خىتاي ساقچىلىرى نۇرۇنگۈل توختىنى 14 ئاي قانۇنسىز قاماپ قويۇپمۇ باش ئەگدۈرەلمىدى
2013.12.04
ئۇچتۇرپان قاماقخانىسىدا قانۇنسىز ھالدا 14 ئاي سولاپ قويۇلغان نۇرۇنگۈل توختىغا، بۇ يىل 25-ئۆكتەبىر كۈنى ئۆزىنىڭ قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلىدۇ. ئۇ كامىرىدىن يۈك-تاقىلىرىنى ئېلىپ قاماقخانا ئىشخانىسىغا كىرگىنىدە ساقچىلار ئۇنىڭ كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلۈپ كېپىللىك قەغەزگە ئىمزا قويۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
14 ئايدىن بېرى ساقچىلار بىلەن تىغمۇ-تىغ تاكاللىشىپ ئۆزىگە ئارتىلغان ئاتالمىش جىنايەتلەرنىڭ ھەممىسىنى رەت قىلىپ كەلگەن نۇرۇنگۈل، بۇ ئاخىرقى كۈندىمۇ باش ئەگمەيدۇ. ئۇ ساقچىلارغا ئۆزىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى تەكرار بىلدۈرۈپ، شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە ئەگەر كېپىللىككە قويۇپ بېرىلىدىغان ئىش بولسا قاماقخانىدىن چىقمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇ بۇ سۆزىدىن كېيىن قاماقخانا دەرۋازىسى ئالدىدا ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن خوشلىشىپ، قاماقخانا كامىرىغا قاراپ ماڭىدۇ. ئاخىرى ساقچىلار شۇ كۈنى نۇرۇنگۈلنى شەرتسىز قويۇپ بېرىدۇ.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.