13 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشى تۈركىيەگە بېرىلگەن سىگنالمۇ؟

0:00 / 0:00

خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان تۈركىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى مۇھاممەد بىلال ماجىت باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچىگە چۈشكەن كۈنى خىتاينىڭ ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى، بۇ يىل ئىچىدە ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئىككى چوڭ ۋەقەگە چېتىشلىق دەپ ئەيىبلەپ، 13 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن.

بۇ خەۋەر شىنخۇا خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇيغۇرچە تور بېتىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ تۈركىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى مۇھاممەد بىلال ماجىت باشچىلىقىدىكى ئۆمەكنى قوبۇل قىلغانلىقىغا ئائىت خەۋەر بىلەن تەڭ ئېلان قىلىندى.

ھازىر تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۇھاممەت بىلال ماجىت ئەپەندى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۈرۈمچى زىيارىتى توغرىسىدا تارقاتقان خەۋىرىدە مۇنداق دەپ يازغان: خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ تەكلىپىگە بىنا ‘ئەن بىز ھازىر خىتايدا. شاڭخەي ۋە بېيجىڭدىكى زىيارىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە مېڭىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز.

تۈركىيەدىكى بەزى تور گېزىتلىرىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە تۈركىيە زىيارەت ئۆمىكى ئۈرۈمچىگە بارغان كۈنى خىتاينىڭ 13 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشى، بۇ ئىككى خەۋەرنىڭ بىر بەتتە ئېلان قىلىنىشىنىڭ تاسادىپىي ئەمەسلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرك ھۆكۈمىتىگە بەرگەن سىگنالى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. 2002-يىلى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەئىسى دەۋلەت باغچەلى قەشقەرنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. 2009-يىلى تۈركىيەنىڭ سابىق دۆلەت باشلىقى ئابدۇللاھ گۈل ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىپ بولغاندىن كېيىنلا ئۈرۈمچى ۋەقەسى مەيدانغا كەلگەن ئىدى. ئۇنداقتا بۇ قېتىم تۈركىيەنى باشقۇرۇۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى مۇھاممەت بىلال ماجىت باشچىلىقىدىكى ئۆمەك ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىۋاتقان كۈنى 13 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشى نېمە مەنىنى ئىپادىلەيدۇ؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇتەخەسسىسلەرگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، خىتاي سوتىنىڭ 13 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشىنىڭ تۈرك ھۆكۈمىتىگە بېرىلگەن سىگنال ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. تەتقىقاتچى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى بولسا تايلاندتىكى 300 ئۇيغۇرنى تۈركىيە ئېلىپ كېلىمەن دەۋاتقان بىر پەيتتە 13 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشى تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە بېرىلگەن ئوچۇق-ئاشكارا سىگنال ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاي سوتى 8-دېكابىر كۈنى، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 30-مارت پويىز ئىستانسىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ۋە ئەتىگەنلىك بازارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە سوت ئېچىپ، ئىككى ۋەقەگە چېتىشلىق گۇماندارلار ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلغان. ھۆكۈمدە 13 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بېرىلگەن ئۆلۈم جازالىرىدىن بەشى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىكەن.