ئۆتكەن يىلى 5-ئايدا غۇلجا دادامتۇدا يۈز بەرگەن ۋە بۇ يىل 1-ئايدا سوت ھۆكۈمى چىقىرىلغان ئۆسمۈر بالىلار مىللىي توقۇنۇش ۋەقەسى ھەققىدە بىز ئۆتكەن ئايدا بىر قاتار مەلۇماتلارنى ئېلان قىلغان ئىدۇق. مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈن ئىگىلىشىچە، ئۆسمۈر مەھكۇملار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ھۆكۈمگە نارازىلىق ئەرزى ھازىرغا قەدەر جاۋابسىز قالدۇرۇلغان. تاقەتسىزلەنگەن ئائىلىلەر نۆۋەتتە ئەرز-شىكايەت ئۈچۈن بېيجىڭغا بېرىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلماقتا.
ئۆتكەن يىلى مۇشۇ ئايدا، غۇلجا دادامتۇ ئوتتۇرا مەكتىپىدە خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. توقۇنۇشتا ھەر ئىككى تەرەپتىن ئوقۇغۇچىلار يارىلىنىش بىلەن بىرلىكتە، بىر خىتاي ئوقۇغۇچى سۇدا بوغۇلۇپ ئۆلگەن. گەرچە ئۇنىڭ سۇدا ئۆلۈشىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىۋاسىتە سەۋەبكارلىقى بولمىسىمۇ، خىتاي سوتى 3 نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈرنى 5 ۋە 6 يىللىقتىن قاماققا ھۆكۈم قىلغان. مەھكۇملار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى غۇلجا شەھەرلىك سوتنىڭ بۇ ھۆكۈمىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئوبلاستلىق سوتقا ئەرز سۇنغان. ئىگىلىشىمىزچە، ئۇلارنىڭ بۇ ئەرزى ھازىرغىچە جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن. 3 نەپەر ئۆسمۈر يەنىلا قاماقتا ياتماقتا. ئائىلىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ قىسمىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئاخىرقى چارە سۈپىتىدە ئەرز-شىكايەت ئۈچۈن بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىقماقچى.
بىز مەزكۇر ئائىلىلەرنىڭ ئەرزىنىڭ خىتاي قانۇنى بويىچە ئېيتقاندا ھەقلىق ياكى ئەمەسلىكى ۋە ۋەقەدىكى خىتاي ئۆسمۈرنىڭ ئۆلۈمىگە كىم ياكى كىملەر جاۋابكار بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ئەپەندىنىڭ پىكىرلىرىنى سورىدۇق. ئىلشات ئەپەندى سۆزىدە، ئارىلىرىدا كۈچلۈك بىر مىللىي زىددىيەت بولغان ئىككى مىللەت ياشلىرىنى بىر مەكتەپتە ئوقۇتۇشنىڭ، ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق سەۋەب ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئىلشات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئوخشىمىغان تىل، ئوخشىمىغان مەدەنىيەتتىكى بالىلارنى بىر مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئەسلىدە خاتا ئىش ئەمەس، شەرت: ئەگەر مىللەتلەر ئارىسىدا ھوقۇق جەھەتتىن تەڭ-باراۋەرلىك بولسا ۋە ئارىلىرىدا نەپرەت ۋە زىددىيەت بولمىسا. ئىلشات ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئارىسىدىكى ئۆچمەنلىك تۇيغۇسىنىڭ پەللىگە چىققانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، جايلاردا ئۇيغۇر ۋە خىتاي مەكتەپلىرىنى بىرلەشتۈرۈۋېتىشنى مىللەتلەر ئارىسىدا قەستەن ۋەقە پەيدا قىلىش دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر-خىتاي مەكتەپلىرىنى بىرلەشتۈرۈۋېتىشىنى ئاسسىمىلياتسىيە قەدىمىنى تېزلىتىش تەدبىرى دەپ قاراش بىلەن بىرلىكتە، ھەر ئىككى مىللەت پەرزەنتلىرىنى خەۋپ-خەتەرگە ئىتتىرىش دەپ تەنقىد قىلدى. ئىلشات ئەپەندى يەنە، ئامېرىكادا ھەر مىللەت پەرزەنتلىرىنىڭ ئىناق ۋە باراۋەر ئوقۇۋاتقانلىقىنى، بۇنداق بولۇشىغا بۇ يەردىكى مەكتەپلەردە بۇ بالىلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك تەربىيىسى بېرىۋاتقانلىقىنى، خىتاي مەكتەپلىرىدە بولسا، خىتاي مىللەتچىلىك ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىپ ئىككى مىللەت ئۆسمۈرلىرىنى بىر-بىرىگە كۈشكۈرتۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىلشات ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى بىر مەكتەپكە يىغىشتەك بۇ خەتەرلىك تەدبىرىدىن ۋاز كەچمىسە، بۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا بۇنىڭدىنمۇ چوڭ ۋەقەلەرنىڭ چىقىدىغانلىقىنى، ئۆسمۈرلەر ئارىسىدىكى بۇ توقۇنۇشنىڭ ئىككى مىللەت ئاتا-ئانىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشقا ئۆزگىرىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.