د ئۇ ق خىتاينىڭ «1-مارت كۈنمىڭ ۋەقەسى» گە باغلاپ ئۈچ ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى 24-مارت كۈنى، بۇلتۇر خىتايدا يۈز بەرگەن «1-مارت كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسى پىچاقلىق ھۇجۇمى»نى پىلانلىغۇچىلار دەپ ئەيىبلەنگەن ئىسكەندەر ئەھەت، تۇرغۇن توختىنىياز ۋە ھەسەن مۇھەممەد قاتارلىق 3 ئۇيغۇرغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. 26-مارت كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى «ئۇيغۇرلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق، ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك سىياسىي مەسئۇلىيەتتىن قېچىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىدى.

ئالدىنقى كۈنى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۇلتۇر يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ كۈنمىڭ شەھىرىدە يۈز بەرگەن «1-مارت كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسى پىچاقلىق ھۇجۇمى» غا چېتىشلىق دەپ قارالغان ئۈچ ئۇيغۇرغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەندىن كېيىن، ئىككى كۈندىن بۇيان خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندا بولمىغان ئۈچ ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشىنىڭ ئادالەتسىزلىك ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەنقىدلەنمەكتە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۈگۈن يەنى 26-مارت ئېلان قىلغان نارازىلىق باياناتىدا، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندا بولمىغان ئۇيغۇرلارغا «1-مارت كۈنمىڭ ۋەقەسىنى پىلانلىغۇچىلار» دەپ گۇناھ ئارتىشى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارغا بەرگەن جازاسىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە خىلاپ بولۇپلا قالماي، بەلكى خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنىغىمۇ خىلاپ بولغان ئادالەتسىز سوت ھۆكۈمى» دەپ ئەيىبلىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتىدا يەنە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى رادىكال قارشىلىق كۆرسىتىشكە مەجبۇر قىلىۋاتقانلىقى» تەكىتلىنىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق ھەرىكىتى بىلەن باغلاپ، ئۆزىنىڭ مىللىي سىياسىتىدىكى مەغلۇبىيىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئارتماسلىقى كېرەك، ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى توختىتىشى كېرەك» دېگەن بايانلار بېرىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە ھەيئەت رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 1-مارت كۈنمىڭ ۋەقەسىگە چېتىلىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى نارازىلىق باياناتى ھەققىدە توختالدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا تېررورلۇق ھەرىكىتىگە باغلاپ باستۇرۇۋاتقان نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيەتكە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى دىققەت قىلىشقا ۋە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىپ، «غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىدە بۇ مەسىلىنى جىددىي كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشى كېرەك» لىكىنى تەكىتلىدى

خىتاينىڭ كۈنمىڭ ئوتتۇرا سوتى بۇلتۇر سېنتەبىر ئېيىدا 2014-يىل 1-مارت كۈنى يۈز بەرگەن «كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدىكى پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسى» ھەققىدە سوت ئېچىپ، نەق مەيداندا تۇتتۇق دەپ ئېلان قىلىنغان پاتىگۈل توختى ۋە ۋەقەدىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى خىتاينىڭ ۋىيېتنام بىلەن تۇتىشىدىغان يۈننەن چېگراسىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئىسكەندەر ئەھەت، تۇرغۇن توختىنىياز ۋە ھەسەن مۇھەممەد قاتارلىق 4 ئۇيغۇرغا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، پاتىگۈل توختى ئېغىر ئاياق بولغىنى ئۈچۈن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، قالغان 3 ئۇيغۇرنىڭ «ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندا بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار ۋەقەنى پىلانلاشقا قاتناشقانلىقىنى ئىقرار قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى» ھەققىدە خەۋەر بەرگەن. بۇ ئۇيغۇرلار نارازىلىق ئەرزى سۇنغاندىن كېيىن خىتاينىڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى بۇلتۇر 10-ئايدا كۈنمىڭ ئوتتۇرا سوتىنىڭ ئەسلىدىكى ھۆكۈمىنى كۈچكە ئىگە قىلىپ، بۇ ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈمىنىڭ ئۆزگەرتىلمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.خىتاينىڭ بۇ ھۆكۈمىگە نىسبەتەن، بۇلتۇردىن بۇيان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۈزلۈكسىز نارازىلىق باياناتلىرى ئېلان قىلىپ كەلگەن ئىدى.

ئۆتكەن يىلى مارت ئېيىدا خىتاينىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى كۈنمىڭدىكى پويىز ئىستانسىسىدا پىچاقلىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ، 31 ئادەم ئۆلگەن، 141 ئادەم يارىلانغانىدى. ۋەقەدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر ھۇجۇمغا «تېررورلۇق ھۇجۇمى» دەپ باھا بەرگەن ۋە نەق مەيداندىكى 5 نەپەر ئۇيغۇر ھۇجۇمچىدىن 4 ئەرنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلىپ، پاتىگۈل توختى ئىسىملىك 17 ياشلىق ئايال ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ يارىلانغاندىن كېيىن، ئەينى چاغدىكى ۋەقە قاتناشقۇچىلىرىدىن بىردىن-بىر جاۋابكارنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئەمما «1-مارت كۈنمىڭ ۋەقەسى» يۈز بېرىپ ئىككى كۈندىن كېيىنكى خىتاي خەۋەرلىرىدە 27-فېۋرال يەنى ۋەقەدىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى يۈننەننىڭ ۋىيېتنام چېگراسى ئەتراپىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ «1-مارت يۈننەن پويىز ئىستانسىسى ۋەقەسىنى پىلانلىغۇچىلار ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلغانلىقى» ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى چاغدا ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندا بولمىغان ھەم ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى خىتاي بىلەن ۋىيېتنام چېگراسىدا چېگرادىن قېچىش گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ئىسكەندەر ئەھەت، تۇرغۇن توختىنىياز ۋە ھەسەن مۇھەممەد قاتارلىق 3 ئۇيغۇرنى «1-مارت كۈنمىڭ پىچاقلىق ھۇجۇمىنى پىلانلىغۇچىلار» دەپ ئەيىبلەپ، ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشى، بۇلتۇردىن بۇيان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئەيىبلىنىپ كەلگەن ئىدى.