1999-يىلى فېۋرالدا ئۈرۈمچى بۇلاقبېشىدا ئاتالمىش تېررور گۇماندارلىرى بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن ۋە ئەينى چاغدىكى خىتاي خەۋەرلىرىدە ئۇيغۇر ساقچى مۇرات رۇستەمنىڭ گۇماندار شۆھرەت ماخمۇتنىڭ ئوقىدا ئۆلگەنلىكى بايان قىلىنغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ يېقىندا خىتاينىڭ 2015-يىللىق ساقچى قەھرىمانلىرى ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا بىر سابىق ساقچى 1999-يىلى «ئىنقىلابىي قۇربان» دەپ نام بېرىلگەن مۇرات رۇستەمنىڭ مەزكۇر ۋەقەدە گۇماندارلارنىڭ قولىدا ئەمەس، ساقچىلارنىڭ ئوقىدا ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر نەپەر سابىق ساقچى خادىمىمۇ مۇرات رۇستەمنىڭ ساقچىلارنىڭ ئوقىدا ئۆلگەنلىكىنى ۋە بۇ ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» سۈپىتىدە يوشۇرىۋېتىلگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئارىدىن 17 يىل ئۆتكەندە بۇ ئەھۋال ئاشكارىلانماقتا.
خىتاينىڭ «بەيدۇ» ناملىق بىلىم-ماتېرىيال ئامبىرىدا خاتىرىلىنىشىچە، 1999-يىلى 4 -فېۋرال كۈنى ئۈرۈمچىدە بىر مەيدان «قورال بۇلاش ۋە ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى» يۈز بەرگەن. بۇ دېلونى بىر تەرەپ قىلىش داۋامىدا يەنى يەنى 10- فېۋرال كۈنى دېلوغا چېتىشلىق ئاتالمىش تېررور گۇماندارلىرى بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇش كېلىپ چىققان.
يەنە بەيدۇدا خاتىرىلىنىشىچە ۋە ئەينى چاغدىكى خىتاي خەۋەرلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، توقۇنۇشتا ساقچى مۇرات رۇستەم گۇماندارلارنىڭ ئوقىدا ئۆلگەن ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتى شۇ يىلى 3-ئايدا مۇرات رۇستەمگە «ئىنقىلابىي قۇربان» دەپ نام بەرگەن. ھالبۇكى، بەيدۇدىكى خاتىرىدە ۋەقە گۇماندارلىرىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان.
بۇ ھەقتە رادىئومىزغا مەلۇمات بەرگەن سابىق ساقچى خادىمى يولۋاس ئەپەندى، مەزكۇر ۋەقەدىكى باش گۇماندارنىڭ ئىسمىنىڭ شۆھرەت مەخمۇت ئىكەنلىكىنى ۋە مۇرات رۇستەمنىڭ شۆھرەت ماخمۇتنىڭ ئوقىدا ئەمەس، ساقچىلارنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىنى تۆۋەندىكىچە بايان قىلدى: «مۇرات رۇستەمنىڭ ساقچىلارنىڭ ئوقىدا ئۆلگەنلىكى شۇ چاغدىكى پۈتۈن ساقچى خادىملىرىغا مەلۇم بىر ئەھۋال. مەن ئۇ چاغدا شۇ كۈنى ۋەزىپە ئىجرا قىلغان ئەترەت بىلەن قوشنا ئەترەتتە خىزمەتتە ئىدىم، ۋەقەدە ۋەزىپە ئۆتىمىدىم، ئەمما جەريانىدىن خىزمەتداشلار ئارقىلىق خەۋەر تاپتىم. ئاڭلىشىمچە، ئوق مۇرات رۇستەمنىڭ دۈمبىسىدىن كىرگەن، ئۇ ئوپېراتسىيىدە سەپنىڭ ئالدىدا تۇرغان....... سوراق ماتېرىيالىدا گۇماندارنىڭ قورالىنىڭ شۇ كۈنى كارغا كەلمىگەنلىكى ۋە ئوق چىقمىغانلىقى، مۇرات رۇستەمنى ئۆزى ئۆلتۈرمىگەنلىكىنى بايان قىلغانلىقى خاتىرىلەنگەن.... مۇرات رۇستەمنىڭ دادىسىمۇ پېشقەدەم بىر ساقچى خادىمى ئىدى، ئۇنىڭ ئەينى چاغدا ئەھۋالغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ۋە ئەھۋالنى سىر تۇتۇش ھەققىدە تەھدىت بىلەن ئېغىزى بېسىقتۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلىدۇق....»
يېقىندا چەتئەلگە چىققان ۋە ئەينى يىللاردا قانۇن ساھەسىدە ئىشلىگەن يەنە بىر ساقچى خادىمى مۇرات رۇستەمنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە ئوخشاش مەلۇماتلارنى بەردى: «ئەلۋەتتە، مېنىڭمۇ خەۋىرىم بار، ئوق مۇرات رۇستەمنىڭ دۈمبە تەرىپىدىن تەككەن، ئائىلىسىنىڭ ئەينى چاغدا ئەرز قىلماقچى بولغىنىنى ۋە ئېغىزى بېسىقتۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلىغانمەن.... بۇ خىل ۋەقەلەر ئادەتتە ساقچىلار ئارىسىدىمۇ بىر-بىرىدىن سىر تۇتۇلىدۇ، ئەمما يىللىق مۇكاپاتلاش يىغىنلىرىدا پاش بولۇپ قالىدۇ، مەنمۇ بۇ ئەھۋالدىن شۇ يىللىق يىل ئاخىرى تەقدىرلەش يىغىنىدا خىزمەتداشلاردىن خەۋەر تاپتىم.....»
يۇقىرىقى ھەر ئىككى سابىق ساقچىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى ۋەقەدە جىددىيلەشكەن ۋە گۇماندارلارغا قارىتىپ قالايمىقان ئوق چىقارغان، نەتىجىدە ئوق گۇماندارغا ئەمەس، سەپنىڭ ئالدىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مۇرات رۇستەمگە تەككەن. خىتاي تەرەپ ۋەقەدە مۇرات رۇستەمنى ئۆلتۈرگەن ساقچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنى «خىزمەت كۆرسەتتى» دەپ مۇكاپاتلىغان، مۇرات رۇستەمگە «ئىنقىلابىي قۇربان»دېگەن قۇرۇق نام بېرىپ ئائىلىسىنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلىغان.