ئەرزدار ئوبۇلھەسەن ئابدۇكېرىم: «دۆلەتنىڭ قانۇن-تۈزۈمى كۈچكە ئىگىمۇ ياكى ئۇنى دەپسەندە قىلىدىغان ناھەق ھۆكۈممۇ؟»

0:00 / 0:00

ئوبۇلھەسەن ئابدۇكېرىم بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇن كەنت كادىرلىرى تەرىپىدىن دۇمبالىنىپ نورمال بىر ئىنساندىن مېيىپلىك قىسمىتىگە دۇچار قىلىنغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان ھەق-تەلەپ دەۋاسى باشلانغان. قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش يولىدا ئېلىپ بېرىلغان تىنىمسىز دەۋا ئۇنى ئاددىي بىر دېھقاندىن داڭدار ئەرزدارغا ئايلاندۇرغان.

خوتەننىڭ لاسگۇي يېزىسىدىن باشلانغان ئوبۇلھەسەننىڭ ئەرز-دەۋاسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىگىچە، ئۇ يەردىن ھەتتا بېيجىڭدىكى ئالىي سوت ۋە سەھىيە مىنىستىرلىقىغىچە يېتىپ بارغان. سەھىيە مىنىستىرلىقى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوتنىڭ مەزكۇر دېلونى قايتا تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى قارارلىرىنى يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى تۈرلۈك باھانە-سەۋەبلەر بىلەن ئىجرا قىلمىغان. بۇ ناھەق دېلودا ئىچكى مەنپەئەت بىرلىكى تۈپەيلى ئىجتىمائىي تور قۇرۇۋالغان يەرلىك دائىرىلەر بىلەن سەھىيە ئورۇنلىرى قانۇننى قايرىپ قويۇپ رېئاللىققا كۆز يۇمغان. بۇنىڭ بىلەن ئوبۇلھەسەن ئابدۇكېرىمنىڭ ناھەق دېلوسى ھەل بولماي 10 يىلغا سوزۇلۇپ كەتكەن.

ئامالسىز قالغان ئوبۇلھەسەن بۇ ناھەق دېلونى يېقىندا توردا ئېلان قىلغان. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 60 مىڭدىن ئارتۇق تور زىيارەتچىلىرى ئۇنىڭغا ھېسداشلىق بىلدۈرۈپ ئىنكاس يازغان. ئوبۇلھەسەن ئابدۇكېرىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يېقىندا رادىئويىمىزنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى ھەمدە ئۆزىنىڭ 10 يىلغا سوزۇلغان ناھەق دېلوسى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان ئەرز-دەۋاسىنىڭ تۈپ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «دۆلەتنىڭ قانۇن-تۈزۈمى كۈچكە ئىگىمۇ ياكى ئۇنى دەپسەندە قىلىدىغان ناھەق ھۆكۈممۇ؟ مەن مۇشۇ سوئالنىڭ جاۋابىغا ئېرىشمەكچى!...»

ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئەسلىدە ساق-سالامەت ۋە نورمال بىر ئىنساندىن مېيىپلا ئايلاندۇرۇلغانلىقى، 10 يىل جەريانىدا ئەرز-دەۋا ئۈچۈن تۆلىگەن ئېغىر بەدەللىرى، ئۆزى ۋە پۈتۈن ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى زىيانلىرى ئۈچۈن قانۇن بويىچە 12 مىليون سوم تۆلەم تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.