كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان سوتسىز ياكى ئادالەتسىز ئۆلۈم جازالىرى، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشلار مۇقىملىقنى قوغداش شوئارى ئاستىدا داۋام قىلماقتا. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زۇلۇمغا نارازىلىق بىلدۈرۈشى، بۇلاڭ-تالاڭغا قارشىلىق كۆرسىتىشى بولسا مۇقىمسىزلىق دەپ تەشۋىق قىلىنماقتا. «مۇقىملىق» نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا سەزگۈر ۋە ئەنسىز بىر چاقىرىق بولسىمۇ، سىرلىق بىر چاقىرىق ئەمەس. نۇر بەكرىگە ئوخشاش ئاتالمىش ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان شەخسلەر، گەرچە، مۇقىملىق ئاتالغۇسىنىڭ بۇ دەرىجىدە سۇيىئىستېمال قىلىنىشىغا كۆز يۇمۇپ، ھەتتا يېتەكچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، قاراڭغۇ كامىرلاردىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى سوراق ۋە قاماق جەريانىدا مۇقىملىق چاقىرىقىنىڭ ئارقىسىدىكى شۇم نىيەت ۋە رەزىللىكلەرنى ئاشكارا سۆكمەكتە ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاي ساقچىلىرىنى روھىي جەھەتتىن ئوسال ھالەتكە چۈشۈرمەكتە.
تۆۋەندە سابىق مەھبۇس نۇرۇنگۈل توختىنىڭ ئۇچتۇرپان قاماقخانىسىدا ساقچىلارغا مۇقىملىق ۋە ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ ئورنى ھەققىدە ئېيتقانلىرى توغرىلىق مەلۇمات بېرىمىز.
نۇرۇنگۈل: بىر كۈنى ساقچىلار سورىدى «نۆۋەتتىكى مۇقىملىق ۋەزىيىتىگە، بولۇۋاتقان ۋەقەلەرگە قانداق قارايسىز» دەپ، مەن: «سىلەر قارشىلىق قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنىلا تېررورچى دەۋاتىسىلەر، سېنىڭ نېمە گېپىڭ بار، نېمە دەردىڭ بار دەپ سورىمايۋاتىسىلەر. ئۇلارنىڭمۇ سىلەرگە ئوخشاش راھەت ۋە خاتىرجەم ياشىغۇسى بار، تەڭسىزلىككە ئۇچرىمىسا، بوزەك قىلىنمىسا، ھېچكىم ئۇرۇش قىلمايدۇ. شۇڭا مەن ئۇلارنىڭكىنى توغرا دەپ قارايمەن» دېدىم.
مۇخبىر: بۇ گەپلىرىڭىز ئۈچۈن سىزنى ئەيىبلىمىدىمۇ؟
نۇرۇنگۈل: ياق. مەن يەنە: «سىلەر ئۇلارنى ئۈچ خىل كۈچلەر دەيدىكەنسىلەر، مېنىڭ شۇلارنىڭ بىرىگە قېتىلىپ كەتكۈم بار» دېدىم. بۇ چاغدا ساقچىلار: «ئاغزىڭىزغا بايقاپ سۆزلەڭ، بىز ئاپتونوم رايوندىن كەلدۇق» دېدى. مەن: «بىلىمەن، نەدىن كەلگەنلىكىڭلارنى، مەن راست گەپ قىلىۋاتىمەن، كۆڭلۈمدىكىنى دەۋاتىمەن. بۇرۇن كىچىك ۋاقلىرىمدا ساقچىلىققا ھەۋەس قىلاتتىم، ساقچى ماشىنىلىرىنى كۆرسەم سىلاپ كېتەتتىم، ھازىر قەيەردە ساقچى ماشىنىسىنى كۆرسەم، شۇ زامات پارتلىتىۋەتكۈملا كېلىدۇ» دېدىم. ئۇلار «ساقچىلارغا شۇنچە ئۆچ بولۇپ كەتتىڭىزمۇ؟» دېدى. مەن: «شۇنداق، مەنلا ئەمەس، پۈتۈن خەلق سىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ، سىلەرنىڭ ماشىناڭلارنى كۆرسە ئىشىكلىرىنى تاقاپ ئۆيلىرىگە كىرىپ كېتىدۇ، بۇ سىلەردىن قورققىنى ئەمەس، يىرگەنگىنى» دېدىم.
مۇخبىر: مۇشۇ گەپلىرىڭىز بۇ ساقچىلارنىڭ غۇرۇرىغا تەگمىدىمۇ؟
نۇرۇنگۈل: تەگدى بولغاي، «سىز تېخى ئادەم بولماپسىز» دەيدۇ. مەن دېدىم: «ئادىمىيلىك تەربىيىسى ماڭا ئەمەس، سىلەرگە كېرەك.» ئۇلار «بۇنداق گەپلەرنى قىلسىڭىز ئىشىڭىز ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ، مۇشۇ يەردىن(قاماقخانىدىن) چىقىپ كېتىشىڭىزمۇ، تۇرىۋېرىشىڭىزمۇ بىزگە باغلىق» دېدى. مەن دېدىم: «بۇ يالغان، بۇ قۇرۇق گەپ، سىلەرنىڭ- ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ، ئۇيغۇر باشلىقلارنىڭ قولۇڭلاردىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ، سىلەر پەقەت بىر ئەلچى (ئەسلىدە غالچا دېمەكچىدىم ئايىدىم)، ماڭا بېرىلىدىغان جازانى خەنزۇ باشلىق بەلگىلەيدۇ. مېنىڭ مۇشۇ يەردە قامىلىپ تۇرۇشۇم، چىقىپ كېتىشىممۇ خەنزۇ باشلىققا باغلىق، مەن بېشىمغا نېمە يامان كۈن كەلسە، خەنزۇ باشلىقتىن كۆرىمەن، سىلەردىن كۆرمەيمەن. سىلەرنىڭ مۇئاۋىن جۇيجاڭ، چۇجاڭ دېگەندەك مەنسەپلىرىڭلار بولۇشى مۇمكىن، ئەمما سىلەر بىر ھەيكەل، ھېچ ئىش قىلالمايسىلەر»
مۇخبىر: مۇشۇ گېپىڭىزگە جاۋابى نېمە بولدى؟
نۇرۇنگۈل: داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى، ھېچ نېمە دېيەلمىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، نۇرۇنگۈل توختىنىڭ بىر ئاكىسى يېزىلىق پارتكومنىڭ سىياسىي قانۇن سېكرېتارى، يەنە بىر ئاكىسى بولسا يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ باشلىقى. نۆۋەتتە ئۇنىڭ بۇ ئىككى قېرىندىشى ئۇنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇنۇشقا، داليەن ساقچىسى ئۈستىدىن قىلىۋاتقان ئەرزىدىن ۋاز كېچىشكە دەۋەت قىلماقتا. نۇرۇنگۈلنىڭ قارىشىچە، 7 ياشلىق ئوغلىنىڭ خىتاي قاراقچى تەرىپىدىن ئاپقېچىلىشى يالغۇز نۇرۇنگۈلنىڭ بالىسىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن بوزەك قىلىنىشى، خىتاي دۆلىتىنىڭ خىتاي جىنايەتچىلەرنى قانات ئاستىغا ئېلىشى مەسىلىسى. شۇڭا ئۇ بۇ مەسىلىدە ئىككى ئاكىسىدىن ئايرىم مەيداندا تۇرماقتا.
