گېرمانىيە ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەكتە

0:00 / 0:00

گېرمانىيەدىكى پارتىيە-گۇرۇھلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تەسىس قىلغان ھەمدە مىليونلىغان ئىنسانلارنى قامىۋالغان جازا لاگېرلىرىغا يېقىندىن دىققەت قىلماقتا.

26-سېنتەبىر كۈنى گېرمانىيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەلەردىن خرىستىئان سوتسىيال بىرلىكى پارتىيەسىنىڭ ميۇنخېندىكى مەركىزىي خىزمەت بىناسىدا «گېرمان-تۈرك دىئالوگى ۋە مۇھاجىرەت» ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپادىكى ۋەكىلى ئەسقەرجان ئەپەندى خرىستىئان سوتسىيال بىرلىكى پارتىيەسىنىڭ باش كاتىپى ھەم پارلامېنت ئەزاسى ماركۇس بلۇمې ئەپەندى ھەمدە مۇھاجىرلار ئىشلىرى مىنىستىرى مېكتخىلدې ۋىتمان خانىملار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ نۆۋەتتە خەلقئارا تاراتقۇلاردا قىزىق تېما بولۇۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان.

ئالدىنقى ئايدا باۋارىيە شتاتلىق ساقچى دائىرىلىرى بىر نەپەر ئۇيغۇر ياشنى خىزمەت سەۋەنلىكى تۈپەيلى خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەن ئىدى. بۇ ۋەقە خەلقئارادا جىددىي غۇلغۇلا قوزغىغاندىن كېيىن، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇشنى توختىتىش ھەققىدە مەخسۇس قارار قوبۇل قىلغان بولۇپ، قاراردا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى كۆزدە تۇتۇلغان ئىدى. ئەسقەرجان ئەپەندى بۇ سۆھبەتلەر ئەسناسىدا گېرمانىيەدە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختالغان.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە ھاكىمىيەتتىكى پارتىيەلەردىن خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيەسى، يېشىللار پارتىيەسى، خرىستىئان سوتسىيال بىرلىكى پارتىيەسى قاتارلىق پارتىيە-گۇرۇھلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىگە بارغانسېرى جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغان. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئالدىنقى ئايلاردا د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە قۇرۇلتاينىڭ ياۋروپا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ئەسقەرجان ئەپەندىلەر ئىلگىرى-كېيىن پايتەخت بېرلىنغا بېرىپ، باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ھەمدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خادىملىرى بىلەن بىرقانچە قېتىم سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان.

پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى سۆزىدە 18-سېنتەبىر كۈنى ب د ت دا چاقىرىلغان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 39-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئاۋسترىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 28 دۆلەتكە ۋاكالىتەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن گېرمانىيە ۋەكىلىنىڭ سۆز قىلىپ، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى قاتتىق تەلەپپۇزدا تىلغا ئالغانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنى دەرھال تاقاشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى يەنە د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ دىققىتىنى چەككەن بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى، گېرمانىيەنىڭ دۆلەتلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھەم تاراتقۇلاردا بۇ مەسىلىنىڭ دائىم تىلغا ئېلىنىدىغان بىر مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە يېقىندىن بۇيان گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچى ئۇيغۇرلارغا باشقىچە مۇئامىلە قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ ئاسان قوبۇل بولۇشقا يۈزلەنگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پات ئارىدا گېرمانىيە پارلامېنتى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا مەخسۇس قارارلار قوبۇل قىلىش ئېھتىمالى بار ئىكەن.