ئامېرىكا تاشقى سودا قانۇنىدا ھەر قانداق بىر شىركەتنىڭ تۈرمە ياكى جازا لاگېرلىرىدا كىشىلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىپ، ئامېرىكا بازىرىغا سېلىشى قاتتىق چەكلەنگەن. نۆۋەتتە ئامېرىكىدىكى باجېر تەنتەربىيە كىيىملىرى شىركىتى خىتاينىڭ «تەيدا كىيىم-كېچەك ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» خوتەندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تەسىس قىلغان كىيىم-كېچەك زاۋۇتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىپ، بۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.
«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى 17-دېكابىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلاردا ياكى لاگېرنىڭ يېنىدا زاۋۇت قۇرۇپ، لاگېردىكى تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى، «تەيدا كىيىم-كېچەك شىركىتى» ئەنە شۇ كارخانىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، باجېر شىركىتى «تەيدا» نىڭ خوتەندىكى بىر لاگېردا قۇرۇلغان زاۋۇتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىپ، ئامېرىكا بازىرىغا سالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
بۇ مەسىلە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بەزى ئەزالىرى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پرېزىدېنت ترامپ ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئىشتىراك قىلىۋاتقان ئەمەلدارلارنى ۋە ئۇلارغا ھەمدەمدە بولۇۋاتقان شىركەتلەرنى جازالاشنى تەلەپ قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئاشكارىلاندى. بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خەلقئارا شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ھادىسىلەر بىلەن مۇناسىۋىتى يوق بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مال بىلەن تەمىنلەش مەنبەئەسىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش مەجبۇرىيىتى بار ئىكەن.
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفىيە رىچاردسون مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا دائىر بۇ يېڭى ھادىسىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىككى ھالقىسى بار. بىرىنچىسى، شىنجاڭدىكى دائىرىلەرنىڭ كىشىلەرنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشى ھەيران قالارلىق ئەمەس. بۇ خىتايدا ئۇزۇندىن بېرى مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن بىر خىل تاكتىكا ۋە كېسەللىك. لېكىن بۇنىڭ ئىككىنچى مۇھىم ھالقىسى، شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار بىلەن خەلقئارا شىركەتلەرنىڭ رېئال بىر مۇناسىۋىتى يوق. بۇ يەردىكى سوئال باشقا شىركەتلەردەك بەزى خەلقئارا شىركەتلەر ئۈرۈمچىدە ئىشخانا ئاچتىمۇ-ئاچمىدىمۇ، دېگەن مەسىلە ئەمەس. بىراق، كىشىلەر خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىپ، خەلقئارا شىركەتلەرگە مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش تەلەپ قىلىنغان بولسا، بۇ شىركەتلەرنىڭ مال بىلەن تەمىنلىنىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭغا دىققەت قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش جەھەتلەردە ئۇنىڭ جىددىي ۋە ئالاھىدە مەجبۇرىيىتى بار».
باجېر تەنتەربىيە كىيىملىرىنىڭ مەھسۇلاتى ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت، تەنتەربىيە كۇلۇبلىرىدا كەڭ سېتىلىدۇ. بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ قايسىسىنىڭ لاگېرلاردا ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى ئايرىش مۇمكىن بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قىسمەن مەھسۇلاتلىرىنىڭ لاگېرلاردا ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى مەلۇم. ئامېرىكىدىكى ئادۋوكات، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ھەرىكىتى ئۇنىڭ تاشقى سودا قانۇنىغا بېرىپ تاقاشقانلىقىنى بىلدۈردى.
نۇرى تۈركەل: «ئامېرىكىنىڭ شىركەتلىرى بۇ ئىشنىڭ بۇنداق چوڭىيىپ كېتىشىنى بۇرۇن ھېس قىلمىغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ بىر تەرىپى، ئىككىنچىدىن، بۇ مەسىلىنىڭ قانۇنغا تاقىشىپ، ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورت-ئىمپورت قانۇنىغا دەخلى-تەرۇز بولىدىغان يەرگە كېلىپ قېلىشىنىمۇ ئۇلار كۈتمىگەن بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، تىجارەت دۇنياسىدا بەزى ۋاقىتلاردا كۆرگەننى كۆرمەسكە سېلىۋالىدىغان، بىلگەننى بىلمەسكە سېلىۋالىدىغان ئىش بار. . . . . . . شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر ئامېرىكىدا نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىدە چىققان ماقالىدىكى مىككېنزېي بولسۇن ياكى باشقا شىركەتلەر بولسۇن، بۇلار ئۆزىنى بىر تەكشۈرىدىغان، ئۈركۈيدىغان، چۆچۈيدىغان ھالەتكە كەلدى، دەپ ئويلايمەن.»
نۇرى تۈركەلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تىجارەت قىلىۋاتقان 500 دەك ئامېرىكا شىركىتى بار ئىكەن. ئۇ، بۇ شىركەتلەرنىڭ كىم بىلەن تىجارەت قىلىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
نۇرى تۈركەل: «تاشقى سىياسەت ژۇرنىلىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدە ئاشكارىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا تىجارەت قىلىۋاتقان 500 دىن ئارتۇق ئامېرىكا شىركىتى بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ساياھەتكە، بەزىلىرى ئىشلەپچىقىرىشقا، بەزىلىرى بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنى تەسىس قىلىش، يېڭىلاش ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك دېگەندەك. ئەگەر ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدە تىزىملاتقان بۇ شىركەتلەر ئەگەر بىلىپ-بىلمەي خىتاينىڭ لاگېرلاردىكى قانۇنسىز ئەمگەككە ئېرىشىشتەك ئىشلارغا چېتىلىپ قالسا، ئامېرىكا تاشقى سودا قانۇنىنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدىغان ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ شىركەتلىرى جازاغا ئۇچراپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ كىملەر بىلەن نېمە تىجارەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىۋاتقان ماللىرىنىڭ مەنبەسىنى، قانداق ئەمگەك كۈچى ۋە قانداق شارائىتتا ئىشلەپچىقىرىۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈشى كېرەك».
ھالبۇكى كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى سوفىيە رىچاردسوننىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دەرھال ھەرىكەت قوللىنىشىنى تەلەپ قىلماقتا ئىكەن. لېكىن، ئۇ ھازىرغا قەدەر تەنقىدلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئەمەلىي بىر تەدبىر ئېلىنمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سوفىيە رىچاردسون مۇنداق دەيدۇ: «نۇرغۇن ھۆكۈمەتلەر ھازىرغا قەدەر بەزى توغرا سۆزلەرنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچكىم ئەمەلىي بىر تەدبىر قوللانغىنى يوق. بىز خەلقئارا بىر ئىتتىپاقنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تېخى كۆرۈپ باقمىدۇق. بىز تېخى خەلقئارا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇلغانلىقىغا شاھىت بولمىدۇق. شۇنداقلا بىز تېخى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنى قوللاپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش چاقىرىقىغا ھەمدەمدە بولغانلىقىنى تۇيمىدۇق. ھازىرغا قەدەر ھۆكۈمەتلەرنىڭ دېگەن سۆزى ھەرىكەتكە ئايلانمىدى. ئەگەر بېيجىڭ ئۆزى ھېس قىلغۇدەك بىر بېسىمغا ئۇچرىمىغۇچە ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتمەيدۇ».
خوتەندىكى يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىلگىرى بەرگەن خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، باجېر شىركىتىنىڭ بازار ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى گىنىي گاسۋېنت بۇ يىل 2-ئايدا تەيدا شىركىتىنىڭ خوتەندىكى زاۋۇتلىرىنى زىيارەت قىلغان. خىتاي تاراتقۇلىرىدا گىنىي گاسۋېنتنىڭ «مەن خوتەن خەلقىنىڭ بەك دوستانە، گۈزەل، قىزغىن ۋە ئەمگەكچانلىقىغا ھەيران قالدىم. مەن ئىشىنىمەنكى، بىزنىڭ ھەمكارلىقىمىز بارغانسېرى زورىيىدۇ» دېگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شۇ قېتىم تەيدا شىركىتى مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، تۇنجى تۈركۈمدە قىممىتى 400 مىڭ دوللارلىق 150 مىڭ تال كىيىمنى خەلقئارا بازارغا يوللىغان ئىكەن.
بىز سەيشەنبە كۈنى باجېر شىركىتىگە تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىنكاسىنى ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، بىراق تېلېفونىمىزغا جاۋاب بەرمىدى. ئەمما مەزكۇر شىركەتنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى جون ئانتون 17-دېكابىر كۈنى تۋېتىردا بايانات ئېلان قىلىپ، خوتەندىكى تەيدا ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتىنى ئىمپورت قىلىشنى دەرھال توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇ: «بىزنىڭ بىر پىرسەنت ھەتتا ئۇنىڭدىن ئاز مەھسۇلاتىمىز خوتەن تەيدا شىركىتىدىن ئىمپورت قىلىنغان. بىز بۇ شىركەتتىن ئالغان ھېچقانداق بىر مەھسۇلاتىمىزنى خېرىدارلىرىمىزغا ساتمايمىز» دېگەن.
0:00 / 0:00