ئۇچتۇرپاندا خىتاي ساقچىلىرى بىلەن گۇماندارلار ئارىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن

0:00 / 0:00

پىچان لۈكچۈندە يۈز بەرگەن ئۇيغۇر پىدائىيلارنىڭ ساقچىخانىغا ئوت قويۇپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن ئىككى كۈن كېيىن، ئاقسۇنىڭ ئۇچتۇرپان بازىرىدىمۇ بىر مەيدان قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

ۋەقەدە ئاقسۇ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى رازۋېدكا بۆلۈمىنىڭ ساقچىسى ئەنۋەر ئەيسا پىچاقلىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئېغىر يارىلانغان. ۋەقە 6-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۇچتۇرپان بازىرىنىڭ قاشبويى ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى يېڭى مەھەللە مەسچىتىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقە ساقچىلارنىڭ ساقال قويغانلارنى ۋە لېچەك ئارتقانلارنى تەكشۈرۈش نىشانى قىلىپ كوچا چارلاۋاتقان مەزگىلىدە يۈز بەرگەن. ۋەقەدىن كېيىن ئۇچتۇرپان ۋەزىيىتى تېخىمۇ جىددىيلىشىپ خىتاينىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى تېخىمۇ كېڭەيتىلگەن ۋە كۈچەيتىلگەن.

ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك ھۆكۈمەت خىزمەت بىناسىدا نۆۋەتتە تۇرۇۋاتقان بىر خادىمنى زىيارەت

مۇخبىر: سىز نۆۋەتتە تۇرۇۋېتىپسىز، بولۇۋاتقان ئىشلاردىن خەۋىرىڭىز بار تۇرۇۋاتامسىز ياكى خەۋەرسىزمۇ؟
خادىم: خەۋىرىم بار. بولۇۋاتقان ۋەقەلەر بەك جىق بولغاندىكىن.....

مۇخبىر: سىز خەۋەر تاپقان ئەڭ يېڭى ۋەقە قايسى؟
خادىم: مارالبېشىدىكى ۋەقە....

مۇخبىر: ئۇچتۇرپاندىكىسىنى دەپ بېرىڭ، ئۇ قاچان، قەيەردە يۈز بەردى؟
خادىم: بىر ئاي بوپقالدى، ئۇچتۇرپان بازار ئىچىدە يۈز بەردى. قاشبۇيى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ يېڭى مەھەللە مەسچىتى ئەتراپىدا يۈز بېرىپتۇ دەپ ئاڭلىدىم.

مۇخبىر: بۇ، سىزگە يىغىندا ئۇقتۇرۇلغان ئۇچۇرمۇ، كوچىدىن ئاڭلىغانمۇ؟
خادىم: يىغىندا ئۇقتۇرۇلغان، تېخى بۈگۈنمۇ سائەت 7دە يىغىنغا قاتنىشىپ چىقتىم. شۇجى ھۇشيارلىقىڭلارنى ئۆستۈرۈڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ ھەم ئىدارىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداڭلار دېدى.

ناھىيىلىك پارتكوم بىناسىدا نۆۋەتتە تۇرۇۋاتقان خادىمنى زىيارەت

مۇخبىر: ۋەقە يۈز بەرگەن يەر سىز نۆۋەتتە تۇرۇۋاتقان يەردىن قانچىلىك ئۇزاقتا؟
خادىم: يېڭى مەھەللە مەسچىتى ئەتراپىدا بىر مەھەللە ئارىسىدا يەنى ئاسان قېچىپ كېتەلەيدىغان، مۆكۈۋالالايدىغان پىڭفاڭ ئۆيلەر (يەر ئۆيلەر) بار يەردە يۈز بېرىپتۇ.

مۇخبىر: ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋىرىڭىز بولدىمۇ؟
خادىم: مەن پەقەت كوچىدىن ئاڭلىدىم، بىر جۈمە كۈنى ئىدى، ئۇشتۇمتۇتلا ھەممە يەرنى ساقچى قاپلاپ كەتتى. خىزمەتداشلاردىن ئاڭلىسام، پۇقرادىن بىرى ئۆلۈپتۇ، ساقچىدىن ئىككىسى يارىلىنىپتۇمىش.

مۇخبىر: سىزگە يىغىندا ئۇقتۇرۇلمىدىمۇ؟
خادىم: ياق، ئىدارە باشلىقلىرىغا ئىچكى پايدىلىنىش ماتېرىيالى ئارقىلىق ئۇقتۇرۇپتۇ، بىز كوچىدىن ئاڭلىدۇق.

ناھىيەدىكى بىر قاماقخانا ئىشخانىسىدا نۆۋەتتە تۇرۇۋاتقان خادىمنى زىيارەت

مۇخبىر: ۋەقەدە قانچە ئادەم ئۆلۈپ، قانچە ئادەم يارىلىنىپتۇ؟
خادىم: ئىككى ساقچى يارىلىنىپتۇ، بىرى ئۆلۈپتۇ دېگەندەك گەپلەرنى كوچىدىن ئاڭلىدىم(يىغىندىن ئەمەس)

مۇخبىر: ۋەقە نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىقىپتۇ؟
خادىم: مەسچىتكە ماڭغان كىشىلەرنىڭ ساقىلىنى تەكشۈرۈۋاتقان ئىكەن.

بىر ئىدارە باشلىقىنى زىيارەت

مۇخبىر: ۋەقەنىڭ باش-ئاخىرىدىن خەۋىرىڭىز بولدىمۇ؟
خادىم: بىر قىسمىدىن خەۋىرىم بولدى.

مۇخبىر: ۋەقە سادىر قىلغۇچىلار كىملەر ئىكەن؟
خادىم: ئۇنى بىلمىدىم، بىلىدىغىنىم يارىلانغۇچى ساقچى ئەنۋەر ئەيسا، ئۇ شۇ كۈنى ئاقسۇدىكى دوختۇرخانىغا يۆتكىلىپتىكەن، ئۆلگەنمۇ، ھاياتمۇ ئۇقمايمەن.

ئۇچتۇرپان بازارلىق ساقچىخانىنى زىيارەت

مۇخبىر: ۋەقەدە يارىلانغان ئەنۋەر ئەيسا سىلەرنىڭ ساقچىخانىنىڭ خادىمىمۇ؟
خادىم: ياق، ئۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى رازۋېدكا بۆلۈمىنىڭ ساقچىسى.

مۇخبىر: ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قانداق.
خادىم: ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ.

ئۇچتۇرپان ياكۆۋرۈك ساقچىخانا باشلىقىنى زىيارەت

مۇخبىر: ۋەقە قانداق سەۋەبتىن كېلىپ چىققان؟
خادىم: دېلوغا مەن ئارىلاشمىدىم. خىزمەتداشلاردىن ئاڭلىشىمچە، ۋەقە كوچا چارلاش جەريانىدا، ساقاللىق بىرىنى تەكشۈرۈش داۋامىدا يۈز بېرىپتۇ.

مۇخبىر: ۋەقەدە ئۆلگەن، يارىلانغانلارنىڭ سانى قانچە ئىكەن؟
خادىم: بۇ ھەقتە مەخسۇس مەلۇمات تاپشۇرۇپ ئالمىدىم. ئاڭلىغىنىم گۇماندار ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈپتۇ، خىزمەتدىشىمىز ئەنۋەر ئەيسا يارىلىنىپتۇ، ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن.

مۇخبىر: قايسى كۈنى، سائەت نەچچىدە يۈز بېرىپتۇ؟
خادىم: 6-ئاينىڭ 28-كۈنى، پىچاندا ۋەقە يۈز بېرىپ ئىككى كۈندىن كېيىن، جۈمە كۈنلۈكتە، جۈمەدىن بۇرۇن سائەت 11 لەردە يۈز بېرىپتۇ.

يۇقىرىدا ئۇچتۇرپاندا خىتاي ساقچىلىرى بىلەن گۇماندارلار ئارىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.