دولقۇن ئەيسا: 7 ياشلىق بالىنىڭ چاناپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىدە پەردە ئارقىسىدىكى قاتىل خىتاي دۆلىتى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.04.11
dolqun-eysa-radioda-305.jpg دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا. 2012-يىلى 11-نويابىر، ۋاشىنگتون.
RFA

ئۆتكەن ئاينىڭ 21-كۈنى پىچاندا يۈز بەرگەن يەتتە ياشلىق ئۇيغۇر بالىنىڭ خىتاي ئىشچى تەرىپىدىن چاناپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىگە قارىتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۈگۈن ئىنكاس قايتۇردى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ۋەقەنى شەرقى تۈركىستاندىكى خىتاي كۆچمەنلىرى خىتاي دۆلىتىنىڭ ھىمايىسىگە ئىشەنگەن ھالدا سادىر قىلغان ۋەھشىي قاتىللىق ۋەقە، دەپ ئەيىبلىدى. دولقۇن ئەيسا يەنە ۋەقەنى شەرقى تۈركىستاندىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ۋەزىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان تىپىك بىر مىللىي ۋەقە دەپ كۆرسەتتى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتىلنىڭ كىملىكى ۋە ۋەقەنىڭ جەريانى ھەققىدە شەرقى تۈركىستان خەلقىگە توغرا ۋە تولۇق مەلۇمات بېرىشكە چاقىردى، ئۇنداق بولمىغاندا، ئىككى مىللەت ئارىسىدا تېخىمۇ چوڭ قانلىق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى ئەسكەرتىپ خىتاينى ئاگاھلاندۇردى.

سوئال: پىچاندا 7 ياشلىق ئۇيغۇر بالىنىڭ چاناپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى ئاشكارىلاندى. بۇ ۋەقە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىققىتىنى تارتتىمۇ؟ تارتقان بولسا ئىنكاسى نېمە؟

جاۋاب: ۋەقەدىن خەۋەر تاپتۇق ۋە ۋەتىنىمىزنىڭ ۋەزىيىتىدىن تېخىمۇ ئەندىشىلەندۇق. ئالدى بىلەن بىز مانا مۇشۇنداق زور ۋە ئېچىنىشلىق ۋەقەنى ھازىرغىچە ئاخباراتتىن يوشۇرغان خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەيمىز. بۇ ۋەقەنىڭ يوشۇرۇلۇشى خەلقىمىزنى ئەتراپىدىكى خەۋپ-خەتەرلەردىن خەۋەرسىز قالدۇرۇش ۋە ئۇلارنى مۇداپىئەسىز قالدۇرۇش دېمەكتۇر. خىتاي ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى قوغداشنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جېنى ئۈستىگە قۇرماسلىقى كېرەك.

سوئال: ۋەقەگە خاراكتېر جەھەتتىن قانداق باھا بېرىسىلەر؟

جاۋاب: ھەممىگە مەلۇم، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقى تۈركىستاندا خىتاي كۆچمەنلىرىگە سىياسىي جەھەتتىن ئېتىبار بېرىۋاتىدۇ، قانۇنىي جەھەتتىن ئىمتىيازلارنى بېرىۋاتىدۇ ۋە ئۇلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۆلەۋاتىدۇ. شۇڭا خىتاي كۆچمەنلىرىدە يەرلىك خەلقلەرنى كۆزگە ئىلمايدىغان، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشتىن قورقمايدىغان، ھەتتا ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشنى دۆلىتى ئۈچۈن خىزمەت دەپ قارايدىغان روھىي ھالەت شەكىللىنىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز بۇ ۋەقەنى شەرقى تۈركىستاندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قانۇنىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكلىرىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ يەرلىك خەلقلەرنى بوزەك قىلىش، دەپسەندە قىلىش ۋە بۇ زېمىندىن يوق قىلىش ھەرىكەتلىرىدىن بىر مىسال دەپ قارايمىز. 7 ياشلىق ئەنقەرجان ئارىزنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىدە پەردە ئارقىسىدىكى قاتىل خىتاي دۆلىتى. چۈنكى، دۆلەت بۇ ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى زىددىيەتنى بىر نارەسىدە بالىنى ئۆلتۈرۈشتىنمۇ باش تارتمايدىغان دەرىجىدە كەسكىنلەشتۈرگەن.

سوئال: خىتاي ھەر دائىم بۇ تۈردىكى ۋەقەلەرنى تاسادىپىي ۋەقەلەر، ئومۇمى مىللەتلەر ۋەزىيىتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، دەپ چۈشەنچە بېرىدۇ. ۋەقەگە بۇ نۇقتىدىن قانداق قارايسىلەر؟

جاۋاب: ئەگەر ۋەقە تاسادىپىي بىر ۋەقە بولغان بولسا، ئۇنى ئاخباراتقا ئاشكارىلاشتىن قورقمىغان بولاتتى، رايوندا ئۇنچىۋالا ھەربىي ۋە ساقچى كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلمىغان بولاتتى. ئەكسىچە قاتىلنىڭ كىملىكى، ۋەقەنىڭ جەريانىنى كۆپچىلىككە ئاشكارا كۆرسىتىپ، قاتىلنىڭ خىتاي مىللىتىگە ياكى دۆلىتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن بولاتتى. ئۇنداق قىلالمىدى. چۈنكى ۋەقە تاسادىپىي يۈز بەرگەن ۋەقە ئەمەس، شەرقى تۈركىستاندىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى يەنى مىللىي زىددىيەتنى ئاشكارىلاپ بەرگەن بىر ۋەقە.

سوئال: مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەنىڭ 1-كۈنى ئۆلگۈچى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى قاتىل ئولتۇراقلاشقان مەھەللىگە ھۇجۇم قىلغان ۋە بۇلاردىن بىر قىسمى شۇ كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان. سىزچە، ئۆلگۈچى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ خىتاي مەھەللىسىگە قارشى ئېلىپ بارغان ھۇجۇمى ھەققىدە نېمە دەيسىز؟

جاۋاب: ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ خىتاي مەھەللىسىگە ھۇجۇم قىلغان چاغدىكى نارازىلىق ھېسسىياتىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. چۈنكى شەرقى تۈركىستاندا مۇشۇ خىل ۋەقەلەردە خىتاي قانۇن ئورگانلىرى ھەر ۋاقىت ئۇيغۇرلارنى گۇناھكار قىلىپ ئەيىبلەپ ۋە جازالاپ كەلدى. خىتايلار بولسا ھەر ۋاقىت گۇناھسىز بولۇپ چىقتى. شۇڭا تەبىئىي ھالدا ئۇيغۇرلار خىتاي قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ئادالىتىگە ئىشەنمەيدۇ، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ قارىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار خىتاي ئاھالىلىرىگە ھۇجۇم قىلغان. بۇنىڭ سەۋەبكارى خىتاي قانۇن ئورگانلىرىدىكى ئادالەتسىزلىك.

سوئال: ساقچىلارنىڭ خىتاي مەھەللىسىگە ھۇجۇم قىلغان ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشىغا قانداق قارايسىز؟

جاۋاب: 7 ياشلىق بىر بالىنىڭ چاناپ ئۆلتۈرۈلۈشىدەك بۇنداق بىر ۋەھشىي ۋەقە ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقانلىرىنىلا ئەمەس، ئاڭلىغان ھەرقانداق بىر ئىنساننىڭ يۈرىكىنى ئېچىشتۇرىدۇ، غەزىپىنى تاشىرىدۇ. ئەسلىدە ياراملىق ساقچى خادىملىرى مۇنداق ۋەقەلەردە ئۆلگۈچى تەرەپنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەھدىت سالماستىن، زوراۋانلىق قىلماستىن تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئاچچىقىنى پەسەيتىشى كېرەك، ئۇلارنى كونترول قىلىش كېرەك. ئەمما خىتاي ساقچىلىرىنىڭ كاللىسىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھېسسىياتى، غۇرۇرى، ئۇلارنىڭ ئىنسانىي قەدىر-قىممىتى دېگەن ئوي يوق. ئۇلاردا پەقەت خىتاي دۆلىتىنىڭ مەنپەئىتى يەنى ئاتالمىش مۇقىملىققا مەۋجۇت. شۇنىڭ ئۈچۈن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان تەرەپنى تۇتۇپ سولاش ئارقىلىق مەزكۇر ئائىلىگە قوشلاپ جازا بەرگەن.

سوئال: بۇ ۋەقە ھەققىدە ئاخىرقى سۆزىڭىز نېمە؟

جاۋاب: بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋەقەنى ئاخباراتقا ئاشكارىلاشقا، ئاخباراتچىلارنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن كارىز كۆل كەنتىدە ئەھۋال ئىگىلىشىگە يول قويۇشقا چاقىرىمىز. ۋەقەنى يوشۇرغانسېرى، ئۇنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بولغان سەلبىي تەسىرىنىڭ چوڭ بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىمىز. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، قاتىلنىڭ كىملىكى ۋە مەقسەت مۇددىئالىرىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاپ، ئۇيغۇر خەلقىنى ۋەقە ھەققىدە توغرا ۋە تولۇق مەلۇماتقا ئىگە قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئەگەر خىتاي تەرەپ بۇنداق قىلمىسا، ئۇيغۇرلاردىنمۇ ئوخشاش شەكىلدىكى قارشىلىقلارنىڭ يۈز بېرىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى ئەسكەرتىمىز ۋە ئاگاھلاندۇرىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.