ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى پاكىستان سوت مەھكىمىسىگە قارىتا مىننەتدارلىق باياناتى ئېلان قىلدى

0:00 / 0:00

پاكىستان ئالىي سوت مەھكىمىسى راۋالپىندىدىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ ئەرزىگە ئاساسەن، ئۇيغۇر ئاكا-ئۇكا پائالىيەتچىلەرنى ساياھەت قارا تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈۋېتىش ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىن، ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى بۈگۈن بىر بايانات ئېلان قىلىپ، پاكىستان ئالىي سوت مەھكىمىسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

باياناتتا ئاساسلىقى مەزكۇر سوتنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بېسىمىغا بويسۇنمىغان ھالدا مۇستەقىل قارار چىقارغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

بۈگۈن بۇ ھەقتە رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاكا-ئۇكا پائالىيەتچىلەر، مەزكۇر داۋادا ئۇتۇپ چىقىش جەريانى ھەققىدىمۇ قىسقىچە مەلۇمات بەردى.

سوئال: ئۆمەر ئەپەندى ئالدى بىلەن، سوتتا ئۇتۇپ چىققىنىڭلارنى، ساياھەت قارا تىزىملىكىدىن چىقىرىلغىنىڭلارنى تەبرىكلەيمىز.
جاۋاب: رەھمەت.

سوئال: ھۆكۈم قاچان چىقتى؟
جاۋاب: ھۆكۈم ئۈچ كۈننىڭ ئالدىدا چىقتى، ھۆكۈمنامىنى يازما شەكىلدە بۈگۈن تاپشۇرۇۋالدۇق.

سوئال: ئەسلى چەكلەنگىنىڭلار خەلقئارا ساياھەت ئىدى، دۆلەت ئىچىدە ئەمەس، شۇنداقمۇ؟
جاۋاب: ياق، ئىلگىرى راۋالپىندىنىڭ سىرتىغا چىقىشىمىزغىمۇ رۇخسەت يوق ئىدى، دەسلەپكى سوتتىن كېيىن، راۋالپىندىنىڭ سىرتىغا چىقالايدىغان بولدۇق، ئەمما چەتئەلگە ئەمەس؛ ئەمدىكى ھۆكۈم بىلەن دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە بارالايمىز.

سوئال: ئەكبەرجان ياخشىمۇسىز؟ 3 يىللىق داۋا جەريانىڭلارنى قىسقىچە بىر بايان قىلىپ بەرسىڭىز؟
جاۋاب: ئۈچ يىل ئىچىدە 12 قېتىم سوت ئېچىلدى، ھەممىسىگە باردۇق، 4 قېتىملىقىغا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ۋەكىل كەلدى. بۇ جەرياندا پاكىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كۈچلىرى بىزگە كۆپ قېتىم تەھدىت سېلىپ داۋادىن ۋاز كېچىشكە قىستىدى، تەبىئىيكى ئارقىسىدا خىتاينىڭ ئەلچىخانىسىنىڭ كۈشكۈرتۈشى بار. بىز بۇلارنىڭ ھېچقايسىغا پەرۋا قىلمىدۇق، يولىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. ھەر قېتىملىق سوتتا سوتچى جاۋابكار تەرەپتىن نېمە ئۈچۈن بىزنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەنلىكىنى سورىدى، جاۋابكار، بىزنى پاكىستاننىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە قارشى ھەرىكەت قىلماقچى دېدى، بىراق پاكىت كۆرسىتەلمىدى؛ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم يەنى بىر يېرىم ئاينىڭ ئالدىدا سوت ساقچىلارغا مۆھلەت بەردى ۋە شۇ مۆھلەت ئىچىدە پاكىت كۆرسىتەلمىسە، بىزنىڭ داۋايىمىزنى ھەقلىق دەپ ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. نەتىجىدە 3 كۈننىڭ ئالدىدىكى سوتتا ئۇلار پاكىت كۆرسىتەلمىدى، بىز ئۇتتۇق.

سوئال: بۈگۈن بۇ ھۆكۈم ھەققىدە بىر بايانات ئېلان قىلىپسىلەر، بۇنى پاكىستان ئالىي سوتىغا قارىتا مىننەتدارلىق باياناتى دېيىشكە بولامدۇ؟
جاۋاب: دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى ئېنىقلانغان ئىش شۇكى، بىزنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن تەرەپ خىتاي ئەلچىخانىسى، خىتاي ئەلچىخانىسى بىز داۋا قىلىۋاتقان جەرياندىمۇ جىم ياتمىدى. پاكىستان ئالىي سوتى خىتاينىڭ بېسىمىغا پەرۋا قىلماي، مۇستەقىل ۋە ئادىل ھۆكۈم چىقاردى. ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن مىننەتدارمىز.

سوئال: داۋا مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگىدىمۇ ياكى داۋاملىشىدىغان قىسمى بارمۇ؟
جاۋاب: داۋا ئاخىرلاشتى. ئەمدى بىز توختاپ قالغان خىزمەتلىرىمىزنى قايتىدىن باشلايمىز.

سوئال: بىلىشىمىزچە، سىلەرنىڭ قارا تىزىملىككە كىرگۇزۇلۈشىڭلار، شۇ يىلى ئامېرىكىدا ئېچىلماقچى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي كېڭەش يىغىنىغا قاتناشماقچى بولغانلىقىڭلار ۋە تۈركىيەدىكى بىر پائالىيەتكە قېتىلغىنىڭلار ئۈچۈن بولغان. ئەمدى بۇ تەشكىلاتلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭلار قانداق بولىدۇ؟
جاۋاب: ئەمدى نەگە بارساق، خىتايمۇ، پاكىستان ساقچىلىرىمۇ توسۇۋالالمايدۇ، بۇندىن كېيىن ئانىمىز رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرۈشىمىز ۋە يول سورايمىز، دولقۇن ئەيسا ئاكىمىزمۇ ئىشلىرىمىزغا كۆپ ياردەمدە بولدى، تۈركىيەدە ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان ئاكىمىزمۇ كۆپ ھەمكارلاشتى، ئۇلارنىمۇ زىيارەت قىلىمىز، بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بارىمىز.

سوئال: بۇندىن كېيىنكى پائالىيىتىڭلاردا پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسى نىشانىڭلار بولامدۇ ياكى ۋەتەن ئىچىدىكى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي نىشانىڭلار بولامدۇ؟
جاۋاب: قولىمىزدىن كەلگىنىچە، مۇمكىن قەدەر كەڭ دائىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا تىرىشىمىز، پاكىستاندا ئانا تىل تەربىيىسىنى ئاساس، باشقا دۆلەتلەردە ۋەتەندىكى خەلقنىڭ ئاھۇ-زارىنى ئاڭلىتىشنى ئاساس قىلىمىز.