لوپتىكى قاراۋۇلخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ يەنە بىر قىسىم ئىنچىكە تەپسىلاتلىرى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

11‏- ۋە 12-ماي كۈنلىرى خوتەننىڭ لوپ ناھىيە بازىرىدا يۈز بەرگەن ۋە 3 نەپەر پىدائىي ۋە 4 نەپەر ساقچىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان قاراۋۇلخانىغا بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ يەنە بىر قىسىم ئىنچىكە تەپسىلاتلىرى ئاشكارىلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، بىرىنچى قېتىملىق ھۇجۇمدا بىر نەپەر پىدائىي، ئىككىنچى قېتىملىق ھۇجۇمدا ئىككى نەپەر پىدائىي قاراۋۇلخانىغا پىيادە يېتىپ كېلىپ قاراۋۇلخانىدىكى ساقچىلارغا بومبا ئاتقان ۋە بېلىدىكى بومبىنى پارتلاتقان. مەلۇم بولۇشىچە بۇ قاراۋۇلخانىنىڭ ئاساسلىقى ۋەزىپىسى پۈركەنچىلىك ئايال ۋە ساقاللىق ئەرلەرنى تەكشۈرۈشتۇر؛ قاراۋۇلخانا ئەتراپتىكى ناھىيىلىك قاماقخانا ۋە پىلانلىق تۇغۇت ئىدارىسى بىلەن قوشنا بولۇپ، ساقچىلارنىڭ پاش قىلىشىچە، ئەنە شۇ سەۋەبتىن بۇ قاراۋۇلخانا ھۇجۇم نىشانى قىلىپ تاللانغان.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر.