىل ئاپرېلدا ئېلان قىلغان 2016 - يىللىق «دۇنيا ئۆلۈم جازاسى دوكلاتى» دا خىتاينىڭ دۇنيا بويىچە ئۆلۈم جازىسىنى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

تەشكىلات تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلاردا، 2015 - يىلى پەقەت خىتايدا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلار سانى 1000 دىن ئارتۇق ئىكەنلىكى، ئەمما خىتاينىڭ بۇ مەلۇماتلارنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن ۋە خىتاينىڭ ئۆلۈم جازىسىنى ئاتالمىش «زوراۋان تېررورلۇق»، «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە زەربە بېرىشنى نىشان قىلغان «قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» دە ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرسىكەن ئىدى.

بۇ نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، دۇنيادا يەنە 40 ئەتراپىدىكى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىۋاتقان بولۇپ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى خىتايدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئۆلۈم جازاسىنىڭ دۇنيا بويىچە ئېغىرلىقىنى، بۇ مەسىلىسىگە قارىتا يىغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ئامېرىكا ئوكلاخوما ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ليۇ بىڭ ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسى مەسىلىسىگە خاتىمە بېرىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى يىغىن ئەھلىگە بىلدۈرۈپ ئۆتكەن.

ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش جەريانى ۋە ئىجرا قىلىپ بولغاندىن كېيىنكى قانۇنىي مەسىلىلەردە ئېغىر خاتالىقلار سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقنىڭ جىددىي بىر تەقەززاسى ئىكەنلىكىنى شەرھلەپ ئۆتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

بۇ نۆۋەتلىك خەلقئارا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش قۇرۇلتىيىنى 2000 - يىلى فىرانسىيەدە قۇرۇلغان «ئۆلۈم جازىسىغا بىرلىكتە قارشى تۇرايلى» ناملىق ئاممىۋى تەشكىلات بىلەن 150 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ھاسىل قىلىنغان «ئۆلۈم جازاسىغا قارىشى دۇنياۋى بىرلەشمە» تەشكىلاتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. قۇرۇلتاينىڭ تۇنجى نۆۋەتلىكى 2001 - يىلى فىرانسىيەنىڭ ستراسبروگ شەھىرىدە ئېچىلغان ئىدى.

6 - نۆۋەتلىك خەلقئارا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش قۇرۇلتىيى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مىڭدىن ئارتۇق يىغىن ئەھلى ئوسلو كوچىلىرىدا نامايىش قىلغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۆلۈم جازاسى مەسىلىسىنى دۇنيا جامائىتىگە بىلدۈرۈشنىڭ ياخشى بىر پۇرسىتى بولغانلىقىنى ئىزاھلىدى.

6 - نۆۋەتلىك خەلقئارا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش قۇرۇلتاينىڭ يېپىلىش مۇراسىمى ھەر يىلى نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىدىغان ئوسلو ئوپېرا سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قۇرۇلتايغا 80 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن دۆلەتتىن كەلگەن 20 نەپەر مىنىستىر، 200 دىپلومات، پارلامېنت ئەزالىرى، ئالىملار تەتقىقاتچىلار ئادۋوكات ۋە ھەر قايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرى بولۇپ 1300 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان.