بۇلتۇر 22-ئىيۇن كۈنى رامىزان ھارپىسىدا قەشقەر تاختا كۆۋرۈكتە خىتاينىڭ قاراۋۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، خىتاي ئاخباراتى ۋەقە ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن؛ ۋەقە رادىيومىز ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن چەتئەل مۇخبىرلىرى خىتاي تەرەپتىن ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات سورىغان، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى لۇ كاڭ ۋەقەدىن خەۋەرسىزلىكىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق ۋەقە ھەققىدىكى خەۋىرىمىزنىڭ چىنلىقىنى ئىنكار قىلغان. ئارىدىن 10 ئاي ئۆتكەندە خىتاي خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى قەشقەر تاختا كۆۋرۈك ھۇجۇمىدا ئۆلگەن ئابدۇساتتار ھاجىنى 2015-يىللىق ئىنقىلابىي قۇربانلار تىزىملىكىدە تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق مەزكۇر ھۇجۇمنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاز بىر قىسمىنى ئاخباراتقا ئاشكارىلىسا، كۆپ قىسمىنى يوشۇرۇپ كەلمەكتە. خىتاي يوشۇرۇۋاتقان بۇ ۋەقەلەرنىڭ كۆپ قىسمى شۇ مەزگىلنىڭ ئۆزىدە ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە رادىيومىز ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلانسا، يەنە بىر قىسمى مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن خىتاينىڭ ماتەم مۇراسىملىرى، تەقدىرلەش يىغىنلىرى ۋە خاتىرە باياناتلىرى ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئاشكارىلانماقتا. خىتاينىڭ 2015-يىللىق ئىنقىلابىي قۇربانلار تىزىملىكىدە ئابدۇساتتار ھاجى ئىسىملىك بىر ساقچىغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن ۋە ئۇنىڭ 22-ئىيۇن كۈنى قەشقەردە يۈز بەرگەن بىر تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلىكى بايان قىلىنغان. رادىيومىز ئەينى چاغدا بۇ ۋەقە ھەققىدە بىرقانچە پارچە تەپسىلىي خەۋەر بەرگەن.
ۋەقە رامىزان ھارپىسىدا يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن خەلقئارا ئاخباراتنىڭ دىققىتىنى تارتقان، ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمىگەن، خىتاي ئاخباراتىمۇ ۋەقەگە قۇلاق يوپۇرغان. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى لۇ كاڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا ئۆزىنىڭ ۋەقەدىن خەۋەرسىزلىكىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق، «تاختاكۆۋرۈك ھۇجۇمى» نىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغان.
رادىيومىز ئەينى چاغدىكى خەۋىرىدە ئاتاۋۇللا داۋۇت باشچىلىقىدىكى بىر جەمەت كىشىلەرنىڭ 22-ئىيۇن كۈنى سەھەردە تاختاكۆۋرۈكتىكى بىر قاراۋۇلخانىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى، ۋەقەدە ئاز دېگەندە 18 كىشى ئۆلگەنلىكى، ئۆلگەنلەر ئارىسىدا 3 نەپىرىنىڭ ساقچى ئىكەنلىكى ۋە ئۆلگەن ساقچىلاردىن بىرىنىڭ 42 ياشلىق ئابدۇساتتار ھاجى ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنى ئېلان قىلغان.
خىتاي بۇ قېتىمقى خاتىرە باياناتىدا ئابدۇساتتار ھاجى ھەققىدە مۇنداق مەلۇمات بەرگەن: «.... ئابدۇساتتار ھاجى 1973-يىلى 5-ئايدا تۇغۇلغان، 1991-يىلى خىزمەتكە قاتناشقان، كومپارتىيە ئەزاسى، قەشقەر شەھەرلىك قاتناش ساقچى ئىدارىسى كوچا چارلاش ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى...»
خىتاينىڭ خاتىرە باياناتىدا يەنە ئابدۇساتتار ھاجىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن قاراۋۇلخانىغا ۋاقتىدا يېتىپ بارغانلىقى، يولغا توسۇق قۇرۇۋاتقان چېغىدا ئاتالمىش تېررورچىلارنىڭ ئاپتوموبىللىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ۋە نەق مەيداندا ئۆلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
خىتاينىڭ بۇ بايانلىرى رادىيومىز ئىلگىرى خەۋەر قىلغان ئۇچۇرلارنىڭ تامامەن توغرىلىقىنى دەلىللىمەكتە.
يۇقىرىدا بۇلتۇر قەشقەر تاختا كۆۋرۈكتە يۈز بەرگەن، ئەمما خىتاي ئاخباراتتىن يوشۇرغان، ھەتتا يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلغان قاراۋۇلخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ ئارىدىن 10 ئاي ئۆتكەندە خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ۋە دەلىللىگەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.