كەلپىندىكى نامايىشتىن كېيىن مەرھۇم ئابدۇلباسىتنىڭ جەسىتى تارتىۋېلىنىپ يوشۇرۇنچە كۆمۈۋېتىلگەن

0:00 / 0:00

موتسىكلىت بىلەن قىزىل چىراغدىن بۆسۈپ ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن 17 ياشلىق ئابدۇلباسىتنىڭ ئۆلۈمىگە 15 كۈن بولغاندا ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇ ھەقتە بەزى ئەھۋاللارنى ئاشكارا قىلدى.

يېقىندا مەرھۇم ئابدۇلباسىتنىڭ كەلپىن ناھىيىسى يۇرچى يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئانىسى ئامىنەم بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۇق. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئوغلىنىڭ ئۆلۈمى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بەزى ئەھۋاللار ھەققىدە ئېغىز ئاچتى.

«ئوغلۇمنىڭ ئېتىۋېتىلگەنلىك خەۋىرىنى تاڭ سەھەردە ئاڭلىدىم. ساقچىخانا ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى بىزنى چاقىرتىپ مېيىتنى داۋراڭ قىلماستىن جىمجىت دەپن قىلىسىلەر، بولمىسا ئۆزىمىز كۆمۈۋېتىمىز دەپ تەھدىت قىلدى. ئۇلار بىزنى بىر قەغەزگە قول قويدۇرغاندىن كېيىن ئاندىن ئوغلۇمنىڭ مېيىتىنى قولىمىزغا بەردى. ئۆيگە ئېلىپ كېلىپ قارىساق، ئارقىدىن ئېتىلغان ئوق مەيدىسىدىن تېشىپ چىقىپتۇ. ئالدى تەرەپتىكى جاراھەت ئورنىنى 5-6 يىپ تىكىپتۇ.»

ئۇ ئوغلى ئابدۇلباسىت ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
«ئوغلۇم ئۆيدىن چىقىشتىن بۇرۇن مېنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى. ئۇ ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن بالا ئىدى. ئۆتكەن يىلى ئاچىسى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كەتكەندىن كېيىن، ئۇ 9-سىنىپنى تۈگىتىپلا ئوقۇشتىن توختاپ قالدى. ئائىلىمىزنىڭ تېرىيدىغان يېرى يوق، ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەيىمىز بولمىغاچقا، ئۇ ماڭا ياردەملىشىپ ئاچامنى ئوقۇتىمەن دەپ ئۇششاق تىجارەتنى باشلىغان ئىدى. ھەر ھەپتىدە ئاقسۇ شەھىرىگە بېرىپ مال ئېلىپ كېلىپ كەلپىننىڭ يەكشەنبە بازىرىدا ساتاتتى. 2-3 مىڭ يۈەن پۇلنى ئايلاندۇرۇپ تىجارەت قىلاتتى.»

ئامىنەم يەنە ھەسرەت بىلەن مۇنداق دېدى:
«مېنىڭ 3 بالام بار. بالىلىرىمنىڭ دادىسى بۇنىڭدىن 15 يىل بۇرۇن پاكىستان ئارقىلىق ھەرەمگە بېرىپ ئوقۇغاچ تىجارەت قىلىمەن دەپ كەتكەن، ئەمما 90 كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى كەلدى. يولدىشىم بىزدىن ئايرىلغاندا، قىزىم 5 ياشتا، ئابدۇلباسىت 3 ياشتا، كىچىك ئوغلۇم تېخى قورساقتا 3 ئايلىق بولغان ئىدى. شۇندىن كېيىن بالىلىرىم ئاتا يۈزىنى كۆرمەي چوڭ بولدى. ئوغلۇم ئابدۇلباسىت ياۋاش ۋە كۆيۈمچان بالا ئىدى، ئۇ ھۆكۈمەت تۇرماق، بىرەر كىشىگىمۇ زىيىنى تەگمەيدىغان كىچىك بالا ئىدى…»

«ئوغلۇمنىڭ نەزىرىنىمۇ بېرەلمىدىم، ئۇرۇق-تۇغقانلاردىن 50 تەك ئادەمنى تۇتۇپ كەتتى، كۈندە بىرقانچە كىشىنى تۇتۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ئاقسۇغا ئېلىپ بېرىپ قامىدى دەيدۇ. مەن كەلپىننىڭ ھاكىمى ھۆرىيەت ھاكىم بىلەن كۆرۈشەي دېسەم ئۇنىڭغىمۇ يول قويمىدى. ھۆرىيەت ھاكىممۇ مېنىڭ قېشىمغا كەلمىسۇن، مەن بۇ دەۋانى سورىيالمايمەن دەپتۇ. مەن ئۇلارغا ھازىر ھەممە يەردە ۋىدېئو كامېرا بار، شۇنى ماڭا تەكشۈرۈپ بەرسۇن. ئەگەر ئوغلۇم ھۆكۈمەت دېگەندەك راستلا ساقچىنىڭ قورالىغا ئېسىلغان بولسا ئەلھۈكمىللا دەي، بولمىسا ھەق-ناھەقنى ئايرىپ بەرسۇن دېسەم، گېپىمنى ئاڭلايدىغان كىشى يوق، نېمە قىلارىمنى بىلمەي ئولتۇرۇپتىمەن.»

ئۇ ئاخىرىدا يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
«جامائەت ناھەقچىلىككە چىدىماي نامايىش قىلغاندىن كېيىن، ساقچىلار ئوغلۇمنىڭ مېيىتىنى تارتىۋالدى. مانا 15 كۈن بولدى، ئۇنى قايسى سايلىققا كۆمۈۋەتكەنلىكىنى ھازىرغىچە بىلمەيمىز. مەن ئۇلارغا يالۋۇرۇپ، ھېچ بولمىسا كۆمۈۋەتكەن جاينى ماڭا كۆرسىتىپ بېرىڭلار، مەن بىلەي دېسەم ئۇنىڭغىمۇ ئۇنىمىدى.»

بىز ئارقىدىنلا مەرھۇم ئابدۇلباسىتنىڭ ھازىر شىنجىاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئاچىسى بېلىقىز ئابلىمىتقا تېلېفون قىلدۇق. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزى كۆرگەن ۋە بىلگەن ئەھۋاللارنى بايان قىلدى.

«مەن 12-چېسلا چۈشتىن كېيىن كەلپىنگە يېتىپ باردىم، بۇ ئىشتىن خەۋەرسىز بولغاچقا ئاپام تۈگەپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىمەن. قارىسام ئاپام ساق، ئۇكام ئېتىلىپ كېتىپتۇ. بېرىپلا ھوشۇمدىن كېتىپتىمەن. ھوشۇمغا كېلىپ ئۇكامنىڭ يۈزىنى كۆرىمەن دەپ تەلەپ قىلسام، مېيىتنى ساقچىلار ئېلىپ كەتتى دەپ كۆرگىلى قويمىدى. ئىككىنچى كۈنى ئاپام، كىچىك ئۇكام ۋە مەن ئۈچىمىز يېزىلىق ھۆكۈمەتكە باردۇق. ئۇ يەردە ۋىلايەت ۋە ناھىيەنىڭ باشلىقلىرى بار ئىكەن، يىغىن باشلىنىپ ھەممە گۇناھنى بىزگە ئارتقىلى تۇردى. مەن ئۇلاردىن قانداق ئادەم ئېتىۋېتىلىدۇ دەپ سورىسام، ئۇلار ھۆكۈمەتكە قارشى چىققان ئادەم دەيدۇ. ئۇنداقتا 17 ياشلىق بىر بالا موتسىكلىت بىلەن قىزىل چىراغدىن ئۆتۈپ كەتسىمۇ ھۆكۈمەتكە قارشى چىققان ھېسابلىنامدۇ دەپ سوئال قويسام، ئۇلار جاۋاب بېرەلمەي جىم تۇردى.»

بېلىقىز يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
«ئۇلار ئىشنى ھەرگىزمۇ باشتىن باشلاپ تىلغا ئالماي، بەلكى سىلەرگە مېيىتنى بەرسەك، ئادەم توپلاپ نامايىش قىلدىڭلار، مۇقىملىقنى بۇزۇپ، يامان نىيەتلىك ئادەملەرنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشى بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى تۇردۇڭلار دەپ بىزنىڭ ئالدىمىزغا ئۆتۈۋالدى. مەن ئۇلاردىن خەلق نېمىشقا سىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقىنىڭلار ئۆلسە نامايىش قىلمايدۇ؟ نېمىشقا 17 ياشلىق بالا بىكاردىن-بىكار ئېتىۋېتىلسە نامايىش قىلىدۇ؟ بۇنى ئويلاپ باقتىڭلارمۇ؟ خەلق ناھەقچىلىككە چىدىمىغاندا، ۋىجدانى بۇ خىل زوراۋانلىقنى قوبۇل قىلمىغاندا قوزغىلىدۇ دېدىم. ئۇلار سىز تېخى كىچىك، بۇ ئىشلارنى چۈشەنمەيسىز دەيدۇ، مەن ئۇلارغا مەن كىچىك ئەمەس، ھازىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتىمەن، ھەق-ناھەقنى ئايرىۋالغۇچىلىكىم بار دېدىم، لېكىن بۇ كاتتىلارنىڭ ھېچقايسىسى مېنىڭ گېپىمگە قۇلاق سالمىدى…»

17 ياشلىق ئابدۇلباسىتنىڭ پاجىئەلىك ئۆلۈمىگە يەنە قانداق سىرلار يوشۇرۇنغان؟ بۇ ھەقتە يېڭىدىن ئاشكارا بولۇۋاتقان بىر قىسىم ئۇچۇرلار داۋاملىق دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.