ئۇيغۇر قىز: مىسىردا غايىب بولغان دوستۇم قەيسەر ئابدۇللانى ئىزدەيمەن

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2018.05.02
qeyser-abdulla-misirda-uyghur.jpg مىسىر ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى، غايىب بولغان ئۇيغۇر قەيسەر ئابدۇللا.
RFA/Gulchehre

مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ رادىيومىزغا يەتكۈزگەن ئىسپاتلىق مەلۇماتلىرىدىن، خىتاينىڭ مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ھەرىكىتىنى 2017-يىلى ئىيۇلدىكى تۇتقۇندىن بۇرۇنلا باشلانغانلىقى مەلۇم. بۇلتۇر يىل بېشىدىلا خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇرتىدىكى ئائىلىسىگە بېسىم ئىشلىتىپ، خېلى زور بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارنى يۇرتىغا قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان. بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ مىسىردىن باشقا ئەللەرگە قاچقان ۋە يەنە غايىب بولغانلىرىمۇ بار ئىدى. مىسىردىكى ئەندىشىلەر تۈگىمىگەن بۇ پەيتتە، رادىيومىز بىلەن ئالاقىلەشكەن بىر ئۇيغۇر قىز، ئۆزىنىڭ دوستى 23 ياشلىق قەيسەر ئابدۇللانىڭمۇ، ئۆتكەن يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ مىسىردىن غايىب بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

بۇلتۇر ئىيۇلدىن بۇيان، مىسىردا تۇتقۇنغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ نۆۋەتتە قويۇپ بېرىلىپ، تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە پاناھلانغان بولسىمۇ، تۇرا تۈرمىسىدە قىزىل بەلگە قويۇلغان 16 ئۇيغۇرنىڭ ھازىرغىچە ھېچ قانداق ئىز-دېرىكى يوق، شۇنداقلا بۇلتۇر يىل بېشىدىن باشلاپ ھەر خىل بېسىملارغا ئۇچراپ خىتايغا قايتقان ياكى باشقا ئەللەرگە يولغا ئالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئاقىۋىتى يەنىلا ئېنىقسىز ھالدا تۇرماقتا. بۈگۈن رادىيومىزغا تېلېفون قىلغان بىر ئۇيغۇر قىز ئوقۇغۇچى، ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن مەلۇمات بېرىپ، ئۆزىنىڭ مىسىردا ئوقۇۋاتقان، ئىلگىرى كۈندە دېگۈدەك ئالاقىلىشىپ تۇرۇۋاتقان، قەيسەر ئابدۇللا ئىسىملىك بىر يېقىن دوستىنىڭ 2017-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن ئېتىبارەن غايىب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ قەيسەر بىلەن ئىككى يىل ئاۋۋال ئۈرۈمچىدىكى ئىنگلىز تىلى كۇرسىدا تونۇشقان. قەيسەر بۇ يىل 23 ياشتا بولۇپ، 2016-يىلىنىڭ باشلىرىدا مىسىردىكى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كەلگەن. 2016-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرلىرى تەتىلدە يۇرتىغا قايتىپ بىر ھەپتە ئىچىدىلا يەنە مىسىرغا قايتىپ كەلگەن ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ يۇرتقا قايتقان شۇ پەيتتە دائىرىلەرنىڭ سوئال-سورىقىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان.

مىسىردىن يۇرتىغا قايتقانلار ھەتتا بىگۇناھ بولسىمۇ تۈرمىلەرگە قامالغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئاڭلىنىشقا باشلىغان چاغلاردا قەيسەر، ئۆزىنىڭ يۇرتىغا قايتماسلىقنى قارار قىلغانلىقىنى، مىسىردا تۇرۇشنىڭمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ دۇبەي ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرگە كېتىشنىڭ ئامالىنى قىلىدىغانلىقىنى بۇ دوستىغا ئېيتقان ئىكەن.

بۇ قىزنىڭ ئېيتىشىچە، قەيسەر ئۆزىنىڭ دۇبەيگە قاراپ يولغا چىققانلىقى، يېتىپ بارغاندىن كېيىن خەۋەر بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ئېيتقان بۇلتۇر 19-فېۋرال كۈنىدىكى ئاخىرقى ئۇچۇرىدىن كېيىن، ئۈن-تۈنسىز غايىب بولغان. بۇ قىز، مىسىردىكى تۇتقۇن باشلانغاندىن بۇيان دوستىنىڭ ئاقىۋىتىدىن تېخىمۇ ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان ۋە رادىيومىزدا ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەقدىرى قىسمەتلىرى ھەققىدە بەرگەن خەۋەرلىرىمىزگە ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلگەن. ئۇ، مىسىردىكى تۇتقۇنغا ئۇچرىغان ۋە ياكى خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىكلىرىدىن قەيسەرنىڭ ئىسمى چىقمىغانسېرى ئەندىشىسى كۈچەيگەن.

ئۇ ھازىرغىچە مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن قەيسەر ئابدۇللانىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشنى توختاتمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ھېچ بىر خەۋەر ئالالماي، ئەجەبا قەيسەرنى خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەنمىدۇ؟ دېگەندەك گۇمانى كۈچەيگەن. قەيسەر ھەققىدە، ئۇ يەنە ئۈرۈمچىدىكى ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋە دوستلىرىدىنمۇ ئۇچۇر ئالالمىغاندىن كېيىن، بىزگە دوستى قەيسەر ئابدۇللانىڭ غايىب بولغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىش قارارىغا كەلگەن.

گەرچە قەيسەر، 2017-يىلى 19-فېۋرال كۈنى دوستلىرىغا ئەمىرات ھاۋا يولى ئارقىلىق، قاھىرەدىن دۇبەيگە قاراپ ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ قاھىرەدىن ئايروپىلانغا چىققان-چىقمىغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

بىز ئەزھەر ئوقۇغۇچىسى قەيسەر ئابدۇللانى، مىسىردا ھازىرمۇ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارقىلىق سۈرۈشتە قىلىشقا تىرىشتۇق. گەرچە نۆۋەتتە مىسىردا ساناقلىقلا ئۇيغۇرلار قالغان بولسىمۇ، ئۇلاردىن بىر ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ قەيسەرنى تونۇيدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ بۇلتۇر يىل بېشىدىن باشلاپلا تۇيۇقسىز غايىب بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ گۇمانىچە ئۇ مىسىردا يوق، ئەگەر بولغان بولسا ئۇنىڭ مىسىردىكى تۈرمىلەردىن قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارقىلىق مەلۇم بولۇشى كېرەك ئىكەن.

ئىلگىرى دۇبەيدىن بەزى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى ھەققىدىمۇ ئېنىقسىز ئۇچۇرلار تارالغان ئىدى.

قەيسەر ئابدۇللانىڭ غايىب بولغانلىقىنى مەلۇم قىلغان قىزنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، بۇلتۇر قەيسەر يوقاپ كەتكەندىن بۇيان ئۇنىڭ قەشقەردىكى ئائىلىسى بىلەنمۇ ئالاقە باغلىغىلى بولمىغانلىقى سەۋەبلىك، قەيسەرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى دوستلىرىمۇ ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتە قىلىشقا ئامالسىز قالغان. بۇ قىزنىڭ ئېيتىشىچە، قەيسەر ئابدۇللانىڭ دادىسى قەشقەردىكى مەلۇم مەسچىتنىڭ ئىمامى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقىدەك ۋەزىيىتىدە بۇ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ، دائىرىلەر تەرىپىدىن «يېپىق تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلىش ئېھتىمالى چوڭ دەپ گۇمان قىلماقتا ئىكەن.

بىز بۇ مەلۇماتلارنى دەلىللەش ئۈچۈن خىتاينىڭ قاھىرەدىكى ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ تېلېفونىمىز ئىزچىل ئۇلانمىدى.

قەيسەر ئابدۇللانىڭ يۇرتىدىكى ئائىلىسى ۋە شۇ جايدىكى ساقچى ئورگانلىرى بىلەنمۇ ئالاقە قىلىپ، قەيسەرنىڭ ئىز-دېرىكىنى سوراشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەتئەلدىن كىرىدىغان تېلېفونلارنى قاتتىق كونترول قىلىۋاتقانلىقى تۈپەيلىدىن ئىمكانىيەتكە ئىگە بولالمىدۇق. بىزگە ئۇچۇر يەتكۈزگەن قەيسەرنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ، ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇشنى خالىغان ئۇنىڭ دوستلىرىمۇ ئۆز يۇرتلىرى بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىلىرى ئۈزۈلگەنلىكى ۋە قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن تەپسىلات ئىگىلەشتە قىينىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

مىسىردا ناھەق تۇتۇلغان ۋە غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ ئىزچىل دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە. «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفىي رېچاردسون خانىم يېقىندا مەخسۇس بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، مىسىردا غايىب بولغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇماتى بار كىشىلەرنى بۇ مەسىلىگە ئالاقىدار كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا ئۇچۇر بېرىشكە چاقىرغان ئىدى. دوكتور سوفىيە رېچاردسون خانىم بۇ ھەقتە مىسىر ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغاندىن باشقا قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ، ئۆزىنىڭ غايىب ئوقۇغۇچىلىرىنى سۈرۈشتە قىلىشتا پاسسىپ بولۇپ كەلگەنلىكىنى تەنقىد قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.