مۇخبىرىمىز بۈگۈن، غۇلجا دادامتۇ بالىلار مىللىي توقۇنۇشى ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنىپ 5 ۋە 6 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۆسمۈر مەھبۇسلاردىن قەيسەر توختى ۋە يارمەمەت تۇرسۇننىڭ ئائىلىسىدىن مەلۇمات ئىگىلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە قەيسەر توختىنىڭ دادىسى ھاياتىدا مەكتەپ يۈزى كۆرۈپ باقمىغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەسرىتىگە شىپا تېپىش ئۈچۈن، ئوغلىنى مەكتەپكە ئۆزى يېتىلەپ ئاپىرىپ يېتىلەپ ئەكېلىۋاتقان ئىدى.
يارمەمەت تۇرسۇننىڭ دادىسى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئاجىز، سالامەتلىك ناچار بولسىمۇ پۈتۈن ئىمكانلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئوغلىنى ئالىي مەلۇماتلىق قىلىشقا بەل باغلىغان. غۇلجا شەھەرلىك سوتنىڭ ئادالەتسىز ھۆكۈمى 14 ياشلىق بۇ ئىككى ئۆسمۈرنىڭ كېلەچىكى بىلەن بىرلىكتە ئىككى جاپاكەش ئاتىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنىمۇ نابۇت قىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئەمما ئائىلىلەر بولسا، ھۆكۈمگە نارازىلىق ئەرزى سۇنۇپ بۇ ئاچچىق قىسمەتنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشماقتا.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.