دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتايدىكى ئىچكى ئەزا، يەنى ئورگان ئەتكەسچىلىكى» ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى.
مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى 13-دېكابىر كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن د ئۇ ق ئېكولوگىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر توختى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بۇ يىغىنغا قاتناشتى ۋە ئايرىم-ئايرىم گۇۋاھلىق بەردى.
د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بۈگۈن لوندوندىن بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا خىتايدىكى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىچكى ئورگان تىجارىتى ۋە شۇنىڭغا دائىر مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغان ئىكەن.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر يىغىننى ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيۇشتۇرغان ۋە رىياسەتچىلىك قىلغان. كۆپلىگەن دۆلەتلەردىن كەلگەن سەھىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى پائالىيەتچىلەر خىتايدىكى ئورگان تىجارىتى مەسىلىسى بويىچە دوكلات بەرگەن. ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان گۇۋاھچىلار نەق مەيداندا گۇۋاھلىق بەرگەن.
«خەلقئارا خرىستىئان ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى، ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى بېننىدېكت روگېرت ئەپەندى، خىتايدىكى ئورگان تىجارىتى ھەققىدە كۆپلەپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان ۋە كىتابلار نەشر قىلغان ئېتىن گۇتمان ئەپەندى، «ئورگان تىجارىتىگە قارشى ھەرىكەت تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى بېكىر جېيمىس خانىم، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە فىلىم رېژىسسورى ئاندى مودې ئەپەندى، تەيۋەن ئورگان تىجارىتىگە قارشى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئالېكىس چېڭ، دوكتور ئادنان شەرف ئەپەندى، ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەردىن ئەنۋەر توختى ۋە د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسادىن ئىبارەت 9 كىشى بۇ قېتىمقى يىغىندا گۇۋاھلىق نۇتقى سۆزلىگەن.
مۇتەخەسسىسلەر بۇ يىغىندا خىتايدىكى ئورگان ئەتكەسچىلىكىنىڭ ئادەتتىكى بىر تىجارەت كەبى تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى، تېخىمۇ كۆپ مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ مەجبۇرى ئېلىنىپ، سېتىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نۇتقىدا ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ ھەمدە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ سېتىلىش مەسىلىسى ۋە بۇ ھەقتىكى گۇمانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ د ن ئا ئەۋرىشكىسىنى يىغىشىنىڭ ماھىيەتتە ئورگان تىجارىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى مۈمكىنلىكىنىمۇ تەكىتلىگەن.
د ئۇ ق ئېكولوگىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر توختى ئەپەندىمۇ يىغىندا سۆز قىلىپ، خىتايدىكى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئورگان تىجارىتى مەسىلىسى ئۈستىدە ئۆز تەجرىبىلىرىنى، كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ سۆزىدە ھېچ بىر ئۇيغۇرنىڭ مەيلى ھايات چېغىدا بولسۇن ياكى ئۆلگەندىن كېيىن بولسۇن، ئۆزىنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى خالاپ تەقدىم قىلمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەم دىنىي ئۆرپ-ئادەتلىرىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە خىتاي تىجارەت قىلىۋاتقان ئىچكى ئەزالارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىي مەھبۇسلار، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىرى ئالداپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نۇتۇقىنىڭ ئاخىرىدا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئورگان تىجارىتى مەسىلىسىگە جىددىي قاراشقا، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ تەدبىرلىرىنى تېپىپ چىقىشقا چاقىرغان.
0:00 / 0:00