خىتايدىكى سىياسىي مەھبۇسلار ھەر جەھەتتىن قاتتىق بېسىم ۋە خورلاشقا ئۇچراپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئادەم ئورگىنى تىجارىتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق قۇربانىغا ئايلانماقتا.
بۇ مەسىلە ئۈستىدە يىللاردىن بېرى تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ كېلىۋاتقان ئېتىن گۇتمان ئەپەندى ئۆزى يىغقان بارلىق ئىسپاتلار ۋە سانلىق مەلۇماتلار ئاساسىدا «قىرغىنچىلىق» ناملىق كىتابنى يېزىش ئارقىلىق خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ ۋەھشىيلەرچە ھەرىكەتنى دۇنياغا ئاشكارىلىدى. بۈگۈن ئۇنىڭ كىتابىنىڭ نەشردىن چىقىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىدە مەخسۇس مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى. يازغۇچى گۇتمان تونۇشتۇرۇش سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەم ئورگانلىرىنى مەجبۇرىي ئېلىۋېلىش ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپ ئۇيغۇرلاردا سىناق قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۈگۈن ۋاشىنگتوندىكى «دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى» نىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان تەتقىقاتچى، ژۇرنالىست ۋە يازغۇچى ئېتىن گۇتماننىڭ يېڭى كىتابى «قىرغىنچىلىق» نى تونۇشتۇرۇش يىغىنى بولۇپ ئۆتتى. يىغىنغا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قىزىقىدىغان ۋە بۇ ھەقتە خىزمەت قىلىۋاتقان تەشكىلات، ئورگانلاردىن ۋە ھەرقايسى ئاخبارات ئورگانلىرىدىن ۋەكىللەر قاتناشتى. قىرغىنچىلىق ناملىق بۇ كىتابتا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ھەرقايسى ئاپپاراتلىرى تەرىپىدىن سىستېمىلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئورگان تىجارىتى ھەققىدە ئېنىق پاكىتلىق مەلۇماتلار بېرىلگەن بولۇپ، بۇنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ئۆكتىچى مەھبۇسلاردىن قۇتۇلۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئورگانلىرىدىن پايدىلىنىشتىكى مۇتلەق مەخپىي پروگراممىسى ئىكەنلىكى بايان قىلغان. بۈگۈنكى بۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۇ سۆزىنى باشلىغاندا، ئۆزىنىڭ بىرىنچى قېتىم بۇ ۋەقەنى ئاڭلىغاندا خۇددى مەسەل ئاڭلاۋاتقاندەك ھېس قىلىپ، بۇنىڭغا ئىشەنمىگەنلىكىنى، ئەمما ئىشنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلگەندە بولسا، ئەھۋالدىن قاتتىق چۆچۈگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ رەسىملىك تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كىتابنى يېزىپ چىقىش ئۈچۈن پايدىلانغان ماتېرىياللىرى، رەسىملەر ۋە كىشىلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ ئىلگىرى خىتايدا ئۆلۈم جازاسى نەق مەيدانىغا دوختۇرلار بېرىپ جىنايەتچىلەرنىڭ ئورگانلىرىنى نەق مەيداندا ئېلىۋالغان بولسا، كېيىن ئۆلۈم جازالىرىنىڭ مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلغان دوختۇرخانىلاردا ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغانلىقىنى، دوختۇرلارنىڭ بۇ مەھبۇسلارنى چالا ئۆلۈك ۋاقتىدا، بارلىق سېزىملىرى تېخى نورمال ئىشلەۋاتقان بىر شارائىت ئاستىدا ئۇلارنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئورگانلىرىنى ئېلىۋالىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، ئادەم ئورگانلىرىنى مەجبۇرىي ئېلىۋېلىش قىلمىشىنىڭ پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدا مەۋجۇتلۇقىنى ۋە ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەردىكى بارلىق چوڭ دوختۇرخانىلاردا بۇنداق ئوپېراتسىيە ئېلىپ بېرىلغان دېيىشنىڭ تامامەن مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇ سۆزىدە، ئامېرىكىغا ئوخشاش دۆلەتلەردە ئوغرىلىق ۋە ياكى قاتىللىققا ئوخشاش جىنايەتلەر بىلەن تۈرمىگە كىرگەن بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆز رازىلىقى بىلەن، ئۆزىنىڭ گۇناھىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئۆلگەندە ئورگانلىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ئىئانە قىلىشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى، ئەمما خىتايدا بولسا بۇنىڭ مەجبۇرىي ئاساستا، قەبىھ ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئېلىۋېلىنىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئوخشىمايدىغان كۆز قارىشىنى ئىپادىلىگەندىن باشقا ھېچقانداق جىنايىتى بولمىغان بۇ كىشىلەرنىڭ بۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچرىشىنىڭ قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان بىر ئەھۋاللىقىنى بىلدۈردى.
سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئورگانلىرىنى يۆتكەش مەسىلىسىدە ئۇ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنى مىسالغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا بۇ ئىشقا بىۋاسىتە قاتناشقان ۋە كۆرگەن ھازىر ئەنگلىيەدە ياشايدىغان دوختۇر ئەنىۋەر توختى ۋە ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ساقچى بولغان نىجات ۋە شۇنداقلا باشقا ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان كىشىلەردىن پاكىتلارغا ئېرىشكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىدا مەھبۇسلارنىڭ ئورگانلىرىنى يۆتكەش ئىشىنىڭ 1994-يىللاردىلا باشلىغانلىقى ھەققىدە ئىسپاتلار بارلىقىنى، ئەمما ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ زور بىر قېتىملىقىنىڭ 1997-يىلىدىكى غۇلجا ۋەقەسىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان سىياسىي مەھبۇسلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، ئۇ ۋاقىتتا دوختۇرخانىلارنىڭ ئادەم ئورگانلىرىنى ئېلىپ قاتتىق ئالدىراش بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ خىتايدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەر 6 ئايدا بىر قېتىم ئۇيغۇر ئېلىغا بۆرەك ۋە جىگەر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن كېلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ئورگانلارنىڭ ئۇلار كېلىشتىن ئاۋۋال سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ قېنىنىڭ تەكشۈرۈلۈپ، ئۇلارغا ماس كېلىدىغانلىرىنىڭ تەييارلاپ قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىدە ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ يېڭى چېگراسى بولغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر ۋاقىت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەكتىن ئاشقان ئىشلارنى سىناق قىلىدىغان رايونى ئىكەنلىكىنى، رايوندا نۇرغۇن قېتىم يادرو سىنىقى قىلغانغا ئوخشاش، ھەر ۋاقىت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەجرىبە مەركىزى بولۇپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئورگانلىرىنى مەجبۇرىي يۆتكەشنىڭمۇ ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلاردا سىناق قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئاپتور كېيىن، فالۇنگۇڭ ھەرىكىتى قوزغىلىپ، فالۇنگۇڭ ھەرىكىتى باستۇرۇلۇشقا باشلىغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ بۇ جىنايىتىگە يانتاياق بولغان ئاپپاراتلارنىڭ فالۇنگۇڭچىلارغا قاراپ يۆتكەلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ فالۇنگۇڭچىلار تاماكا چەكمەيدۇ، ھاراق ئىچمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە داۋاملىق يەل گۇمپىسى ئويناپ بەرگەچكە سالامەتلىكى ئىنتايىن ياخشى دەپ ئوچۇق -ئاشكارا سودىلىشىشقا باشلىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى ۋە ئۆزى بىۋاسىتە سۆزلەشكەن فالۇنگۇڭچىلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ شۇنداقلا يەنە، تىبەت رايونىدىمۇ ئوخشاش ئەھۋالنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ كىتابى ئىچىدە يەر ئالغان مەزمۇنلارنى تونۇشتۇرۇش قىسمى تۈگىگەندىن كېيىن، ئەركىن سوئال -جاۋاب ۋە مۇنازىرە قىسمى باشلاندى. بۇ قىسىمدا قاتناشقۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار سۆزلىرىدە بۇ مەسىلىنىڭ چوقۇم جىددىي ھالدا دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇشتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىنىڭ خىتايغا بۇ ھەقتە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى ۋە خىتايدا ئورگان كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلىشنى قانۇن چىقىرىپ چەكلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشتى. يەنە بەزىلەر ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ۋەزىيىتىگە قىزىقىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلارنىڭ مەزكۇر ئەھۋالنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۇنى تېخىمۇ كەڭ تونۇتۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشتى. يىغىندا ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيتوف ئەپەندى سۆز قىستۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، تېخى يېقىندىلا يەكەن ۋەقەسى يۈز بېرىپ، يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدا سىياسىي سەۋەبلەردىن تۈرمىگە كىرىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن قويۇۋېتىلگەن كىشىلەرنىڭ تۈرمىدىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنىڭ كۆچۈرۈلۈشى ۋە ياكى تۈرلۈك سىناقلارغا ئېلىنىشى ۋە شۇ سەۋەبلىك ئىچكى زەخىملىنىشتىن يۈز بەرگەن بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئېتىن گۇتمان ئەپەندى ئالىم ئەپەندىنىڭ سۆزىنىڭ ئاساسى بارلىقىنى، قولىدا بۇ ھەقتە ئېنىق ئىسپات بولمىسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ئېھتىمالغا يېقىنلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.
قىرغىنچىلىق ناملىق كىتابنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئالىم سېيىتوف ئەپەندى مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر كۈچلۈك ئىسپاتى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، بۇ ماتېرىياللارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايىتىنى ئىسپاتلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.