6-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.06.22
dolqun-eysa-barbara-lohbihler.jpg 6-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش قۇرۇلتىيىدا، د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى(ئوڭدا) ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى باربارا لوھبىھلېر خانىم(ئوتتۇرىدا) بىلەن. 2016-يىلى ئىيۇن، نورۋېگىيە.
RFA/Ekrem

21-ئىيۇن ئوسلودا باشلانغان، 90 دۆلەتتىن 1300 كىشى كېلىپ قاتناشقان 6-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش قۇرۇلتىيىغا د ئۇ ق ۋەكىلىمۇ ئىشتىراك قىلدى.

نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودا 21-ئىيۇن كۈنى باشلانغان 6-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش قۇرۇلتىيى 3 كۈن داۋام قىلىدىغان بولۇپ، يىغىننى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۆلۈم جازاسىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. يىغىن فىرانسىيە، نورۋېگىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللىشىغا ئېرىشكەن.

بۈگۈن ئوسلودىكى يىغىن مەيدانىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتىمىزغا قارىغاندا، مەزكۇر قۇرۇلتايغا 90 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن 1300 دىن ئارتۇق ۋەكىل ئىچىدە 20 دىن ئارتۇق ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، 200 دىن ئارتۇق دىپلومات ۋە پارلامېنت ئەزالىرى، 100 دىن ئارتۇق ئاكادېمىكلەر ۋە ئادۋوكاتلار، 100 دىن ئارتۇق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ھەم سىياسىي ئاكتىپلارمۇ بولۇپ، د ئۇ ق غا ۋاكالىتەن ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى قاتناشقان.

21-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن باشلانغان ئېچىلىش مۇراسىمىدا نورۋېگىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى، خەلقئارا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇلارنىڭ نۇتقىدا دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش، ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش سادالىرى يەر ئالغان.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نەق مەيداندىن بىزگە يىغىن ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 2015-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش، بولۇپمۇ سىياسىي مەھبۇسلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشتا خىتاي ئىزچىل ھالدا دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ ئاخباراتنى يۈكسەك دەرىجىدە قامال قىلىشى سەۋەبلىك سانىنى ئېنىقلاش مۇمكىن بولمىسىمۇ، ئەمما پۈتۈن دۇنيادا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئۆلۈم جازالىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈش مۇمكىنلىكى تىلغا ئېلىنغان ئىدى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇشۇ مەسىلىنىڭ تەكرار ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا يەنە، ئامېرىكا ئوكلاخوما ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ليۇ بىڭ ئەپەندىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسى مەسىلىسى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى يىغىن ئەھلىگە تەقدىم قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ليۇ بىڭ سۆزىدە، خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش تارىخىنىڭ 2000 يىلغا تۇتۇشىدىغانلىقىنى، خىتايدا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈشنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تىلغا ئالغان.

يىغىندا دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ سۆز قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر دىيارىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئۆلۈم جازاسى مەسىلىسىنى كونكرېتنى شەرھلەپ ئۆتكەن. دولقۇن ئەيسا يەنە ئۇيغۇر مەھبۇسلىرى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ جەسىتىنىڭ ئائىلىسىگە بېرىلمەسلىك مەسىلىسىنىمۇ ئەسكەرتكەن. ئۇ سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر قارشىلىق كۈچلىرىنىڭ نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلىنىش مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

خەلقئارا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش قۇرۇلتىيى ھەر 3 يىلدا بىر قېتىم چاقىرىلىدىغان بولۇپ، 2001-يىلى تۇنجى قېتىملىق قۇرۇلتاي فىرانسىيەنىڭ شىتراسبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. 2004-يىلى كانادانىڭ مونتىرىيال شەھىرىدە 2-قېتىملىق قۇرۇلتاي چاقىرىلغان. 3-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي 2007-يىلى پارىژدا ئېچىلغان. 2010-يىلى 4-قېتىملىق قۇرۇلتاي شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. 5-قۇرۇلتاي بولسا ئىسپانىيەنىڭ مادرىد شەھىرىدە 2013-يىلى چاقىرىلغان. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي 21-ئىيۇن ئوسلودا باشلانغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.