ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئو بىلەن ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىت باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە سۇنغان «ماگنىتسكي يەر شارى كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» ئىجرا قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يىغىۋېلىش لاگېرلارنى قۇرۇپ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى تۇتۇپ تۇرۇشتا رولى بار، دەپ قارالغان چېن چۇەنگو، سۇڭ جىنروڭ، خۇ ليەنخې، جۇ خەيلۇن، شۆھرەت زاكىر قاتارلىق 7 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىنى جازالاش تەكلىپى ئىنسان ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرىگە ۋە ئۇيغۇرلارغا زور ئىلھام بولغان ئىدى. نۆۋەتتە، ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان بۇ خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ماگنىتسكىي قانۇنى بويىچە جازالاشنى ئەمەلگە ئاشۇرسا، بۇنىڭ خىتايغا بېسىم پەيدا قىلالايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە
«ماگنىتسكىي يەر شارى كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» 1992-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە رۇسىيەدىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغ سالغۇچى مىلياردېر بىل بروۋدېر تەرىپىدىن تەشەببۇس قىلىنغان بولۇپ، بۇ قانۇن، ئۇنىڭ ئادۋوكاتى سېرگېي ماگنىتسكينىڭ پۇتىن ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قىيىن قىستاققا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلۈشى سەۋەبلىك رۇسىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان ئەمەلدارلارنى جازالاشقا قارىتىلغان ئىدى. بىل براۋدېر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئادۋوكاتنىڭ نامىدىكى مەزكۇر قانۇننى دەسلەپ ئامېرىكىدا 2012-يىلى دۆلەت مەجلىسىدە قاراردىن ئۆتكۈزۈلۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان، قانۇننىڭ دائىرىسى 2014-يىلى ياۋروپاغا ۋە 2016-يىلى كۆپ دۆلەتلەرگە كېڭەيتىلگەن.
مەزكۇر قانۇن تەشەببۇسىنى تۇنجى ئوتتۇرىغا قويغۇچى، ئەسلى ئامېرىكىدا تۇغۇلغان، ھازىر ئەنگلىيە تەۋەلىكىدىكى مىلياردېر ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، «خېرمىتىج خەلقئارالىق مەبلەغ سېلىش شىركىتى» نىڭ لىدېرى بىل بروۋدېر ئەپەندى، 11-فېۋرال كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
بىل ئەپەندى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى، بولۇپمۇ لاگېر مەسىلىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
مۇخبىر: بىل ئەپەندى، ھازىرغا قەدەر يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەر ۋە بەزى دۆلەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىغانلىقىغا سوئال نەزىرى بىلەن قارىماقتا؟ سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
بىل بروۋدېر: شۈبھىسىزكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇ جايدا جازا لاگېرلىرىنى تۈركۈملەپ قۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى قامىدى، ۋە ئۇ جايدا كىشىلەر تەن جازالىرىغا ئۇچراۋاتىدۇ، ئۆلتۈرۈلۈۋاتىدۇ. بۇنى تەخمىن قىلىش بىھاجەت. ھازىر بىز 1930-يىللاردا، يەنى ھېچقانداق ئۇچۇر مەۋجۇت بولمىغان، ناتسىستلار گېرمانىيەسى دەۋردە ياشىمايۋاتىمىز. ھازىر لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇنلىغان سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرى، شەخسىي شاھىتلار ۋە كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇنى دەلىللەپ چىقارغان دوكلاتلىرىمۇ بار، ھازىرقى مەسىلە ئۇنىڭ مەۋجۇت ياكى ئەمەسلىكىدە ئەمەس، بەلكى بۇنىڭغا قانداق تەدبىر ئېلىش مەسىلىسى بولۇشى كېرەك.
مۇخبىر: خىتاينىڭ لاگېرلارنى قۇرۇشتا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاخىرقى مەقسىتى نېمە دەپ قارايسىز؟
بىل بروۋدېر: خىتاي كىشىلىك ھوقۇققا ھېچقاچان ھۆرمەت قىلمايدىغان زالىم ھۆكۈمەت، بۇنداق ۋەزىيەتتە ئىشنىڭ ئەڭ يامىنى بولىدۇ، دەپ تەخمىن قىلالايمىز. شۇڭا غەرب ئەللىرىمۇ تېگىشلىك تەدبىر ئېلىشى زۆرۈر، بىز ھەر قېتىم ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەندىن كېيىن، «ھەرگىز قايتىلانمىسۇن» دەيمىز، بۇ بولسا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، شۇڭا بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقمۇ، ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ قىرغىنچىلىقى، رىۋاندادىكى قىرغىنچىلىق ۋە كامبودژا كېخمېر قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئىنكاس قايتۇرۇلغان دەرىجىدە كۈچلۈك بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك.
مۇخبىر: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىگە قارىتا سىزنىڭچە خەلقئارانىڭ ئىنكاسى يېتەرلىكمۇ؟
بىل بروۋدېر: خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىنكاسى داۋاملىق ئىنتايىن ئاز ۋە كېچىكىپ ئوتتۇرىغا چىقماقتا. بۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەب، مەن ياۋروپا، كانادا ۋە ئامېرىكىدىكى سىياسىيونلارغا بۇنىڭ نۆۋەتتە ھەممە كىشى دىققەت بەرمىسە بولمايدىغان بىر مەسىلە بولۇپلا قالماستىن، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان ۋە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا قويۇپ بىر تەرەپ قىلىنىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكى دەپ كەلدىم. چۈنكى بۇ مەسىلە دۇنيادىكى بارلىق مەسىلىلەرنىڭ قاتارىدا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا بىر تەرەپ قىلىنىدىغان مەسىلەن، چۈنكى بۇ ئادەمنى قاتتىق چۆچۈتىدىغان ھەمدە نۇرغۇن كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بىر مەسىلە. بۇ مەسىلە ئوز نۆۋىتىدە يەنە بىز يۈز بېرىشىنى خالىمايدىغان بىر مەسىلىگە، يەنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىدىغان بىر مەسىلە.
مۇخبىر: بۇ مەسىلىدە «ماگنىتسكىي يەر شارى كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» ئىجرا قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇناسىۋەتلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنىڭ قانداق مۇھىم ئەھمىيىتى بار؟
بىل بروۋدېر: «ماگنىتسكىي يەر شارى كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» ھازىر خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش رولىنى ئوينىيالايدىغان بىردىنبىر قىسقا مۇددەتلىك جازالاش ۋاسىتىسى بولالايدۇ. چۈنكى خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىنتايىن كۈچلۈك، شۇڭا خىتايغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش بىر قەدەر مۈشكۈل. ماگنىتىسكي قانۇنى، مەسىلىدە مەسئۇلىيىتى بار شەخسلەرگە قارىتىپ لايىھەلەنگەن قانۇن بولغاچقا شۇ ئارقىلىق بۇ، ھۆكۈمەتتە مەسئۇلىيىتى بولغان ئەمەلدارلارنى جازاغا تارتىش رولىنى ئۆتەيدۇ. ھازىر بۇ قانۇن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، كانادا، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئىجرا قىلىندى.
مۇخبىر: بۇ قانۇننىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا ئىجرا قىلىنىشى، لاگېرلارنىڭ تاقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرەلەمدۇ؟
بىل بروۋدېر: مېنىڭچە بۇ، لاگېرلارنىڭ قۇرۇلۇشىدا ۋە ئىجرا قىلىنىشىدا مەسئۇلىيىتى بولغان خىتاي ئەمەلدارلارغا قارىتا بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىپ ئۇلارغا جازا يۈرگۈزۈش لاگېرلارنىڭ تاقىلىشى ئۈچۈن ئېلىنغان تۇنجى قەدەم بولالايدۇ. گەرچە ماگنىتسكىي قانۇنى بۇ مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى بولالمىسىمۇ، ئەمما بۇ، ھازىرقىدەك خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋە شۇ يەردىكى ئۆزىنىڭ ھوقۇقى ۋە خىزمەت ئىمتىيازىدىن پايدىلىنىپ ھېچقانداق قارشىلىقسىز، چەكلىمىسىز ھالدا زۇلۇمىنى داۋاملاشتۇرۇشىدىن ياخشى، بۇ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىگە بەلگىلىك چەكلىمە ۋە راھەتسىزلىك پەيدا قىلالايدۇ. مېنىڭ قارىشىمچە بۇ لاگېرلارنى تاقىتىشتا خېلى ئۇزۇن بىر مۇساپە بار، ئاۋۋال مانا مۇشۇ مەسئۇلىيىتى بار ئەمەلدارلارنى جازالاشتىن باشلايلى.
مۇخبىر: بىل ئەپەندى مىليونلارچە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جازا لاگېرلىرىغا قامىلىشى مەسىلىسىدە، ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ جىددىي ئەندىشىڭىز نېمە؟
بىل بروۋدېر: مېنىڭ ئەڭ زور ئەندىشەم، بۇ جايدا بىر ئاجايىپ پاجىئەنىڭ بولۇۋاتقىنى ئېنىق. ئەمما ئۇلار بۇنى دۇنيادىن يوشۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بىر ئىش قانچىكى سىر تۇتۇلغانسېرى، بۇنىڭ شۇ جايدىكى خەلققە شۇنچە ئېغىر خەتىرى بولىدۇ.
مۇخبىر: خەلقئارا جەمئىيەت خىتاي ھۆكۈمىتىنى جازا لاگېرلارنى تاقاشتا قانداق بېسىم ئىشلىتەلەيدۇ؟
بىل بروۋدېر: ئاخىرىدا يۈز بېرىشكە تېگىشلىك بولغىنى بىرى ئاشكارىلاش يەنە بىرى جازالاش. ئاشكارىلاش دېگەندە بىز لاگېرلارغا مۇناسىۋەتلىك قانچىلىك ئۇچۇر بولسا ئاشكارىلاپ دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاش، دۇنيا جامائىتى بۇنىڭغا جازا قوللىنىش ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇشى زۆرۈر، يەنى دۇنيانىڭ قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى «ماگنىتسكي يەر شارى كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» يۈرگۈزۈش بىلەن باشلىنىشى ھەمدە باشقا قوللىنىش مۇمكىن بولغان جازالاش تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك.
ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بىل بروۋدېر ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن مەخسۇس سۆھبىتىمىزنى بۈگۈن مۇشۇ يەردە توختاتماقچىمىز، كېيىنكى ئاڭلىتىشىمىزدا سۆھبىتىمىزنى ماگنىتىسكىي قانۇنىدىكى مۇھىم مەزمۇنلار ۋە بۇ قانۇن كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلغان ئەمەلدارلارنى قانداق جەھەتلەردىن جازاغا ئۇچرىتالايدۇ؟ خەلقئارا جەمئىيەت لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنى قانداق قىلىپ قۇتقۇزالايدۇ؟ ۋە ئۇيغۇرلارغا قايسى جەھەتلەردىن ياردەم قىلالايدۇ؟ دېگەندەك تېمىلاردا داۋام ئەتمەكچى.
0:00 / 0:00