كورلىدا ئۇيغۇر-خىتاي توقۇنۇشى يۈز بېرىپ، بىر قانچە ئادەم ئۆلگەن ۋە يارىلانغان

0:00 / 0:00

كورلا شەھىرىنىڭ سايباغ يولىدىكى بىر ئويۇنخانىدا پەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇرلار بىلەن -خىتايلار توقۇنۇشۇپ قېلىپ، ئاز دېگەندە 3-4 ئادەم ئۆلگەن ۋە يارىلانغان. خىتاي مەنبەلىك بەزى خەۋەرلەردە، ئۆلگەنلەرنىڭ خىتاي ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بىراق، توقۇنۇشنىڭ سەۋەبى، ئۆلگەن ۋە يارىدارلارنىڭ مىللىتى، قانداق ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلىقى، ئامانلىق ئورگانلارنىڭ توقۇنۇشنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئىلگىرىلەپ ئېنىقلاشقا توغرا كېلىدۇ.

د ئۇ ق نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدە يارىلانغان بىر ئۇيغۇر كورلا دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلغان. بۇ ھەقتىكى بەزى خەۋەرلەردە يەنە توقۇنۇشنىڭ ئويۇنخانا ئىچىدە يۈز بېرىپ، تەرەپلەرنىڭ بىر بىرىگە كالتەك‏-قىڭراق قاتارلىق قوراللارنى ئىشلەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بىراق، «ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ مەزكۇر ۋەقە توغرۇلۇق بەرگەن خەۋىرىنىڭ رەسىمىدىكى كوچىدا ئوڭدىسىغا ياتقان 3 جانسىز ياش، يەردىكى كالتەك-توقماق، ئەتراپتىكى تاماشا كۆرۈۋاتقان ئاھالە ۋە خىتاي ساقچىلار، بۇ ۋەقە ھەققىدىكى گۇمانلارنى كۈچەيتكەن.

يەردە ياتقان بۇ كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر ياكى خىتاي ئىكەنلىكى مەجھۇل. بەزى كىشىلەر جېدەلنىڭ تالادا داۋاملىشىپ، بۇ 3 ياشنىڭ ئۇرۇپ يارىدار قىلىنغان ياكى ئۆلتۈرۈلگەن بولۇش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى، ئۇلارنى ساقچىلار ئېتىپ تاشلىغانلىق ئېھتىماللىقىنىمۇ چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بىز شۇ رايوندىكى ساقچى پونكىتىغا تېلېفون قىلىپ، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى سۈرۈشتۈرگەن بولساقمۇ، لېكىن توقۇنۇش يۈز بەرگەن ئويۇنخانا قاراشلىق سايباغ يولى ساقچى پونكىتىدىكى خادىملار ۋەقە توغرۇلۇق ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلدى.

سايباغ يولى ساقچى پونكىتىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان بۇ خادىمى: مەن ناھايىتى ئېنىق قىلىپ ئېيتتىم، سەن بىزنىڭ ج خ ئىدارىسىگە تېلېفون قىل. ئۇلارنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى بار. شۇلارغا قىل، مەن بۇ ئىشنى بىلمەيمەن، بولامدۇ؟ مەن بۇنداق ئىشنى ئاڭلاپ باقمىدىم. سەن دېگەن بۇنداق ئىشنى مەن ئاڭلاپ باقمىدىم دېدىمغۇ، دەپ كۆرسەتتى.

بىز يەنە شۇ ئەتراپتىكى تورخانا، مۇلازىمەت ئورنى ۋە رېستورانلارغا تېلېفون قىلىپ، بۈگۈن يۈز بەرگەن ۋەقەنى سۈرۈشتۈرگەن بولساقمۇ، بىراق نۇرغۇن ئورۇنلار مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشتىن باش تارتتى. ئۇچۇر بېرىشتىن باش تارتمىغانلار بولسا توقۇنۇشنىڭ تەپسىلىي، قانچە ئادەم ئۆلگەنلىكى، قانداق ئۆلگەنلىكى توغرۇلۇق توختىلىشنى رەت قىلىپ، توقۇنۇشنىڭ سەۋەبى، ئۆلگەنلەرنىڭ كىملىكى ھەققىدىكى گۇماننى ئىلگىرىلەپ كۈچەيتتى.

توقۇنۇش يۈز بەرگەن ئويۇنخانىنىڭ ئەتراپىدىكى «چۈيى» ناملىق تورخانىنىڭ خىتاي ئايال خادىمى، توقۇنۇش ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىشتىن باش تارتقان بولسىمۇ، بىراق توقۇنۇشنىڭ ئۇيغۇر-خىتاي ئارىسىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

ئۇ: مېنىڭ مۇشۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىدىن خەۋىرىم بار. بىراق ئۇنىڭ سەۋەبىنى بىلمەيمەن. مەن قانچە ئادەمنىڭ ئۆلۈپ، قانچە ئادەم يارىلانغانلىقىنى سوراپ باقماپتىمەن. بۇ كوچىلاپ سوراپ كېتىش ئەپسىز بىر ئىش. ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ۋە خەنزۇلارمۇ بارغۇ، دەيمەن. كونكرېت قانچە ئادەم ئىكەنلىكىنى راست بىلمەيدىكەنمەن. مەن بۈگۈن ئىشلىگەچكە مۇشۇنداق ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى بىلگەن بولساممۇ، بىراق تەپسىلىي ئەھۋالىدىن خەۋىرىم يوق، دەپ جاۋاب بەردى.

مەزكۇر ۋەقە خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن، بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرغان مەزگىلدە يۈز بەرگەن. جاڭ چۈنشيەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىكى، بىراق ۋەزىيەتنىڭ كونترول ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە قاتتىق زەربە بېرىشنى يەنە قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، كورلىدىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلغان. كورلا بۇرۇن ئۇيغۇرلار مۇتلەق كۆپ سانلىق ئورۇننى ئىگىلەيدىغان شەھەر بولسىمۇ، بىراق يېقىنقى 30-40 يىلدا شەھەر نوپۇسىنىڭ قۇرۇلمىسى ئۆزگىرىپ، ئۇيغۇرلار ئاز سانلىق ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان جايلارنىڭ بىرى. مەزكۇر شەھەر يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا داۋاملىق كېڭىيىپ، ئۇيغۇرلار شەھەر سىرتىدىكى ئاز بىر قىسىم كەمبەغەل مەھەللىلەرگە سىقىپ چىقىرىلغان. ئاز سانلىق ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان ئۇيغۇر ئاھالىسى ئىشقا ئورۇنلىشىش، باي-كەمبەغەللىك پەرقى ھوقۇق ۋە مىللىي باراۋەرلىك قاتارلىق جەھەتلەردە ئېغىر كەمسىتىشكە دۇچ كەلگەن. دىلشات رىشىت، ئۇيغۇر-خىتاي توقۇنۇشىنىڭ كورلىدا يۈز بېرىشى تاسادىپىيلىق ئەمەس، دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ئاخباراتى كورلا سايباغ يولىدىكى ئويۇنخانىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇر-خىتاي توقۇنۇشىنى خەۋەر قىلمىدى.

ئىچكى ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، مىللىي مۇناسىۋەتكە ئالاقىدار نازۇك ۋەقەلەرنى خەۋەر قىلىپ، غۇلغۇلا قوزغىماسلىق، لېكىن يەڭ ئىچىدە قاتتىق باستۇرۇپ، ئۈزۈل-كېسىل بىر تەرەپ قىلىش يولىنى تۇتقان.

دىلشات رىشىتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى داۋاملىق ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھاياتىغا ئىلگىرىلەپ تەھدىت پەيدا قىلغان.

خىتاي رەسمىي ئاخباراتى مەزكۇر ۋەقەنى خەۋەر قىلمىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ خەۋەر «سىنا» قاتارلىق تور بەتلەرنىڭ مىكروبلوگلىرىغا چاپلىنىپ، غۇلغۇلا قوزغىدى.

«سىنا» تورىدىكى بىر مىكروبلوگدا كورلا سايباغ يولىدىكى ۋەقەدە ئىككى خىتاي ئايالنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق مىكروبلوگنىڭ مەزكۇر خەۋىرىنى تەرەپسىز مەنبەلەر ئىسپاتلىمىدى.